ئىسلام دىنىدا سەنئەت قارىشى

سەنئەت - دىنىي ئېتىقادلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىتلاردا شەكىللەنگەن. شۇنداقلا دىن- سەنئەتنىڭ ئىچكى خۇسۇسىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوخشاش بولمىغان سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان.

183545
ئىسلام دىنىدا سەنئەت قارىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەنئەت- ئىنسان ھاياتىغا سىڭىپ كەتكەن مۇھىم ئاساسلاردىن بىرى. ئەنئەنىدە سەنئەتنىڭ ساھەلىرىگە قاراپ ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە تەرىپلەنلگەنلىكىنى كۆرىمىز. قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىشلار، كۆزىتىش، ئەمەلىي مەشغۇلات ۋە ئەمەلىي تەجرىبە ئارقىلىق قولغان كەلتۈرۈلگەن يۇقىرى سۈپەتلىك كەسپىي قابىلىيەتلەر، بىر ئىشنى مەلۇم ئېستېتىك تۇيغۇنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان شەكىلدە ئىجرا قىلىش، بىر پائالىيەتنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىدە ئىشلتىلگەن ئۇسلۇب، ھۈنەر ۋە پىرىنسىپلارنىڭ ھەممىسى سەنئەت دەپ تونۇشتۇرۇلماقتا. سەنئەت ئاتالغۇسىنىڭ تېرىم مەنىسىنى يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، «ماددىي، زېھنىي ئىش ياكى مەشغۇلىيەتتە ئىزچىل قىلىنغان سىستېمىلىق، ئالاھىدە ئۇسلۇب ۋە مېتود» دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ.
بۇ يەردە شۇنى تونۇپ يېتىشكە بولىدۇكى، سەنئەت ئىنسان بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بىر خىل ھادىسە. چۈنكى كائىناتتىكى گۈزەللىكلەر توغرىسىدا گەپ- سۆز بولغاندا ھېچكىم سەنئەتنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ غوللۇق قۇرۇلمىلىرىدىن بىرى بولغان دىن، بىلىم ۋە پەلسەپە ساھەسىدە مەشغۇلىيەت ئېلىپ بارغان ياكى بىلىپ-بىلمەي بۇ ساھەلەردە مەشغۇلىيەت ئېلىپ بارغان بارلىق كىشىلەر كائىناتتىكى گۈزەللىكلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشقا تېگىشلىك تېما دەپ قارىغان.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تارىخىي باشقۇچلاردا سەنئەت - دىنىي ئېتىقادلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىتلاردا شەكىللەنگەن. شۇنداقلا دىن- سەنئەتنىڭ ئىچكى خۇسۇسىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوخشاش بولمىغان سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن دىن بىلەن سەنئەتنىڭ يىلتىزىدا ئەسلىي مۇناسىۋەت مەۋجۇتتۇر، دېيىشكە بولىدۇ. باشتا شېئىر ۋە ئەدەبىياتنىڭ باشقا نۇرغۇنلىغان قاتلاملىرى بىۋاستە دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەزى غەربلىك ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغاندەك، ئىلىم، ئاسترونومىيەنىڭ پەرزەنتى بولغاندەك، سەنئەت دىننىڭ پەرزەنتى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سەنئەت ياشاشنى خالىسا، قايتا-قايتا ئەسلى مەنبەسى بولغان دىنغا مۇاراجىئەت قلىشى كېرەك. بىناكارلىق ۋە مىمارچىلىق سەنئىتى، مۇستەسناسىز ئەھۋالدا ۋە ھەر كۈلتۈردە ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە، جامەلەر بلەن مەسچىد قۇرۇلۇشىدا ئېرىشكەن. بۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دىن بىلەن سەنئەت ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر مۇناسىۋەت بارلىقىنى قوبۇل قىلماي تۇرالمايمىز. تۇرمۇش پەلسەپەسى نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ سەنئەت بىلەن دىننىڭ بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقى ئاشكارا.
دىن ۋە سەنئەت دېگەن ۋاقتىمىزدا، بۇ يەردە «قايسى دىن ۋە قايسى سەنئەت؟» دېگەن سوئال ئالدىمزغا چىقىدۇ. ھەر دىننىڭ ئۆزىگە خاس سەنئەت چۈشەنچىسى بار. مەزكۇر سەنئەت ئۇ دىننىڭ ئېستېتىك ئالاھىدىلىكىنى تاشقى ئالەمدە ئەكس ئەتتۈرىدىغان تىلى ھېسابلىنىدۇ. ھۆسۈن خەت سەنئىتى، نەققاشلىق، جامە قۇرۇلۇشى، ئۆي جابدۇش ۋە ئەدەبىيات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئسىلام دىنىنىڭ خۇسۇسىي تىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئسىلام سەنئىتى بارلىق نامايەندىلىرىدە، ئىسلام دىنىنىڭ مەۋجۇدىيەت ۋە تۇرمۇش قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام سەنئەت ئەسەرلىرى، مەزكۇر سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد ۋە تۇرمۇش ئۇسلۇبىنىڭ ئەڭ ئوچۇق كۆرۈنۈشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل سەنئەت، ئىسپانىيەدىن ھىندونېزىيەگىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ جەنۇبىي ئۇچلىرىغىچە بولغان يىراق مۇساپىلەرگە يېيىلغان دۆلەتلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. ئىسلام سەنئەتلىرى، ئىسلام مەنىۋىيىتى ۋە دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللەر ھالىتىدىكى ئىزاھاتى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام سەنئەت ئەسەرلىرى دەۋردىن دەۋرگە ۋە رايوندىن رايونغا قاراپ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولسىمۇ، بۇلار مەيلى مەنىۋى غايىىسى جەھەتتىكى بىرلىك بولمىسۇن، مەيلى ئوتتۇرىغا قويغان ئېستېتىكىلىق زوق ۋە پىكىردىكى ماسلىق جەھەتتىن بولمىسۇن ئسىلامىي كۈچ ۋە نەپەسنىڭ ئوچۇق كۆرۈنۈشى ھېسابلىنىدۇ.
ئىسلام سەنئىتىنىڭ باشلانغۇچتىن تارتىپ ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى، تېما جەھەتتىكى خىلمۇ خىللىقى ۋە مىمارلىق سىستېمىسى جەھەتتىكى مۇكەممەللىكى بىلەن ئوخشاش ئېتىقاد ۋە پىكىر دۇنياسىنىڭ ئېستېتىكىلىق خاراكتېرىدە ئەكس ئېتىشىدە ياتىدۇ. شۇ بىر ھەقىقەتكى، كۈلتۈر خاراكتېرلىك جۇغراپىيە ۋە تارىخىي شارائىتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇم ئالاھىدىلىكلەرنىڭ، ئىسلام سەنئەت ئەنئەنىسىنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىدىن ئايرىمايدىغان بەزى پەرقلىق پىگورىلارنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئاشكارا. قىسقىسى، ئىسلام دۇنياسى كەڭ كەتكەن جۇغراپىيەلىك رايونلاردا يەرلىك شارائىتلار، تاشقى تەجرىبىلەر، تېخنىكىلىق ئىمكانىيەتلەر، ئىجتىمائىي ۋە سىىياسىي تەلەپلەرگە قاراپ نىسپىي جەھەتتە پەرقلەر كۆرسەتسىمۇ، ئۇللىرىنى ئىسلام مەنىۋىيىتىدىن ئالغان دۇنيا قاراش تۈرتكىسىدە ئىسلامىي سەنئەت ئۇسلۇبى يارىتىشنى غەلىبىلىك ئورۇنلىغان.
ئىسلام سەنئتىنىڭ ھەم شەكىللىنىش ھەم تەرەققىي قىلىش باشقۇچىدا تۆۋەندىكى ئامىللار ئىلھام مەنبەسى سۈپىتىدە رول ئوينىغان:
1- ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى، ئۇنىڭ زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان تەۋھىد پىرىنسىپى.
2- جامەلەردە ئوقۇلىدىغان نامازلار.
3- جامە قۇرۇلۇشىدا ئۈلگىلىك رول ئوينىغان مەدىنىدىكى پەيغەمبەر (ئەلەيھىسسالام) مەسچىدى.
4- بىلىم ۋە ئىرپان جەھەتتىن ئەڭ قىممەتلىك ماتېرىيال قۇرئان ۋە ھەدىس.
بۇ مەنبەلەرگە ساداقەت بىلەن ناتۇرالىزىم ۋە تەسۋىردىن، بۇنىڭغا باغلىق ھالدا بوشلۇق تۇيغۇسى ۋە بوشلۇق تۇيغۇسى ئۈستىگە قۇرۇلغان سەنئەت تەرەققىياتىدىن يىراق تۇرۇش، ئۇسلۇبلاشتۇرۇش، سىممېتىرىك، ھەرىكەت پەيدا قىلىدىغان شەكىلچىلىك ۋە ئەبەدىيلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان يۆنۈلۈشلەر، ئىسلام سەنئىتىنىڭ شەكىل ۋە غايە بىرلىكىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساس ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاش بولمىغان زامان ۋە رايونلاردا ئوتتۇرىغا چىققان سەنئەت ئەسەرلىرى خىلمۇ خىل مەركىزىي ئىدىيەلىرىدە ئىسلامنىڭ روھى بىلەن ھەر دائىم ماسلىق ئىچىدە بولغان. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام سەنئىتىنى «ئىسلام دىنى ياكى مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسىدا ئۆزىنى تاشقى مۇھىتتا نامايەن قىلىشى» دەپ تونۇشتۇرۇشقا بولىدۇ. سەنئەتنىڭ نېگىزى ھېسابلىنىدىغان گۈزەللىك ئىسلامىي تىلدا ئىلاھىي سۈپەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى «ئاللاھ گۈزەل بولۇپ، گۈزەللىكنى سۆيىدۇ» بۇ كۆز قاراش ئسىلام ئېستېتىك تۇيغۇسىنىڭ مېغىزىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنداقلا ئىسلام سەنئتىنىڭ داۋاملىق كۆزدە تۇتۇپ كېلىۋاتقان مۇھىم پىرىنسىپى بولۇپ كەلگەن. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئىسلام سەنئىتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى، داۋاملىق ئىلاھى تەزاھۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشتىن كېلىپ چىققان. ئىسلام سەنئىتىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە ئالىيجاناپلىقىنىڭ مەنبەسى بۇدۇر.
دەسلەپتە ئىسلام دىنى بولۇش بىلەن بىللە، بارلىق دىنلاردا ئۆزلىرىگە خاس ھەقىقەت تونۇشىنى، توغرا دەپ تونۇغان مەسىلىلەرنى ياكى قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالىدىغان سەنئەتلىرى بار. مەزكۇر سەنئەت ئۇ دىننىڭ رېئاللىققا ئايلاندۇرۇلۇشىدا ۋە دىنىي پىرىنسىپلىرىنىڭ بىۋاستە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئۇچراشتۇرۇلۇشىدا بەكمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى مۇتەپەككۇرلار ئەگەر بىر دىننىڭ سەنئىتى بولمىسا، ئۇ دىن چوڭ دىنلاردىن ھېسابلانمايدۇ، دەپ ئېيتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن دىننى سەنئەت بىلەن بىللە ئىنسان ھاياتىغا سىڭىپ كەتكەن بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە، دەپ قارايمىز.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر