ئۇيغۇر تارىخىدىن تامچىلار

20-19-ئەسىر ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان تارىخى ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەزكۇر نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا ئۇيغۇر سىياسىي قىسمەتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس.

222967
ئۇيغۇر تارىخىدىن تامچىلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 18- 19- ئەسىرلەردە مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي ھاياتىدا زور ئۆگىرىشلەر يۈز بەردى.
موسكۋا دۆلىتىدىن تەرەققىي قىلغان رۇس دۆلىتى 18-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئىمپېرىيە دەۋرىگە كىرىپ، شىددەت بىلەن شەرققە قاراپ كېڭىيىشكە باشلىدى. رۇس ئىمپېرىيەسىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى 18-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قازاقىستاننىڭ شىمالىدىكى جايلارنى ئىگىلەپ، ھازىرقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارباغاتاي ۋە ئالتاي رايونلىرىغا يېقىنلاشتى. شەرقتىكى مانجۇرىيەدىن باش كۆتۈرگەن مانجۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا جۇڭغار خاندانلىقىنى ۋە ئارقىدىن قەشقەرىيەنى بويسۇندۇرۇش بىلەن رۇس-مانجۇ كۈچلىرى مەركىزىي ئاسىيادا ئۇچراشتى. لېكىن، رۇسلار تاكى 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسيادىكى قوقان خانلىقى، بۇخارا ئەمىرلىكى ۋە خىۋە خانلىقلىرىغا قارشى ئۇرۇش باشلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما رۇس قوراللىق كۈچلىرى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ جەنۇبىي، يەنى يەتتىسۇ رايونلىرىنى ئىگىلەپ، ئىلى ۋادىسى بىلەن چېگرىلاندى.
تارىخ 19-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغا كىرگەندە پۇتۇن قەشقەرىيە قوزغىلاڭ ئوتلىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن 1863-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جاھانگىر خوجىدىن باشلاپ، توختىماي قوزغىلاڭ يۈز بېرىپ، مانجۇ كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىلدى. ئەمما، 1863-1864-يىللىرى پۈتۈن تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ پارتلاپ، ئىلگىرى-كېيىن ئىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارانچى سۇلتانلىقى، قەشقەردە قەشقەر ھۆكۈمىتى، كۇچاردا راشىدىن خوجا باشچىلىقىدىكى كۇچار خانلىقى، خوتەندە خوتەن ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمچىدە تۇڭگان خانلىقى قۇرۇلدى، مەنچىڭ ھاكىمىيىتى پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقىتىلدى.
مانا بۇ ۋاقىتتا، رۇسلار ئالمۇتانى مەركەز قىلىپ، قوقان خانلىقىغا قارشى ئۇرۇشنى باشلىغان بولۇپ، مىلادى 1865-يىلى تاشكەنتنى ئىشغال قىلدى، ئارقىدىن 1868-يىلى بۇخارا ئەمىرلىكىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، بۇخارا بىلەن كېلىشىم تۇزدى. 1867-يىلى تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورلۇقىنى قۇرۇپ، پۇتۇن غەربىي تۈركىستاننى ئۆز ئىدارىسى ئاستىغا كىرگۈزمەكچى بولدى، ئەمما قوقان خانلىقى پەرغانە ۋادىسىدا، بۇخارا ئەمىرلىكى ۋە خىۋە خانلىقى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەردى.
قەشقەرىيەدە بولسا، 1867-يىلى، ياقۇپ بەگ پۈتۈن ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي قىسىمنى بىرلىككە كەلتۈردى. ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىيىشى رۇسلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ياقۇپ بەگنىڭ ئىلى ۋە يەتتىسۇغا كېڭىيىشىنى توسۇش مەقسىتىدە رۇسىيە 1871-يىلى ئىلىنى بېسىۋېلىپ، 10 يىل تۇتۇپ تۇردى.
ياقۇپ بەگنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى، ئۇلۇغ بىرىتانىيە ۋە چار رۇسىيە ئارىسىدا ئوينىغان دىپلوماتىيە ھەرىكەتلىرى نەتىجە بەرمىدى. ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئىمپېرىيەلەر ئارىسىدىكى خەلقئارالىق چوڭ ئويۇندا بەرىبىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىدى.
مىلادى 1876-1878-يىللىرى، رۇسىيەنىڭ ياقۇپ بەگ دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلماسلىق سىياسىتى نەتىجىسىدە، چىڭ قوشۇنلىرى قەشقەرىيەنى ئىشغال قىلدى. مىلادى 1881-يىلى رۇسىيە ۋە چىڭ ئىمپېرىيەسى ئارىسىدىكى «پېتېربۇرگ شەرتنامىسى» ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرالىرى بېكىتلدى ۋە ئىلى چىڭغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.
مىلادى 1884-يىلى چىڭ ئىمپېرىيەسى بۇرۇنقى ئىلى گېنېرالىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ئۆلكە تۈزۈمى ئورنىتىپ، شەرقىي تۈركىساننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى «شىنجاڭ» يەنى « يېڭى چېگرا» مەنىسى بىلەن ئاتاپ، ئۆلكە ھاكىمىيىتى ئورناتتى ھەمدە بىر قاتار سىياسەت يۈرگۈزۈپ، بۇرۇنقى ئۇيغۇر ھاكىمبەگلەرنىڭ ئورنىنى بىكار قىلدى. باج سېلىق ۋە باشقىلاردا ئوزگەرتىش ئېلىپ باردى.
-1911يىلى شىنخەي ئىنقىلابى بىلەن مەنچىڭ ھۆكۈمىتى يىقىلىپ، 1912-يىلى خىتايدا تۇنجى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. نەتىجىدە، مانجۇلارنىڭ 400 يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن ھاكىميىتى يوقىلىپ، خىتاي مىللىتىنىڭ مىللىي ھاكىمىيىتى قۇرۇلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ئىچكى ئۇرۇش، مىلىتارىستلار ئۇرۇشى دەۋرىنى ھەمدە كوممۇنىستلار بىلەن گومىنداڭ ئارىسىدىكى ئۇرۇش دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈردى. «شىنجاڭ ئۆلكسى» دەپ ئاتالغان شەرقىي تۈركىستان 1912-يىلىدىن كېين ياڭ زېڭشىننىڭ مىلىتارىست ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئۆتتى، ئەمما، 1931-يىلىدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭى كېڭىيىپ، 1933-يىلى 12-نويابىردا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلدى. لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن 1934-يىلىدىن كېين ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق شېڭ شىسەي يەنە باستۇرۇش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە، 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا ئىككىنچى قېتىملىق مىللىي ئازادلىق كۈرىشى ئەۋجى ئېلىپ، 1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلدى، بۇ ھاكىمىيەت ھەر خىل دەۋر شارائىتلىرى ئاستىدا ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتكە كۆرە، 1949-يىلى 10-ئايدا ئاخىرلاشتى. بۇ ۋەقەلەردە موسكۋانىڭ رولى زور بولدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ 19-20-ئەسىرلەردىكى سىياسىي تارىخى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇ ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرلىرىگە ئۇچرىدى، ئۇلارنىڭ كۈرەشلىرى غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەت بىلەن تولدى. 19-20-ئەسىر ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان تارىخى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەزكۇر نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا، ئۇيغۇر سىياسىي قىسمەتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر