ھىجرەت ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بارلىق پەيغەمبەرلەر ئېتىقادلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

203440
ھىجرەت ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھىجرەت ئۇقۇمى، دىنىي تارىخىمىزدا ئۇزۇن ئۆتمۈشكە ئىگە. ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېتىقادلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى مەلۇم. جۈملىدىن ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، «مەن رەببىم بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن» دەپ، ئالدى بىلەن پەلەستىن رايونىغا كۆچۈپ كەتكەن ۋە ئۇيەردىن مىسىرغا كۆچۈپ بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، كەنئان دىيارىغا كېلىپ يەرلەشكەن. ھەزرىتى لۇت ئەلەيھىسسالام، پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئەسنادا ھەق دىننى قوبۇل قىلمىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقسىزلىقلىرى ۋە يولسىز ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ئالاھىنىڭ ئەمىرىگە بىنائەن بىر كېچىدە مۇسۇلمان بولغانلارنى باشلاپ ئانا يۇرتىنى تەرك ئەتكەن. شۇئەيىب ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالاملارمۇ يەنە ئوخشاش شەكىلدە يۇرتلىرىنى تاشلاپ باشقا يەرلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. مانا مۇشۇ مەلۇماتلارغا قاراپ ھىجرەتنىڭ، كۆپلىگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدا مەيدانغا كەلگەن مۇھىم ۋەقەلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىگە ئەگەشكەن مۇسۇلمانلار بىلەن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان. يەنى مەككە مۇشرىكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى تەبلىغ قىلىشقا باشلىغان ۋاقىتتىن ئېتىبارەن ئۇنىڭغا قارشى چىقىشقا باشىلغان. بۇ قارشى چىقىش پەقەتلا ئىسلام دىنىنى رەت قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. كۈن ئۆتكەنسېرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ساھابىلىرىگە قارىتىلغان بېسىم ئېغىر قيىن-قىستاقلارغا ئايلىنىشقا باشلىغان. ساھابىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايى-قازا ۋە مۇسبەتلەرنى يوقىتىشقا كۈچى يەتمىگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر بۆلۈك كىشىنى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان. بۇ، ئىسلام دىنىدا كوللېكتىپ ھالدا ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى ھىجرەت ھېسابلىنىدۇ. مەككىدە قىيىن-قىستاقلار چېكىدىن ئېشىپ، مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆزىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمانلارنى ئېلىپ مەدىنە شەھىرىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ ھادىسە ئىسلام دەۋىتىدە ھالقىلىق بىر نۇقتا بولۇش بىلەن بىللە، ئەڭ چوڭ ھادىسىلەردىن بىرى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىگە نەقىشلەنگەن.
مەدىنە دەۋرىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ مەدىنەگە، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كېلىشى بىر مەجبۇرىيەت ئىدى. قۇرئان بۇ چاقىرىققا بويسۇنمىغانلارنى شىددەت بىلەن تەنقىد قىلغان ئىدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. پەقەت مەككە فەتھى قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ بۇيرۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ھەتتا مەككىدىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلىش چەكلەندى.
بۇ يەردە شۇ نەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش لازىمكى، ھىجرەتنىڭ تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن پايدىلىرى بولغاندەك، سىياسىي ۋە قانۇنچىلىق ئىلمىي جەھەتتىنمۇ نۇرغۇنلىغان پايدىلىرى بولغان. خۇسۇسەن مۇسۇلمانلار ھىجرەتتىن كېيىنلا دۆلەت قۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولغان. مەككە دەۋرىدە دىن پەقەتلا ئېتىقاد ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان بولسا، ھىجرەتتىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغان قانۇن-پىرىنسىپلار بەلگىلىنىشكە باشلىغان. بۇ سەۋەبتىن ھىجرەت ئىسلام قانۇنچىلىقى جەھەتتىن مۇھىم باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ.
20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن مۇسۇلمان جۇغراپىيەسىدە، مىللىي دۆلەت، سېكۇلار، كاپىتالىست ۋە مودېرنىست سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى، «يېڭى جاھىلىيەت» دەپ قارىلىپ، بۇلاردىن يىراق تۇرۇش پىكىرى راۋاج تاپتى. بەزى دىنىدار كىشىلەر بۇ يېڭى جاھىلىيەت ئۇقۇمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، بەزى ئىسلامىي گۇرۇپپىلارنى دىنسىز دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەكلىكىنى دەۋا قىلىشقا باشلىدى. ئىسلام تارىخنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ھىجرەت ئۇقۇمى ئومۇمەن غەيرى مۇسلىملار باشقۇرۇۋاتقان بىر رايوندىن مۇسۇلمانلار باشقۇرۇدىغان ئىسلام دۆلىتىگە كۆچۈش مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن بولسا، ئىسلام ھاكىمىتىنىڭ زەئىپلىشىشى نەتىجىسىدە، خىرىستىيان دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان رايونلاردا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمانلار ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى رايونلارغا ھىجرەت قىلىشى ئۈستىدە مەركەزلىشىشكە باشلىغان. ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى مۇستەملىكە دۆلەتلەر تەۋەلىكىدە قىپقالغان مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار، مۇستەقىل بولالمىغان مۇسۇلمان خەلقلەر ۋە مۇسۇلمان خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى سېكۇلار ياكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا شەكىللەنگەن دۆلەت سىستېمىسىنى يولغا قويغان دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى، ھىجرەت ئۇقۇمىنىڭ ئىچىنى يېڭى مەنىلەر بىلەن تولدۇرۇشنى تەقەززا قىلغان. بۇ مىللىي دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە مۇسۇلمانلار ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسىي ۋە قانۇنىي قۇرۇلما سەۋەبىدىن ئۆز دۆلەتلىرىدە دىنىغا ئۇيغۇن تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن مەھرۇم ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.
بىرئاز چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ كۆرۈدىغان بولساق، غەرب ئەللىرىنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەسىرى ئاستىدا ھاكىمىيەت سۈرۈۋاتقان دۆلەت تەۋەلىكىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلار، بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، غەيرى مۇسلىملارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقاندەك مەنزىرە پەيدا قىلغان. بۇ ئەھۋالدا ھىجرەت، يولۇققان قىيىنچىقلار سەۋەبى بىلەن بىر يەردىن باشقا بىر يەرگە كۆچۈپ كېتىشنىڭ ئورنىغا، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېراق تۇرۇشتەك مەنىۋى تەرىپى بىلەن تېخىمۇ مۇھىم ھالغا كەلگەن. غەيرى مۇسلىم دۆلەتتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار، يەنى ئاز سانلىقلار شارائىتلىرىغا قاراپ مۇستەقىللىقكە ياكى ئۆز دىنلىرى ۋە مەدەنىيەت كىملىكلىرىنى قوغداپ بىخەتەر ھالەتتە ياشىيالايدىغان شارائىتنى پەيدا قىلشقا تىرىشىشى لازىم. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدارىسى ئاستىدىكى دۆلەتلەردە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارمۇ دىنى ھۆكۈملەرنى تولۇق ئىجرا قىلىشقا ۋە يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ئۆز ئىچىدە ھەل قىلىشقا تىرىششى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقا رايونلاردا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلشتا يېقىندىن ھەمدەمدە بولۇشى كېرەك.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، قىينچىلىقلاردىن پاسسىپ ھالدا قېچىش ئەمەس، ئىسلامنى ئۆگۈنۈش ۋە رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش يولىدا يېڭى پۇرسەتلەرنى ئىزدەش ياكى تەلەپ قىلىنغان شارائىتنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك روھ بىلەن غەيرەت قىلىش، ھىجرەتنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن جىھاد ئۇقۇمى بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ. بۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەبەشىستان ھىجرىتىنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا، غەيرى مۇسلىم دۆلەتلەرگە كۆچۈشنىڭ ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئېھتىياج ۋە زۆرۈرىيەت پىرىنسىپى ئاساسىدا قانۇنلۇق دەپ قارالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ سىرتىدا غەيرى مۇسلىم دۆلەتلەردىن ئىسلام جۇغراپىيەسىگە ھىجرەت قىلىشنىڭ سەۋەبىنىمۇ بۇ مۇناسىۋەت دائىرىسىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكى بىلەن دىننىڭ تەلەپلىرىنى ئەركىن-ئازادە ئەمەلىيلەشتۈرەلمەسلىكمۇ ھىجرەتنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. پەقەت ئۆتمۇشتىكى دەۋرلەرنىڭ ئەكسىچە، زامانىمىزدا بولۇپمۇ دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىدە دىننى تەبلىغ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىش شارائىتى نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان دۆلىتىدىن ئەركىنراق ئىكەنلىكى دىققتىمىزنى تارتىدۇ. ھەر ئىككى ئەھۋالدا پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللار سىرتىدا مۇسۇلمان دۆلەتكە ھىجرەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رايونلاردا تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كېلىش ئۈچۈن تىرىشىشنىڭ ئۆزى مۇھىمراق.
تېما ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ھىجرەت- بارلىق چارىلەر تۈگىگەنگە قەدەر ئىچكى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش؛ مۇمكىن بولمىغاندا، ۋەتەن سىرتىغا چىقىپ تۇرۇپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلى ۋەتەنگە قايتىش ئېڭى بىلەن ۋەتەندىن ئايرىلىش دېمەكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھىجرەت، ئىسلامنىڭ غالىبىيەت ئۇپۇقلىرىغا قاراپ يۈكسېلىشىنىڭ بېشارىتى، كېلەچەكتىكى ھەشەمەتلىك زەپەر كۈنلىرىگە بېسىلغان مۇۋەپپەقىيەت تامغىسى. چۈنكى ھىجرەتتىن كېيىنكى ھەر غەلىبىدە ئۇنى رېئىاللىققا ئايلاندۇرغان كىشىلەرنىڭ پىداكارلىق ۋە ۋاپادارلىق روھىنىڭ ئىزلىرى بار. ھىجرەت يېڭى مەدەنىيەتنىڭ باشلىنىشىغا خىزمەت قىلىدىغان مۇھىم ئامىل. تارىختا بىز بىلىدىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ھىجرەت ھادىسىسىدىن كېين مەيدانغا كەلگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر