ئىسلامنىڭ پىكىر دېڭىزىدا "ئى ش ئى د"نىڭ ئورنى

«ئى ش ئى د» غا ئوخشاش تەشكىلاتلار ئىسلامنىڭ ئاساسلىق پىكىر ئېقىمىنىڭ سىرتىدا قالغان ۋە ئىسلامنىڭ ئەنئەنىۋى ئىددىيەسى تەرىپىدىن دائىم چەتكە قېقىلىپ كەلگەن ئىدى.

191344
ئىسلامنىڭ پىكىر دېڭىزىدا "ئى ش ئى د"نىڭ ئورنى

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 97
«ئىسلامنىڭ پىكىر دېڭىزىدا "ئى ش ئى د"نىڭ ئورنى»

دەرۋەقە غەرب دۇنياسىدا دەۋرلەر بويى داۋاملاشقان ۋە باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىددىيە، پىكىر ۋە ئېقىملار مەۋجۇت بولغانغا ئوخشاش ئىسلام دۇنياسىدىمۇ مەۋجۇتتۇر. غەرب زامانىۋېلىشىش ئىددىئولوگىيەسى بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلىشكە باشلىغان دەۋلەردە ئىسلامىي پىكىرلەر ئۆز تەسىرىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا باشلىدى. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ ئىسلام ئىددىيەسى ئەمەلدىن قالدى، دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى ئىسلام ئىددىيەسى نە تارىختا، نە ھازىرقى دەۋردە كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ باققىنى يوق. ئىسلام ئىددىيەسى ۋە ئېقىملىرى زامانىۋېلىشىش دەۋرىگە قەدەر ھەممىدىن ئۈستۈن، ھۆكۈمران ۋە ئەڭ ئاكتىپ ئورۇندا تۇراتتى. زامانىۋېلىشىش دەۋرىگە كەلگەندە ئاجىزلاپ ئاكتىپلىقىنى يوقۇتۇپ قويدى. پۈتۈن دىققىتى ئاساسەن دېگۈدەك ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇرەككەب مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بىر چارە تېپىشقا مەركەزلەشكەن شەكىلدە يېڭىلىنىپ داۋاملاشتى. بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان «ئى ش ئى د» غا ئوخشاش تەشكىلاتلارغا مانا بۇ نۇقتىدىن نەزەر سېلىشقا بولىدۇ. بىراق بۇ خىل تەشكىلاتلار ئىسلامنىڭ ئاساسلىق پىكىر ئېقىمىنىڭ سىرتىدا قالغان ۋە ئىسلامنىڭ ئەنئەنىۋى ئىددىيەسى تەرىپىدىن دائىم چەتكە قېقىلىپ كەلگەن ئىدى.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسۋەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۈزەننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** ** **** *** *** *** **** ***
ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەبىئىي ۋە ئەڭ ئاسسالىق مەنبەسى قۇرئان كەرىم بىلەن ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى (يەنى ئەمەلىي ئىجرائاتلىرى)دۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۇ بىردىن بىر ئىددىيە مەنبەسى ئىدى. بىراق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتلەر ۋە خىلمۇخىل مەسىلىلەر يېڭى ئىددىيەلەرنىڭ ئاپىرىدە بولىشىغا سەۋەب بولدى. قۇرئان بىلەن سۈننەتنىڭ يېڭى ئەھۋاللارغا قانداق تەتبىقلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھەم بىر – بىرىنى تۇلۇقلايدىغان، ھەم بىر – بىرىگە زىت قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. قۇرئان بىلەن سۈننەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئورنىنى ساقلاپ قىلىش مەقسىتىدە نۇغۇنلىغان ئىجتىھاتلار مەيدانغا كەلدى. تارىختىن بۇيان يېزىلىپ كېلىۋاتقان ئىددىيە، پىكىرلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ چوڭ ئېقىملارغا ئايلىنىپ مۇسۇلمانلارنى ۋە دۇنيانى شەكىلەندۈرۈشكە باشلىدى. مەزكۇر ئېقىملارنى زامانلاغا بۆلۈپ مۇنداق يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ:-
4 – خەلىپە ھەزرەتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەھۇنىڭ دەۋرىدىكى ھاكىمىيەت سۈركىلىشى داۋاملىشىۋاتقان ۋە ئىسلام يېڭى يېڭى دۆلەتلەرگە كېڭىيىۋاتقان ئەشۇ قەدىمقى دەۋردە قوپالراق قىلىپ ئېتقاندا 3 ئېقىم بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كەڭ تارقالغىنى ئەھلى سۈننەت ئېقىمى بولۇپ، ئىسلامنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشىدا ئەقىل ۋە نەقىل (يەنى تېكىست) مۇنازىرىلىرىگە مەركەزلەشكەن ئىدى. ماتۇرىدىيلار بىلەن ئەشئەرىيلەر ئەقىلنىڭ رەھبەرلىكى ۋە نەقىلگە (تېكىست)گە ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، سەلەفىيلەر نەقىلنى(تېكىست)نى ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىرىپ ئەقىلنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويدى. سۇفىيلار بولسا، پۈتۈنلەي مىستىك بىر دىنىي ئىددىيە بىلەن نەپىس تەربىيەسىگە بەكرەك ئەھمىيەت بەردى. قەدىمقى دەۋرلەردىكى يەنە بىر 2 – ئېقىم شىئەلىك بولۇپ، ئۇلار ھەزرەتى ئەلى ۋە مۇئاۋىيە ئوتتۇرىسىدىكى خەلىپىلىك تۇقۇنۇشى نەتىجىسدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. قىسقارتىپ ئېيتقاندا ئۇلار «ئەلىنىڭ تەرەپدارلىرى» ئىدى. شىئەلىك ئاساسەن سىياىسي ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇق بولۇش مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇلار خەلىپىنىڭ ياكى رەھبەرلىكنىڭ پەقەت ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن (يەنى ئەھلى بەيتتىن) بولغانلارغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىران ۋە باشقا دۆلەتلەردە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولغان بۇ ئېقىم باشقىچە بىر دىنىي مەزھەپكە ئايلىنىپ قالدى.
بۇرۇنقى دەۋردىكى 3 – ئېقىم خاۋارىچلىق بولۇپ، بۇلار سۇننىلىك ۋە شىئەلىك ئېقىمىدىن ئايرىم بىر پىرقە ئىدى. ئۇلار ئىسلامنىڭ قۇرئاندا قانداق يېزىلغان بولسا شۇنداق ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. «ئى ش ئى د»غا ئوخشاش تېررولۇق تەشكىلاتلىرى دەل مانا بۇ ئېقىمنى تايانچ قىلىپ يېڭىلانغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە ئەقىلنى ئاساسلىق مەنبە قىلغان مۇتەزىللە پىرقىسىمۇ بار بولۇپ، بۇلارنىڭ تەسىرى بۈگۈنگە قەدەر ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ كەلدى.
زامانىۋېلىشىش دەۋرىگە قەدەر بۇ ئېقىملارنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار ئوسمانلى ئېمپىرىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئەھلى سۈننەت ئېقىمى بىلەن ئىراننىڭ رەھبەرلىكىدىكى شىئەلىك ئېقىمى بولدى. زامانىۋېلىشىش دەۋرىدىكى ئىسلام ئىددىيەسىنىڭ ئاساسىدا ئوسمانلى خەلىپىسى 2 – ئابدۇل ھەمىتنىڭ پانئىسلامىزىم سىياسىتى بار ئىدى. 2 – ئابدۇل ھەمىت غەربنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە زامانىۋېلىشىش ھەرىكىتى ئالدىدا ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ پارچىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىنى خەلىپىلىك ئەتراپىغا جەم بولۇپ بىر پۈتۈنلىشىشكە چاقىردى. بۇ قاراشنى قوللىغان ئىنتايىن قىممەتلىك ئىسلام ئالىملىرىدىن جامالۇددىن ئەفغانىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئوسمانلى خەلىپىلىكى يېمىرىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان مىللىي دۆلەت دەۋرىدە ئىسلام ئىددىىيەسىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولغان ئىدى.
*** ** ** ** ****** ** ****
تۆۋەندە مىللىي دۆلەت دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان قاراشلاردىن 5 خىل قاراشنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمىز.
1 – مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇمھۇرىيەت، مىللىي دۆلەت، سىكولارىزىم ۋە غەربلىشىش ئېقىمى بولۇپ، بۇ ئېقىم گەرچە تۈركىيە مەنبەلىك ھېسابلانسىمۇ باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىگىچە تەسىر كۆرسەتتى. بىراق بۇ تەسىرلەر ئاساسەن دېگۈدەك بۇ ئېقىمغا قارشى 2 – بىر ئېقىم شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ بىر قىسمى مىسىر ۋە پاكىستاندىن ھەسەننۇل بەننا، سەييىد قۇتۇپ ۋە ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى قاتارلىق غەربچىلىككە قارشى ئىسلامىيلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇتەپپەككۈرلەردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق تايانچى ھېسابلىنىدىغان بۇ ئېقىم، خەلقنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىسلام ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. بۇ دەۋردىكى 3 – بىر ئېقىم سەئۇدىي ئەرەبىستان مەنبەلىك ۋەھھابىيلىق ئېقىمى بولۇپ، ئۇلار سەلەفىيلىك ئىددىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوفىيلىققا قارشى تۇراتتى. 4 – ئېقىم نەجمىددىن ئەرباكان باشچىلىقىدىكى مىللىي گۆرۈش ھەرىكىتى بولدى. ئۇلار سىياسىي پارتىيە قۇرۇپ دېموكراتىك يول بىلەن مىللىي دۆلەتنى ئىسلامىيلارشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەتتى. 5 - ئېقىم بولسا، خۇمەينى ئىنقىلابى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى شىئەلىك ئېقىمى ئىدى. بۇ يېڭى شىئەلىك ئېقىمى 12 ئىمام پەلسەپىسىنى تېخىمۇ يومشىتىپ، شىئەلىكنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرەتتى.
21 – ئەسىردىكى يەرشارىلىشىش مەزگىلىدە ئىسلام ئىددىيەسى 4 – قېتىملىق مودېرنىزىم دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇ دەۋردە قىسمەن قەدىمقىي دەۋلەردىن يېڭىلەنگەن قاراشلار ۋە گۇرۇپپىلار تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. بۇلارنى مۇنداق يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1 – گۇرۇپپا ئىسلامنىڭ كېيىنكى مودېرنىزم دەۋرى شەر – شارائىتلىرىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن مىللىي دۆلەتتىن ھالقىغان بىر ئىسلامىيلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
2 - گۇرۇپپا ئىسلامنىڭ مىللىي دۆلەتتىن ھالقىماستىن مىللىي دۆلەت دائىرىسىدە تەسىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىنىشى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
3 – گۇرۇپپا زورۋانلىق يولى ئارقىلىق دۆلەت ھاقلىغان شەكىلدە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىدىن سىرتقى قاراشلارنىڭ ھەممىنى رەت قىلىدىغان تەشكىلاتلار بولۇپ، بۇلار ئەل قائىدە ۋە «ئى ش ئى د» قاتارلىقلاردۇر.
بۇ بارلىق ئېقىملارغا بىر يولىلا نەزەر سالىدىغان بولساق، قەدىقىي دەۋرلەر بىلەن كېيىنكى مودېرنىزم دەۋرى ئوتتۇرىسىدا ھەم باغلىنىش بارلىقىنى، ھەم ئۈزۈلۈش بارلىقىنى كۆرەلەيمىز.
«باغىلنىش» ئىسلام ئىددىيەسىنىڭ ھازىرمۇ بىر غايە سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى بىلەن ئۆز ئىپادىسنى تاپىدۇ.
«ئۈزۈلۈش» مودېرنىزم دەۋرىدە ئەقىل ۋە نەقىل (تېكىست) مۇنازىرىلىرىنىڭ ئاساسەن يوقۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى مەزھەپچىلىك ۋە ئەنئەنىچىلىكنىڭ ئالغانلىقى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەقىلنىڭ تەسىرىنىڭ ئاساسەن دېگۈدۈك يوقالغانلىقىنىڭ نەتىجىلىرى بولسا، ئېچىنىشلىق بىر شەكىلدە نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر