بۈگۈنكى خۇتبىمىزنىڭ تېمىسى «مەۋلۈت»

بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقان توختىماس زۇلۇم - سېتەملەر، يۈرەكلەرنى مۇجۇۋاتقان زورۋانلىق، دەريا - دەريا ئېقىۋاتقان قان، توختىمايۋاتقان كۆز ياشلىرى، يوقۇتۇپ قويۇلۇۋاتقان ئۈمىدلەر، يوق قىلىپ تاشلىنىۋاتقان ھاياتلار، ئىنسانىيەتنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ۋىجدان سىنىقىدىن ئۆتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

168095
بۈگۈنكى خۇتبىمىزنىڭ تېمىسى «مەۋلۈت»

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

مەۋلۈت؛ رەھمەت ئەلچىسىنىڭ دۇنياغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى بىلدۈرىدۇ

ئەزىز قېرىنداشلار، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز: «ئىي پەيغەمبەر! بىز سېنى بىر شاھىت، خۇشخەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۈرغۇچى ۋە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆز يولىغا چاقىرىدىغان دەۋەتچى ھەمدە (زۇلمەتلەرنى) يورۇتقۇچى چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق» دەيدۇ. (سۈرە ئەھزاب 45 – ۋە 46 ئايەت)

ھەدىس - شەرىپتە بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ماڭا ئىتائەت قىلغان كىشى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان ۋە ماڭا قارشى چىققان كىشى ئاللاھقا قارشى چىققان بولىدۇ» دەيدۇ. (بۇخارى، جىھاد بابى، 110 – ھەدىس)
ئەزىز قېرىنداشلار! مانا بۈگۈنكى جۈمە كۈنى مۆمىنلەرنىڭ بايرام كۈنى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مەۋلۈت كۈنى، يەنى خۇشاللىق ۋە سۆيۈنۈش كۈنىدۇر. بۈگۈن ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى مۇھەممەد مۇستافا سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. بۈگۈن ئىنسانىيەت ئەڭ مۇقەددەس بىر تۇغۇلۇشقا شاھىت بولغان مۇبارەك بىر كۈندۈر. بۈگۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قاراڭغۇلۇققا ۋە ئەڭ شوملۇققا تولغان بىر دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشقا يۈز تۇتقان كۈنىدۇر. بۈگۈن ئادەم ئەۋلاتلىرىنىڭ پىكىر – ئىدىيەسىنى چىرمىۋالغان كۇپىر ۋە جاھالەت بۇلۇتلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم تارقىلىپ كېتىشكە مەھكۇم بولغان كۈنىدۇر. بۈگۈن ئاسمان ۋە زېمىن مۇھەممەدنىڭ نۇرىغا چۆمۈلگەن بىر كۈندۈر.
ئەزىز قېرىنداشلار! مۇقەدەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز مۆمىنلارغا نىسبەتەن ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك دەپ كۆرسىتىلىدۇ. (سۈرە ئەھزاب 21 – ئايەتكە قارالسۇن) پەرۋەردىگارىمىزنىڭ سۆيگۈسىگە مەزھەر بولالىشىمىزنىڭمۇ ئۇنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرى سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىدىن مېڭىشىمىزغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. (سۈرە ئەلئىمران 31 – ئايەتكە قارالسۇن) شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ – مۇھەببىتىمىز بىر ئىنسانغا قارىتىلغان ئەڭ مۇقەددەس سۆيگۈ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى گۈزەللىكلەر يولى، ھەق، ھەققانىيەت، ئادالەت، ساداقەت ۋە ئېسىل ئەخلاقنىڭ يولى ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى، ئۆزئارا مېھرى - شەپقەت، بىرلىك ۋە باراۋرەلىكنىڭ جۈملىدىن ھەر ئىككى ئالەمدە بىزنى بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ قۇتلۇق يولى ھېسابلىنىدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبىرىمىز سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىژ – پىژ چاللۈكنىڭ بەرەكەتسىز تۇپراقلىرىدا ياشايدىغان سەھرالىق ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپقان بىر خەلق توپىدىن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىنى ياراتقۇچى ئەڭ مەدەنىي بىر خەلق توپىنى بەرپا قىلىپ چىققان ئىدى. خارلىق ۋە زەبۇنلۇقنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ھاڭلىرىغا دومىلىغان ئىنسانىيەتنى ئۇلۇغۋار قىممەت قاراشلارغا ئىگە قىلغان ئىدى. ئۆچ – ئاداۋەت ۋە ئىنتىقام ۋولقانىغا ئايلانغان كىشىلەرنى سۆيگۈ مۇھەببەت ۋە مېھرى شەپقەتنىڭ بۇلاقلىرىغا ئايلاندۈرۈپ چىققان ئىدى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن مۆمىنلەرگە نىسبەتەن ھەر زامان ۋە ھەر ئەسىردە ئەڭ ئېسىل ئۈلگىلىك بىردىن - بىر رەھبەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز پەقەت ئۇنى ھەقىقەتەن ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە ئەگىشەلىسەكلا، ھاياتىمىزنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىدە ئۇنىڭغا توردىن ئورۇن ئاجرىتالىساقلا، ئۇنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا تەقدىم قىلغان قىممەت قاراشلىرىغا ھەقىقي مەنىدىن رىئايە قىلالىساقلا بولدى.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! مانا ئىنسانىيەت بۈگۈنكى كۈندە، مەيلى شەرق، مەيلى غەرب، مەيلى شىمال، مەيلى جەنۇپ، ھەممىلا يەردە دېگۈدەك ئىنتايىن ئېغىر بىر سىناققا دۇچ كەلمەكتە. بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقان توختىماس زۇلۇم - سېتەملەر، يۈرەكلەرنى مۇجۇۋاتقان زورۋانلىق، دەريا - دەريا ئېقىۋاتقان قان، توختىمايۋاتقان كۆز ياشلىرى، يوقۇتۇپ قويۇلۇۋاتقان ئۈمىدلەر، يوق قىلىپ تاشلىنىۋاتقان ھاياتلار، ئىنسانىيەتنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ۋىجدان سىنىقىدىن ئۆتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۆلۈپمۇ قەلب دۇنيايىمىزدا ئوخشاش كىتاب، ئوخشاش پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ۋە ئوخشاشلا ھېسسىياتلارنى ئورتاقلىشىدىغان تۇرۇقلۇق، بىر – بىرىمىزگە كۆرسىتىۋاتقان رەھىمسىزلەرچە پوزىتسىيەلىرىمىز ھەممىمىزنى چوڭقۇر ئازابقا مۇبتىلا قىلماقتا.
ئەزىز قېرىنداشلار! شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، بۇ كېلىشىمەسلىكلەرنىڭ ئالدىدا ھەمىمىزنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىز بار. كىتابىمىز قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغان ئۇلۇغ قىممەت قاراشلىرى بىلەن ھاياتىمىزنى زىننەتلەش ھەمدە ئەشۇ قىممەت قاراشلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھەممىزنىڭ باش تارتىشقا بولمايدىغان ھەقىقىي ۋەزىپىزدۇر. ھەر بىرىمىزنىڭ رەھمەت ئەلچىسى پەيغەمبەرىمىز سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن ھەق، ھەققانىيەت، ئۆزئارا مېھرى - شەپقەت، ئادالەت ۋە قېرىنداشلىق ئېڭىنى ئائىلىمىزگە، جەمئىيىتىمىزگە، بارلىق خەلقىمىزگە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۆزلەشتۈرۈش بۇرچىمىز بار. ھەممىمىز بۇ بۇرچىمىزنى ئادا قىلىدىغانلا بولساق، پۈتۈن ئىنسانىيەت تەشنا بولۇۋاتقان گۈزەل كۈنلەرگە، بەخت - سائەت دەۋرىگە قايىتىدىن ئېرىشەلەيمىز. ئەنە شۇ چاغدىلا دۇنيا ھەقىقىي مەدەنىيەت دېڭىزىغا قايتىدىن يەلكەن ئاچالايدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۈتى بىزنىڭ دۇنيايىمىزدا ھەقىقىي مەنىسىنى تاپقان بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈلگىلىك رەھبەرلىكىلا مۇسۇلمانلار جۈملىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەت مۇبىتلا بولغان نۆۋەتتىكى چېگىشلىكلەرنىڭ ھەل قىلىشقا ھەمدە تەشنا بولۇۋاتقان يورۇقلۇققا ئېرىىشىشىگە، ھەققىي ۋىجدان ۋە ئىنساپ ئىگىسى بولۇشىغا ئېلىپ بارىدىغان بىردىن بىر يولدۇر.
ھۆرمەلىك ئەزىز قېرىنداشلار! مانا بۇ ھېس، تۇيغۇلار بىلەن ھەممىڭلارنىڭ مەۋلۈت بارىمىڭلارنى تەبىكلەيمىز. ئى پەرۋەردىگارىمىز! مەۋلۈتى نەبىۋىنى دۆلىتىمىز، خەلقىمىز، قەلب دۇنيايىمىز ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ۋەسىلە قىلىپ بەرگىن! بىزلەرنى ئۆزۈڭگە ھەقىقىي مەنىدىن بەندە، سۆيۈملۈك پەيغەمبەرىڭگە ھەقىقىي مەنىدىن ئۈممەت بولىدىغانلاردىن قىلغىن! ئامىن!

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر