كىمنى ئۈلگە قىلىش قىلىش كېرەك

ئىجتىمائىي زىددىيەت بىلەن تولۇپ تاشقان كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ياخشى بىلەن ياماننىڭ ئۈلگىلىك شەخسلىرى شەكىللىنىدۇ. ياخشىلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىش تەۋسىيە قىلىنسا، ياماندىن ئىبرەت ئېلىش ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ قەدىم پىرىنسىپلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

283127
كىمنى ئۈلگە قىلىش قىلىش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ يەر يۈزىنى ماكان تۇتقان ئىنسانىيەت ئائىلىسى، دېگۈدەك بىر زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر خىل مەھسۇلاتقا ئوخشاش تەڭ ئۆلچەمدىكى بىر خىل جانلىق بولماستىن، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ھەر بىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىلىكلەر بىلەن باشقىسىدىن پەرقلىنىدۇ.مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۆرۈنۈشى جەھەتتىن چەكسىزدەك تۇيۇلىدىغان كشىلىك ئىرادە، ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېر تىكلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئىنسان تەبىئىتىگە تۇغۇلما قابىلىيەت سۈپىتىدە ئورونلاشتۇرۇلغان ياخشى بىلەن ياماننى ئۆز ئىختىيارى بىلەن تاللاش ئىقتىدارى، ئۇنى باشقىلاردىن ئايرىپ تۇرغۇچى ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەمئىيەتتە ياخشىلار بىلەن يامانلار داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ كۈرىشى قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ.ئىجتىمائىي زىددىيەت بىلەن تولۇپ تاشقان كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ياخشى بىلەن ياماننىڭ ئۈلگىلىك شەخسلىرى شەكىللىنىدۇ. ياخشىلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىش تەۋسىيە قىلىنسا، ياماندىن ئىبرەت ئېلىش ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ قەدىم پىرىنسىپلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، 2015 – يىلى يېڭى يىلدىن باشلاپ ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئاڭلىتىلىدىغان «ئىسلام دىنىنىڭ ئۈلگىلىك شەخسلىرى» ناملىق پىروگراممىمىزدا، ئۈلگە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم شەخسلەر توغرىسىدا توختىلىمىز...
ھەر بىر كىشىنىڭ، تۇرمۇشتا رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان پىكىر ۋە خىياللىرى بار. ئىنسانلار قايسى ساھەدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر «ئۇتۇق قازىنىش» ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. قانچىلىك دەرىجىدە نىشانغا يېتەلىسە ئۆزىنى شۇنچىلىك بەختلىك ھېس قىلىدۇ. پەقەت زامانىمىزدا ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئارزۇ-ئىستەكلىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ نۇرغۇنلىغان رىتسىپلىرى مەۋجۇت. ئەگەر يەتمەكچى بولغان ئارزۇلار ئىلگىرى مەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن بولسا، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق مەقسەتكە بىر قەدەر تېزراق يەتكىلى بولىدۇ. بۇ مەقسەتتە دۇنيادا ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن غەلىبىلىك كىشىلەرنىڭ ھايات مۇساپىسى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈش پايدىلىق. شۇنداقلا چوڭ ئىشلارنى قىلىپ ئۆتكەن ئىنسانلارنىڭ كىملەرنى ئۈلگە قىلىش قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىش، ئاندىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭ رېئال ھاياتى ئۈستىدە باش قاتۇرۇش كېلەچەك ھەققىدىكى پىلانلىرىمىزنىڭ ئوبيېكتىپلىقىغا ھەسسە قوشىدۇ.
دەرۋەقە، ئىنسانلار ئەڭ قەدىم زاماندىن تارتىپ ئۈلگىلىك نەسىل شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەپلاتۇننىڭ «جۇمھۇرىيەت»، فارابىينىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى» ۋە توماس مورنىڭ «ئوتوپىيە» ناملىق ئەسەرلىرى ئۈلگىلىك نەسىل يارىتىشنى ئارزۇلاپ كەلگەن. جەڭلەردە، ئىتتىپاقلىقتا، تۇرمۇشنىڭ دەرد – ئەلەملىك ۋە خۇشال كۈنلىرىدە ئۆزلىرىگە ئۈلگە بولىدىغان بىر نەسىلنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان. بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۈلگىلىك نەسىلنىڭ كامالەتكە يەتكەن ئىنسانلارغا ئۈلگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان. قىسقىسى، پەيلاسوپلار بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالغان، شائىرلار بۇ تېمىدا شېئىرلار يازغان. پەيغەمبەرلەر ئۈلگىلىك نەسىل يېتىلدۈرۈشنى ئۆزلىرىگ ۋەزىپە قىلغان.
قۇرئان ئىنساننىڭ ھاياتتا قولغا كەلتۈرۈشنى ئازرۇ قىلغان نەرسىلىرىنى ئۇلارغا بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن نازىل بولغان. قىسقىسى، قۇرئان ئىنسان ئۈچۈن ئىنسانغا نازىل بولغان. ئۇ، ئىنسانغا قائىدە-قانۇنىيەت ئىچىدە ھەرىكەت قىلغاندا ۋە ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەندە ھەقىقىي بەخت-سائادەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئۆز قولى بىلەن ياراتقان مۈشكىلاتلار سەۋەبىدىن ئۆزىنى بەختسىزلىككە ئىتتىرگەن بولىدۇ. قۇرئان كىمنى ئۈلگە تىكلەش، كىمدىن ئىبرەت ئېلىش كېرەكلىكىنى ئاشكارا ھالدا بايان قىلغان. بۇنىڭ فورمۇلاسىنى قۇرئاننىڭ بېشىدىكى فاتىھە سۈرىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان.بۇ سۈرىدە ئاللاھ تائالا نېمە دېيشىمىزنى بىزگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «سەن بىزنى ئىنئامىڭغا ئېرىشكەن، غەزىپىڭگە يولۇقمىغان ۋە توغرا يولدىن ئازمىغان كىشلەرنىڭ يولىغا باشلىغىن.» بۇ ئايەتتە تەلىم بېرىلگەن ئۈلگىلىك كىشى، ئاللاھ تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن، ئىززەت- ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە مۇكاپالانغان كىشى بولۇشى كېرەك. شۇنىڭدەك داۋاملىق توغرا يولدا ماڭغان ۋە ئازمىغان بولۇشى كېرەك. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، بۇ يولنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ يولى ئىكەنلىكى تەپسىر مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنغان.
بۇ يەردە شۇنى بىلىۋېلىش كېرەككى، دىنىي ھاياتتا ھەر جەھەتتىن تولۇق ئۈلگە قىلىشقا بولىدىغان كىشىلەرنىڭ، پەقەتلا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئىكەنلىكى ھەقىقەت. چۈنكى ئۇلارنى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن تاللىغان ۋە ئۆزى بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ئەلچى قىلىپ تەينىلىگەن. پەيغەمبەلەرنىڭ ئىنسان تۈرى ئىچىدىن بولۇشىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر مەسىلە. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئەڭ تەس ئىمتىھانلار بىلەن سىنىغان. ئەڭ ئېغىر ۋەزىپىلەرنى يۈكلىگەن. ئۇلارمۇ بەشەرى تەرەپلىرى بىلەن بىزگە ئوخشاش ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرى ياشىغان دەۋرنىڭ شەرت-شارائىتلىرىدا ئىنسانلارغا ئۈلگە بولۇش ۋەزىپىلىرىنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئادا قىلغان. بىر كىشىنىڭ باشقىلارغا ھەقىقىي مەنىدە ئۈلگە بولالىشى ئۈچۈن، ئۈلگە بولۇش شەرتلىرىنى تولۇق ئورۇندىغان بولۇش كېرەك. ئىنسانلارنىڭ ھەر دائىم كەمچىلىك ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى مەۋجۇتتۇر. پەقەت پەيغەمبەرلەرنىڭلا كەمچىلىكلىرى بىۋاستە ئاللاھ تائالا تەرىپدىن تۈزۈتۈلۈپ، ئىنسانلارغا توغراش رەۋىشتە يەتكۈزۈلگەن. ئەمما پەيغەمبەرلەردىن باشقا ئىنسانلارغا بۇنداق ئىمكانىيەت بېرىلمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز، بىزگە مۇتلەق ئۈلگە بولالايدىغان كىشلەرنىڭ ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن پەيغەمبەلەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز.
ھەممىزگە مەلۇمكى، ھەر پەيغەمبەر ئۆز دەۋرىدە يۈرۈش- تۇرۇشلىرى، گەپ- سۆزلىرى ۋە خۇلق- مىجەزلىرى بىلەن ئۈلگە ئىدى. ئىنسانلار، ئۇلار ياشىغان دەۋردىن يىراقلاشقانسېرى دىن نامىغا بەزى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان بولسا، بەزىدە پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم نەرسىلەرنى مۇھىم دەپ قارىمايدىغان كۆزقاراشلارغا ئىگە بولۇپ قالغان ئىدى. بۇنىڭ نۇرغۇنلىغان سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىر پەيغەمبەر بىلەن ئۇنىڭ كېيىن دۇنياغا كەلگەن بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئەتلىرىدە ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇتتۇر. بۇ ھەقتە مائىدە سۈرىسىنىڭ 48- ئايتىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (قۇرئاننى) چۈشۈردۇق. سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا چۈشۈرگەن قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. ساڭا كەلگەن ھەقتىن چەتنەپ ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ سالمىغىن. (ئى ئۈممەتلەر!) سىلەردىن ھەر بىر ئۈممەتكە بىر شەرىئەت ۋە ئوچۇق تەيىن قىلدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا، ئەلۋەتتە ھەممىڭلارنى يېگانە بىر ئۈممەت قىلغان بولاتتى. لېكىن سىلەرنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنداق قىلمىدى».
بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە باركى، مۇسۇلمان ئالىملار ئۇزاق ئۆتمۈشتىن تارتىپ، پەيغەمبەرلەرنى تەقلىد قىلش ياكى ئۇلگە قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ كەلگەن. قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىشنى تەنقىد قىلغان. چۈنكى تەقلىد كۆپىنچە شەكىل بىلەن چەكلىنىدۇ. لېكىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى ئۈسىتدە پىكىر يۈرگۈزۈش، ئۇنىڭدىن ئومۇمىي قائىدىلەرنى بەلگىلەپ چىقىپ، دىننىڭ ئاساس مەنبەلىرىدىن دەماللىققا ھۆكمى تېپىلمايدىغان بەزى نەرسىلەر ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش مەسىلىنىڭ ماھىيتىىنى بىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ھېچقاچان بىر كىشىنىڭ پىكرىنى، ئەخلاقىي ۋە خاراكتېرىنى تەقلىد قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن فىقىھ ئىلمىدىكى «بىر ئالىمنىڭ كۆزقاراشلىرىنى دەلىل تەلەپ قىلماستىن قوبۇل قىلىش» مەنىسىدىكى تەقلىد ھەققىدە ئالىملار تەرىپىدىن مەلۇم شەرتلەر ئالغا سۈرۈلگەن. پەقەت ئېتىقادى ماۋزۇلاردا تەقلىد مۇناسىپ كۆرۈلمىگەن. چۈنكى ئىماندا قەتئىي ئىشەنچ شەرت.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ھاياتىمىزنى پۈتۈنلەي قورشاپ تۇرىدىغان دىنىي مۇھىتتا، شۇنداقلا ئاق بىلەن قارا، ھەق بىلەن ناھەق ئارىلىشىپ كەتكەن ۋاقىتتا بىزگە ئەڭ توغرا كۆرۈنىدىغان مەنبە قۇرئان ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بىزگە كۆرسەتكەن ئۈلگە ھەقىقىي ئۈلگە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ چەكلىگەن يول ئاقىۋەتتە ئەڭ خەتەرلىك يول بولۇپ چىقىدۇ. بۇ جەھەتتە بىز ئەڭ ياخشى مىساللار پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىن تېپىلىدۇ. ئۇنىڭغا چىڭ يېپىشقاندا توغرا يولدىن ئاداشمايمىز، ھەقىقەتكە ئەڭ قىسقا يولدىن يېتەلەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىنكى پىروگراممىلىرىمىزدا، پەيغەمبەلەرنىڭ ھاياتىدىن ئۈلگە قىلىشقا بولىدىغان نۇقتىلىق ھادىسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر