سېكۇلارىزم ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

سېكۇلارىزم، پۈتۈنلەي دۇنيا ھاياتىنى مەركەز قىلغان ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەرىكەت دىننى ئىجتىمائىي، قانۇنىي ۋە سىياسىي ساھەدىن يىراقلاشتۇرغۇچى بىر خىل پىكىر ئېقىمى.

160787
سېكۇلارىزم  ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دىنىي ھاياتىمىزدا بەزىدە ئۆز خاھىشىمىز بىلەن، بەزىدە بىز خالىمىغان، لېكىن قۇبۇل قىلشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان بەزى نەرسىلەر بار. شۇ بىر ھەقىقەتكى، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن، باشتا بىزگە ئېغىر تۇيۇلغان مەسىلىلەر ئاستا-ئاستا خاراكتېرىمىزگە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇنى ياتسېرىمايدىغان بولۇپ قالىمىز. بەزىدە دىنىي ھاياتىمىزدا بىر نەرسىلەرنىڭ كېمىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز، لېكىن بۇ ھەقتە گۇناھكار ئىزدەپ چىققان ۋاقتىمىزدا، گۇناھكارنىڭ ئۆزىمىز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باققۇمىز كەلمەيدۇ. مانا بۇ يەردە سېكۇلارىزم ئۇقۇمى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈش بىزگە نەزەردىن ساقىت قىلىنىۋاتقان بەزى نەرسىلەرنى ئەسلىتىدۇ.
پەقەت ئىسلام دىنىغىلا ئەمەس، بارلىق دىنلارغا قارشى ئوچۇقتىن ئوچۇق چىرىكلەشتۈرۈش ۋە پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ھەرىكىتى مودېرن ئېقىم بولغان سېكۇلارىزملىق چۈشەنچىدىن كېلىۋاتىدۇ. سېكۇلارىزم، پۈتۈنلەي دۇنيا ھاياتىنى مەركەز قىلغان ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەرىكەت دىنغا تايىنىشنى ياكى دىنىي قىممەتلەرنى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەدىمۇ دىننى مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى ئورۇندا كۆرۈشنىڭ ئەكسىچە، ئۇنى ئىجتىمائىي، قانۇنىي ۋە سىياسىي ساھەدىن يىراقلاشتۇرغۇچى بىر خىل پىكىر ئېقىمى. ئەينى ۋاقىتتا سېكۇلارىزم، ئۆز ئىچىدە نۇرغۇن ئېقىم ۋە نەزىرىيەۋى مەزھەپلەرگە ئايرىلىدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، سېكۇلارىزم ئاتېئىزم ۋە دىنسىزلىق دېگەنلىك ئەمەس. سېكۇلارىزم ئومۇمەن ئىككى خىل ئاساسى كۆزقاراش ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىرىنچىسى، دۆلەت ئاپپاراتلىرى دىنىي قۇرۇلمىلاردىن قەتئىي ھالدا ئايرىلغان. ئىككىنچىسى، ئوخشاش بولمىغان دىنىي چۈشەنچىلەردىكى كىشىلەرنى قانۇن ئالدىدا باراۋەر دەپ قارىغان. بۇ يەردە سېكۇلارىزمنىڭ ئىككىنچى تۈر ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ فىرانسۇز ئىنقىلابى بىلەن ئوخشاش ياشتىكى ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.
خۇسۇسەن مودېرن دەۋردە سېكۇلار دۆلەت چۈشەنچىسىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كېلىۋاتقان خىرىستىيانلار شەخسى ياكى كوللېكتىپ ھالدا ئىنجىلنىڭ تەلىماتلىرىدىن خىلمۇ-خىل دەلىل- ئىسپاتلار كەلتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ماۋزۇ ھەققىدىكى ئاساسى دەلىلى، «سەزەرنىڭ ھەققىنى سەزەرگە، تەڭرىنىڭ ھەققىنى تەڭرىگە بېرىڭلار» دېگەن ئىنجىلنىڭ ئىپادىسىگە تايىنىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ سۆزنىڭ سېكۇلارىزمنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقى ئاشكارا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى خىرىستىيان ئەسلىيەتچى ئېقىملار بۇ مەلۇماتنى ئوخشاش بولمىغان ئىزاھلار بىلەن چۈشەندۈرىدۇ ۋە دىن - دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەققىدە سېكۇلارىزمنىڭ قانۇنىيلىققا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
سېكۇلار پىكىر ئېقىمىدىن ئەخلاق ئۇقۇمىمۇ نىسىۋىسىنى ئالغان. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىدا ئەخلاق تېمىسى دىن بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر خىل چۈشەنچە دەپ تەرىپلىنىدۇ. يەنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا دىنىي ئاساسلارغا تايانمايدىغان كۆپلىگەن قىممەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سېكۇلار ئەخلاق، دىننى تەبىئەتتىن تاشقىرى ۋە ئىلاھىي ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئورنىغا، ئەمەلىيەتچانلىق، ئىلمىيلىك ۋە راتسىئونال ئاساسلارغا تايانغان ئەخلاقى چۈشەنچىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئۇقۇمدۇر.
سېكۇلارىزملىق پىكىر ئېقىمى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئاللاھنى ھېسابقا ئالمىغانلىقتىن ئىجتىمائىي قىممەتلەرمۇ ئۇنىڭغا قاراپ شەكىللىنىدۇ. دىن بىلىملىرى نۇقتىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا، غەرب جەمئىيىتى ئادەتتە سېكۇلار جەمئىيەت دەپ تەرىپلىنىدۇ. شۇنداقلا غەرب دۆلەتلىرىدە رەسمىي بىر دىن مەۋجۇت ئەمەس ۋە دىن ھۆرىيىتى بىلەن كىشى خالىغان دىنغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكىگە ئىگە. گەرچە غەرب دۆلەتلىرىدە دىننى مەنبە قىلغان ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشى ئىختىلاپلىق ماۋزۇلاردا رول ئوينىسىمۇ، سىياسىي مەنىدە ھۆكۈم ئوتتۇرىغا قويۇش ئورنىدا دىننىڭ ھېچقانداق رولى يوق.
ئاساسەن ئومۇمىي قانەئەتتە 17- ۋە 18- ئەسىرلەردە ئوتتۇرىغا چىققان ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىسىدە، دىنىي ۋە تەبىئەت ھالقىغان قىممەت، مەنبە ۋە دەلىللەرنىڭ ئورنىغا، ئىلمىيلىككە ئىگە، ئەقىلنى ئاساسىي ئورۇنغا قويىدىغان دەلىللەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى راۋاج تاپقان.
سېكۇلارىزم دۆلەت باشقۇرۇش شەكلى سۈپىتىدە دىنىي قىممەتلەرنى ئاساس قىلغان دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا، سېكۇلار دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەسلىدە زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن دىنلارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش شەكلى ھەققىدە سىياسىي قىممەت قارىشى مەۋجۇت ئەمەس. بەزىلىرى بولسا، سىياسىي كىملىكلىرى مەيلى دۆلەت ئۇقۇمى نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى بولمسۇن سېكۇلار ۋە دېموكراتىك دۆلەت چۈشەنچىسى بىلەن بىردەكلىشىپ كەتكەن. قانداقلا بولمىسۇن دۆلەتنى دىندىن ئايرىپ باشقۇرۇش ئىدىيەسى ئەتراپىدا تونۇشتۇرۇلغان سېكۇلارىزمدىن قانۇنچىلىق ۋە ھەق- ھوقۇق مەسىلىلىرىدە پەرقلىنىدىغان خىلمۇ خىل دىنىي ئېتىقاد ۋە مەزھەپلەر مەۋجۇت. بۇلار دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ سېكۇلار بولۇشىنى قوبۇل قىلسىمۇ، نۇرغۇن تەرەپلەردىن دىننىڭ، دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىدە مەلۇم جەھەتتە مەنبەلىك رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئىسلام دىنىدىكى ئاساسىي ئىدىيەدە، مۇئەييەن بىر دۆلەت شەكلى مەۋجۇت بولمىسىمۇ، قانۇنلار ۋە بەزى پىرىنسىپلارنىڭ بەلگىلىنىشىدە دىنىي ھۆكۈملەر ئاساس قىلىنىشى كېرەك. سېكۇلارلىشىش مەسىلىسىدە ئىسلامنىڭ نەزىرىيەۋى پىلاندىكى قائىدە-قانۇنىيەتلىرى مۇسۇلمانلارنى دۇنيادىن قول ئۈزمەسلىككە چاقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پەقەت ئۇلارنى غەرب ئەللىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان دىن ۋە دىنىي تەپەككۇرنى چەتكە قاقىدىغان سېكۇلارلىققا قارشى ئاگاھلاندۇرىدۇ. سېكۇلارىزمنى دۇنيا قاراش سۈپىتىدە شەخسلەرنىڭ ۋىجدانلىرىغا قول ئۇزىتالايدىغان سىستېما دەپ قارايدىغان سېكۇلار ۋە لائىك چۈشەنچىگە، ئىسلام دىنى ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتمايدۇ.
يۇقۇرىدىكىلەر بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ بارغانسېرى سېكۇلارلىققا قاراپ ئىلگىرىلىشى، سېكۇلار ھايات شەكلىنىڭ دۇنيا ئىنسانلىرىنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئېلشقا قاراپ يۈز تۇتۇشى، ماددىچى ۋە پوزىتىۋىست چۈشەنچىنىڭ رەھىمسىزلەرچە سېكۇلار تۇرمۇشنى تېز سۈرئەتتە بوداپ بېرىشى، بارلىق دىنلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئىسلام دىنىمۇ بۇ ئەندىشىدىن نىسىۋىسىنى ئېلىپ كېىلۋاتىدۇ. سېكۇلارىزملىق دۇنيا قاراشنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە ئىسلام دۇنياسىدا مودېرن تۇرمۇشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس. بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەسلىدە يۇقۇرىدىكى ئەندىشىنىڭ سەۋەبى بۇيەردە ياتىدۇ. تەبىئىي ھالدا سېكۇلارىزملىق دۇنيا قاراشقا قارشى پۇت تىرەپ كۈرەش قىلىۋاتقان رادىكال ئېقىملارنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر ھەقىقەت. بۇ يەردە شۇنى كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ئىسلامنىڭ سېكۇلارىزم بىلەن بولغان كۈرىشى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر