دۇنيانىڭ كۈچ سىستېمىسى ۋە ئىسلام دۇنياسى

دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە باشقا كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرى جەھەتتىن 19 – ئەسىردە ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان بولسا، 20 – ئەسىردە ئامېرىكا ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.

169798
دۇنيانىڭ كۈچ سىستېمىسى ۋە ئىسلام دۇنياسى

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 94
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك  قېرىنداشلار! "تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى" ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە «دۇنيانىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسى» دېگەن تېما ئۈستىدە توختىلىمىز.
خەلقئارا پۇل فوندى جەمئىيىتى (IMF) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە بىر مېدىيا قانىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا دۇنيانىڭ يېقىنقى بىر ئەسىرلىك ئىقتىسادىي كۈچ تەڭپۇڭلىقىنىڭ ئۆزگىرىشى تەكشۈرۈپ چېقىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ كۈچ مەركىزىي 19 – ۋە 20 – ئەسىردە ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا قىتئەلىرى بولغانلىقى، 21 – ئەسىردە بولسا ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيانغا يۆنىلىشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە باشقا كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرى جەھەتتىن 19 – ئەسىردە ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان بولسا، 20 – ئەسىردە ئامېرىكا ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. 20 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدە ياپونىيە بىلەن خىتاي يۈكسىلىشكە باشلىدى. 21 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چارىكىگە كەلگەندە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 5 چوڭ كۈچ (%16.8) بىلەن ئامېرىكا، (%9.2) بىلەن خىتاي، (%4.9) بىلەن ياپونىيە ۋە (%3.6) بىلەن فىرانسىيە بولدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئارقىدىن ئەنگلىيە، رۇسىيە، بىرازىلىيە، ئىتالىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر ئورۇن ئالدى. تەخمىن قىلىنىشىچە، 2019 – يىلىغىچە بۇ رەت تەرتىپتە بىرەر چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. پەقەت بۇ گۇرۇپپىغا ھىندىستاننىڭ قوشۇلىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن. دېمەككى، بۈگۈنكى كۈندە ۋە كەلگۈسى 10 يىلدا بىرىنچى ئورۇننى يەنە ئامېرىكا ساقلاپ قالىدۇ. خىتاي، رۇسىيە ۋە ھىندىستان يۈكسىلىشكە ئەمما ياۋروپا بولسا ئارقىغا چېكىنىشكە باشلايدۇ.
بۇ كۆرۈنۈشكە نىسبەتەن «دۇنيا بايلار كۇلۇبىنىڭ ئۆزئارا رىقابەتلىرى» دەپ باھا بېرىشكىمۇ بولىدۇ. بىراق رىقابەتنىڭ ۋاستىلىرى ۋە ئۇسۇللىرى يالغۇز ئىقىسادىي كۈچ ۋە كىرىمنىلا ئەمەس، بەلكى باشقا ئامىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئامىللار ئارىسىدا ئاساسەن دېگۈدەك تېخنىكا، ئېلىم – پەن، سىياسەت، ئارمىيە ۋە ئەمگەك كۈچى قاتارلىقلار نۇقتىلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
دۇنيانىڭ كۈچ رەت – تەرتىپىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، دەسلەپكى 10 دۆلەت ئىچىدە ھېچ بىر ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئورۇن ئالماسلىقىدۇر. بۇ ئەھۋال ئىسلام دۇنياسىنىڭ نوپۇس كۈچى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنىغا پۈتۈنلەي زىت كېلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتەن بىرىگە ۋە دۇنيا زېمىنىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىگە ئىگە ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ھېچ بىرى دەسلەپكى 10 كۈچلۈك دۆلەت ئىچىدە ئورۇن ئالالماي كەلمەكتە. كۈچ تەڭپۇڭلىقى ۋە ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە ئانالىز قىلىدىغان بولساق، چوقۇمكى ئەقلىمىزگە مۇنداق بىر سوئال تاقاشماي قالمايدۇ:-
بۈگۈنكى كۈندە سۈرىيە، ئىراق، پەلەستىن ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشلار بىلەن توقۇنۇشلارنىڭ شۇنداقلا ھەر تۈرلۈك ناچار ۋەزىيەتلەرنىڭ يۇقىرىقى كۈچ تەڭپۇڭلىقى ئەنكىتى بىلەن بىرەر مۇناسىۋېتى بارمۇ قانداق؟ ئەگەر مۇناسىۋېتى بولسا، بۇنى قانداق ئىزاھلاش لازىم؟
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانىلىزىنى دىققتىڭلار سۇنىمىز.
*** ** ** *** ** *** *** ** **
دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە كۈچ تەڭپۇڭلىقى غەربتىن يىراق شەرققە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىدى. ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بولسا، بۇ ئىككى قىتئە ئوتتۇرىسىدا سىقىشىپ قالغان بىر ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. رايون ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بۇ سىقىشىپ قىلىش ۋەزىيىتىدىن ھېچ بىر شەكىلدە قۇتۇلالمىغانلىقى ئۇچۇن قېيىن مەسىلىلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ يېڭى ئەھۋال ئەمەس ئەلۋەتتە. 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرى ئوسمانلى ئېمپىرىيەسى تارقىلىپ كەتكەندىن بېرى داۋاملاشماقتا. تارىخىي تەجرىبە ۋە بۈگۈنكى ئەھۋاللارنى بىتەرەپ ھالدا ئانالىز قىلىدىغان بولساق، بۇ مەسىلىنىڭ 3 ئاساسىي مەنبەسىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالالايمىز.
1 – ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قالدۇرۇپ كەتكەن بوشلۇق بىر ئەسىردىن بۇيان دولدۇرۇلۇپ باققىنى يوق. دۇنيانىڭ ئالدىنقى 10 ئىقتىسادىي كۈچى گۇرۇپىسىدا تەخمىنەن 60 ئىسلام دۆلىتىدىن ھېچ بىرىنىڭ ئورۇن ئالماسلىقى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق بىر ئەھۋال. باشقا ئامىللار نۇقتىسىدىمۇ يۇقىرى بوشلۇقنىڭ ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ ئالدىنقى 10 دۆلەتنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىپ قالغان تۈركىيە ۋە ھىندونېزىيەنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە. بىراق بۇ ئىككى دۆلەت 2 مىليارد نوپۇسقا ئىگە ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا مەستەسنا بىر ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس مەسىلىلىرى بارلىقى ئېنىق. مەسىلەن: تۈركىيە، دۇنيا كۈچ تەڭپۇڭلىقىدا ئالدىنقى پىلاندا ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىنىشى بىلەن بىرگە(middle-income gap) يەنى "ئوتتۇرا كېرىم توزىقى" ۋە گىئوپولىتىكىلىق مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن دەسلەپكى 10 نىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشتا قىينالماقتا. تۈركىيە ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دۇنيانىڭ چوڭ كۈچلىرى گورۇپپىسىدا ئۇرۇن ئالالماسلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى گىئوپولىتىكىلىق تۇقۇنۇش ۋە ئۇرۇشلاردىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ئوتتۇرا شەرق رايونى 35 يىلدىن بۇيان ئۇرۇش ۋە كىرىزىسلەر بىلەنلا بولۇپ كەلمەكتە. 1980 – يىلىدىن 88 – يىلىغىچە ئىران – ئىراق ئۇرۇشىنى، 1990 – يىلىدىن بۇيان ئىراق ۋە فارىس قولتۇقى ئۇرۇشلىرىنى، 2010 – يىلىدا باشلانغان ئەرەب باھارى ۋە ئاخىرىدا سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشلارنى، ئەمدىلىكتە بولسا، ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى سەۋەبىدىن داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
2 – بۇ گىئوپولىتىكىلىق ئۇرۇشلار ھەم ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنىڭ ئىسراپ بولىشىغا، قورال ياراق ۋە ئۇرۇش سىستېمىلىرى ئۈچۈن بوزۇپ چېچىلىشىغا سەۋەب بولماقتا ھەمدە رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئىنسان ۋە تەبىئىي مەنبەئىلىرىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەقەززالىرىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان قىلىپ قويماقتا. بۇ ئەھۋال ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى تېخىمۇ نامزاتلىىشىشنى ۋە تېخىمۇ ناچار ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۈگۈنكى دۇنيا قورال سودىسىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئامېرىكا، ياۋروپا، رۇسىيە ۋە خىتاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى خېرىدارلىرى بولسا، سەئۇدىي ئەرەبىستان، كۈۋەيت، سۈرىيە، ئىران ۋە قىسمەن تۈركىيە ئىكەنلىكى يۇقىرىقى نۇقتىدىن چوڭ ساۋاق دېيىشكە بولىدۇ. رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇش، تۇقۇنۇشلار ۋە يېرىكچىلىكلەر قانچە ئاشقانسىرى قورال ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن خېرىدارلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرمۇ شۇنچە كۈچەيمەكتە.
3 – يۇقىرىقى ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 10 چوڭ دۆلەتنىڭ ئۆز ئارىسىدا رايون ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان قورال، ئېنېرگىيە ۋە باشقا سودا شۇنداقلا سىياسىي رىقابەتلىرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. چوڭ دۆلەتلەر ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى كونتىروللۇقىغا ئېلىش، قورال ۋە باشقا سودىلىرىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش، ئىقتىساد ۋە سودىدىكى مەنپەئەتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەمدە ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا رايوندىكى تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى نىشان قىلماقتا. بۇ نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن رايوندا رىقابەت شەكىللەندۈرمەكتە. مەسىلەن سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ ۋە مەنپەئەت ئۇرۇشى مۇھىم رول ئوينىماقتا. رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ تەڭپۇڭلۇقنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئەلۋەتتە.
يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر