تۈرك كۈلتۈرىدە يىلانغا ئالاقىدار ئەنئەنىلەر

يىلان، ئەڭ قەدىمقىي خەلقلەردىن تارتىپ، پۈتۈن قەدىمقىي دەۋرلەردە دېگۈدۈك مۇقەددەس ھايۋان بولۇپ ھېسابلىناتتى. يىلان ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئېتىقاد، ئەقىدە ۋە رىۋايەتلەر مەيدانغا چىققان ئىدى.

185763
تۈرك كۈلتۈرىدە يىلانغا ئالاقىدار ئەنئەنىلەر

تۈرك ئۆرپ – ئادەتلىرى - 44
تۈرك كۈلتۈرىدە يىلانغا ئالاقىدار ئەنئەنىلەر

يىلان، ئەڭ قەدىمقىي خەلقلەردىن تارتىپ، پۈتۈن قەدىمقىي دەۋرلەردە دېگۈدۈك مۇقەددەس ھايۋان بولۇپ ھېسابلىناتتى. يىلان ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئېتىقاد، ئەقىدە ۋە رىۋايەتلەر مەيدانغا چىققان ئىدى. يىلاننىڭ ھەرىكەت سۈرئىتىنىڭ تېزلىقى ۋە زەھىرىنىڭ ئۆتكۈرلىكى قەدىمقىي ئىنسانلاردا داۋاملىق چوڭ تەسىرلەرنى قوزغىغان ۋە يىلاننىڭ يەر ئاستىدىكى ھاياتى، ئاخىرەت دۇنياسىدىكى كۈچلەرگە چېتىشلىق ھالدا چۈشەندۈرۈلگەن ئىدى. خۇسۇسەن يىلاننىڭ تېرە تاشلىشىنى ئۆلۈمسىزلىكنىڭ ۋە ھاياتنىڭ قايتىدىن يېڭىلىنىشىنىڭ سېمۋولى دەپ قارىغان ھەمدە يىلان، «ئۆلۈم بىلەن ھاياتنى، شىپا بىلەن زەھەرنى تەڭلا ئۆز ئىچىگە سىغدۇرغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە» دەپ تەرىپلەنگەن ئىدى. تىرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان قەدىمىي خەلقلەرمۇ يىلاننى توپراقنىڭ بەرىكىتى ۋە ھاياتنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىغان ئىدى.
*** **** **** *** *** *** ** *** ****
يىلان، 12 ھايۋانلىق تۈرك كالىندارىغا كۆرە، يىلنىڭ ئىسمى بولۇپ، تۈركلەر ھەر 12 يىلدا بىر قېتىم يىلان يىلىنى كۈتۈۋالىدۇ. يىلان يىلىنىڭ قىشى سوغۇق ۋە ئۇزۇن بولىدىغانلىقى، يازلىرى قۇرغاق ۋە ئىسىق بولىدىغانلىقى بىراق يىلان يىلىدا مېۋە – چېۋەلەرنىڭ ئىنتايىن ئوخشايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. تۈركلەرنىڭ يىلان ئەپسانىلىرىدىمۇ ھەم ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشى، ھەم قىيامەت تەسۋىرلىرى مەزمۇن قىلىنىدۇ. نورمال يارىتلىىش ھېكايسىدە، يىلاننىڭ يېيىش چەكلەنگەن مىۋىلەرنى قوغداش ۋەزىپىسى بارلىقى بايان قىلىنىدۇ. تۈركلەرنىڭ يارىتىلىش ھېكايىلىرىدە بولسا، «يىلان ئەرلىكنىڭ يەنى شەيتاننىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشىغا سەۋەب بولغان» دەپ بايان قىلىنىدۇ. يىلاننىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى نۇرغۇنلىغان ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەتلەردە مەلمۇ جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تۈرك كۈلتۈرىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ھېسابلىنىدىغان يىلان، خەلق چۆچەكلىرى، رىۋايەت ۋە ئەپسانىلىرىدە ئالاھىدە ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئالتاي تۈركلىرىنىڭ يارىتىلىش ھېكايىلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، شەيتان يىلاننىڭ ئېغىزىدىن ئىچىگە كىرىپ، «بۇ دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىق» دەيدۇ ئاندىن تورونوي بىلەن ئەجىيىسنىڭ چەكلەنگەن مىۋىلەردىن يېيىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇلار مېۋىنى يىگەندىن كېيىن تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
*** *** ***** * ***** **** *
شامانىزىمدا بەزى شامانلارنىڭ يىلان سىياقىغا كىرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ. شامانلار مەرىكە - مۇراىسملىرىدا يىلاننىڭ ھەرىكىتىنى دورايدۇ، شامانلىق لىباسىدىمۇ يىلانغا سېمۋوللۇق قىلىدىغان نەقىشلەر بولىدۇ.
ئەسەد قۇرقمازنىڭ "قەدىمىي تۈرك ئېتىقادلىرى ۋە شامانىزم تېرمىنلىرى لۇغىتى" ناملىق قامۇسىدىمۇ تۈرك ئەپسانىلىرىدە ھەر خىل شەكىلدە تەسۋىرلەنگەن يىلان ھەققىدىكى مۇھىم رىۋايەتلەر نەقىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يىلاننىڭ يەر ئاستى دېڭىزدا ياشايدىغانلىقى، "ئەرلىك"نىڭ يەنى شەيتاننىڭ قامچىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. داستانلاردىمۇ يىلان نەقىشلىرى قەھرىمانلارنىڭ كۈچىنى ئىپادىلەش ۋە بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئوخشىتىش، قەھرىماننىڭ دۈشمەنلەرگە كۆرسەتكەن جەبدەسلىكى ۋە كۈچتۈكگۈرلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بەزى داستانلاردا يەنە قەھرىماننىڭ قامچىسى تېرىك يىلانغا ئوخشىشتىلىدۇ.
يىلانغا بېرىلگەن ئەھمىيەتنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە خەلق ماقال - تەمسىللىرىدىمۇ يىلان ئالاھىدە ئورۇن ئالغان بولۇپ، ناچار كىىشلەرنىڭ يامانلىق قىلىشىغا پۈرسەت يارىتىپ بېرىشكە قارىتا "ئۇخلاۋاتقان يىلاننىڭ قۇيرىقىغا دەسسەش"دېگەن سۆز ئىشلىتىلسە، ھەم ئاچچىق ھەم تاتلىق سۆز قىلىشقا قارىتا "يىلان تىلى" دېگەن تېرمىن ئىشلىتىلىدۇ. خائىن، يېرگىنىشلىك، سوغۇق جېگۈن مەنىلەر ئۈچۈنمۇ ئۈچۈنمۇ "يىلانغا ئوخشاش" دېگەن تېرمىن ئىشلىتىلىدۇ. بىراۋغا مەخپىي زىيانكەشلىك قىلىشقا قارىتا "يىلانغا ئوخشاش چىقىۋېلىش" دېگەن سۆز ئىشلىتىلسە، ئاخىرىسى چىقماي سوزۇلۇپ كېتىۋېرىدىغان ئىشلارغا قارىتا "يىلان ھېكايىسى" دېگەن ئوخشىتىش ئىشلىتىلىدۇ.
ئىنسانلار ناھەقچىلىككە ئۇچرىغاندا ياكى بېشىغا بىرەر يامان ئىش كەلگەندە قارشى تەرەپتىكى كىشىنى ياراتقۇچىنىڭ جازالاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق بەددۇئالاردا زەھىرىدىن ۋ يىرتقۇچلىقىدىن قورقۇلىدىغان ھايۋانلارمۇ ئورۇن ئالىدۇ. بۇ ھايۋانلاردىن بىرسى دەل يىلان بولۇپ، ئانادولۇدا يىلانغا ئالاقىدار بەزى بەددۇئالار ئومۇملاشقان. بۇ پەقەت يىلاننىڭ زەھىرى ۋە شۈركىنىشلىك كۆرىنىشىدىن بولغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ بەددۇئالارنىڭ بەزىلىرى، "مال مۈلكۈڭ يىلان بولسۇن! كېلىپ سېنى چاقسۇن! يىلان زەھىرىڭ بار سېنىڭ. يىلانغا ئوخشاش سورىلىدىغان بولۇپ كېتەرسەن ئىلاھىم! تىلىڭنى يىلان چاقسۇن" دېگەندەك سۆزلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خەلق ئاراسىدا سۆيۈلمەيدىغان، نەپرەتلىنىشى كېرەكلىك كىشىلەرنىڭ تەققى – تۇرقىي ۋە ياكى خوي – مەجەزىمۇ يىلانغا ياكى يىلاننىڭ مەلۇم بىر خۇسۇسىيىتىگە ئوخشىتىلىدۇ.
** **** *** ***** *** **** *** ***** ***
ئانادولۇ ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەلق ئېتىقادلىرىدا يىلاننىڭمۇ خىلمۇ خىل رولغا ئىگە ئىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بەزى جايلاردا يىلان "ئۆينى قوغدايدىغان روھ" دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۆي، باغ، قەبرىستانلىق قاتارلىق يەرلەرنى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشنىلىدىغان يىلانلارنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۆيگە بەرىكەت ۋە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. بۇنداق يىلانلار ئۆلتۈرۈلمەيدۇ. بەزى رايونلاردا ئۆينى قوغدايدىغان روھنىڭ بىر قارا يىلان ئىكەنلىكى ۋە ئۆينى ئۇلىدا ياشايدىغانلىقى، باشقا يىلانلارنىڭ ئۆيگە كىرىشىگە يول قويمايدىغانلىقى، ئۆينىڭ ئاستىدا بىر يەرلەردە ياشاپ، ئۆي ئىگىسىگە ۋە ئۆي ئەھلىگە ھەرگىز چىقىلمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۆيدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي زىيان يەتكۈزمەيدۇ، بۇنداق يىلان ئۆيدىكى ھەممىلا ئادەمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدۇ. ھەممىلا ئۆيدە ئەشۇنداق بىر يىلاننىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقى، ئۆينى ھەر تۈرلۈك تاشقى خەۋپلەردىن قوغدايدىغانلىقى، ئۆيگە ئامەت، بەرىكەت ۋە باياشاتلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، ناداۋا بۇ يىلان ئۆيدىكىلەردىن بىرەرسىگە كۆرۈنۈپ قالسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز چىقلماسلىقى كېرەكلىكى، ھەتتا ئۇنى چۆچۈتۈپ ئويدىن قوغلىماسلىقى لازىملىقى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئۇنداق يىلاننى ئۆلتۈرۈش، قورقۇتۇش ۋە زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈش، ئۆيگە ۋە ئۆي ئەھلىگە بالايى – قازا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. خەلق ئارىسىدا «ئۆلتۈرۈلگەن يىلاننىڭ جۈپتى كېلىپ، شۇ كىشىنىڭ مېلى ياكى جېنىغا زىيان يەتكۈزىدۇ» دېگەن قاراشمۇ ئالاھىدە كەڭ تارقالغان.
**** *** **** *** ***** *** **** ***
ئانادولۇدا شۇنداقلا باشقا تۈركىي خەلق رايونلىرىدا يىلان شىپا بولىدىغان ۋە كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئانادولۇدا يىلان ئاساسەن جاراھەتلەنگەن جايلارغا، باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى، ئاشقازان ئاغرىقى، تەمرەتكە، قىچىشقاق، بەزگەك، قىززىتما، كۆك ھۆتەل قاتارلىق كىسەللىكلەرگە ۋە ئۆپكە تىبرىكلىيۇز، نەپەس يېتىشمەسلىك، رىماتېزىم، بۆرەك كېسەللىكلىرى، گال ئاغرىقى ھەمدە روھىي كېسەللىكلەر ئۈچۈنمۇ دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئانادولۇدا يىلانلارنىڭ پادىشاھى دەپ قارىلىدىغان ۋە "شاھمەران" دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر بىر دۇئا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ دۇئانىڭ مىڭ بىر دەرتكە دەرمان بولىدىغانلىقى ۋە بۇ دۇئانى ئوقۇغان كىشىنىڭ پۈتۈن تىلەكلىرىنىڭ ئىشقا ئاشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. قىسقىشى يىلان قەدىمقىي دەۋرلەردىن تارتىپ تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئورنىنى يوقاتماي ساقلاپ كېلىپ، ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىمۇ تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان دېيىشكە بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! يۇقىرىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلىمى ئوقۇتقۇچىسى دوچەنت دوكتۇر فاتىمە ئەھسەن تۇران تەرىپىدىن تاييارلانغان تۈرك – ئۆرپ ئادەتلىرى ناملىق پىروگراممىمزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر