پەيغەمبەر مىراسى سۈننەت ياكى ھەدىسلەردىن پايدىلىنىش

دەۋرىمىزدە مۇسۇلمانلار بارلىق مەسىلىلەردە ھەل قىلىش چارىلىرىنى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن تاپىدىغانلىقىنى سۆزلىشىدۇ. بىراق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى تەلەپ قىلىنغان نىشانغا يېتەلمەيۋاتىدۇ.

139678
پەيغەمبەر مىراسى سۈننەت ياكى ھەدىسلەردىن پايدىلىنىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بىز «دىن ۋە جەمئىيەت» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئىلگىرىكى بۆلۈملىرىدىن بىرىدە سۈننەت ياكى ھەدىس ئۇقۇمى ئۈستىدە بىرئاز توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا ھەدىس ياكى سۈننەت دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مەنبەدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەكلىكى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز. چۈنكى جەمئيەتتە مەزكۇر مەنبەگە بولغان پوزىتسىيە خاتالىقى سەۋەبىدىن بەزى مەسىلىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز.
زامانىمىزدا مۇسۇلمانلار يولۇققان بارلىق مەسىلىلەردە ھەل قىلىش يوللىرىنى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن تاپىدىغانلىقىنى سۆزلىشىدۇ. لېكىن ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى كۆپ ھاللاردا تەلەپ قىلىنغان نىشانغا يېتەلمەيۋاتىدۇ. ھالبۇكى قۇرئان ۋە ھەدىس زامان ھالقىغان قىممەتلەرگە ۋە كوردىناتلىرى ئۆزگەرمەيدىغان مېتودلارغا ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە دىنىي تېكىستلەر بىلەن تېكىستلەرنى ئىزاھلىغۇچى ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈكلۈكنىڭ بارلىقى ئاشكارا. ئۆتمۈشتىكى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئىككى مەنبەدىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا ئۆزلىرىچە مەنتىقىلىق بەزى مېتودلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى پىرىنسىپ جەھەتتىن توغرا مېتود بىلەن باشلانمىغان بىر ھەرىكەت ئارقىلىق توغرا نەتىجىگە يەتكىلى بولمايدۇ. ئەپسۇسكى مودېرن زامان ئېلىپ كەلگەن پىكر ئەركىنلىكى، بەزىدە يېتەرلىك ئىلمىي قابىلىيىتى بولمىغان كىشىلەرنىمۇ مۇجتەھىد قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال نەتىجىسىدە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا كۆپ باشلىق، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، باشباشتاقلىق كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، ئسلام دىنىنىڭ ئاساس پىرىنسىپلىرى ئەمەس، كىچىك مەسىلىلەر مۇھىم نۇقتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ قۇرئان- ھەدىلسەردىن كېسىپ ئېلىنغان بەزى ئۈزۈندىلەر بىلەن جەمئىيەتكە يۆنۈلۈش بەلگىلەش ھەۋىسى ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا يۇقۇرىدىكى ئىككى مەنبەدىن پايدىلىنىشتا مېتود بەلگىلەش ۋە ھەر دائىم دىننىڭ بىر پۈتۈنلۈك پىرىنسىپىنى نەزەردە تۇتۇش لازىم.
بۇ يەردە شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىمكى، مەيلى كىلاسسىك دەۋردە بولسۇن، مەيلى ھازىرقى دەۋردە بولسۇن مەلۇم بىر غەرەزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەزى ھەدىسلەرنىڭ توقۇلما بولۇش ئېھتىمالىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ ھەدىس مەنبەلىرىنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇنداقلا كۆرۈنۈشتە بىر- بىرىگە زىتتەك كۆرۈنىدىغان ھەدىسلەرنى باھەنە قىلىپ، ھەدىسلەرنىڭ دىنىي مەسىلىلەردە دەلىل بولالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرمۇ بولغان. بەزىدە بولسا، ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارنى تەنقىد قىلىش ئارقىلىق ھەدىسلەرنى بىر پۈتۈن ياكى قىسمەن ھالدا رەت قىلىش تەرەپدارلىرىنىمۇ ئۇچرىتىمىز. قىسقىسى، ھەدىس مەنبەلىرى تارىخ ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە كۆپلىگەن ھۇجۇملارغا ئۇچرىغان. مۇنداقچە قىلىپ ئيتقاندا، ئۇزۇن يىللار مابەينىدە يۇقۇرىدىكىدەك كۆز قاراشلارغا قانائەتلىنەرلىك رەددىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇ تېما ھەققىدە نۇرغۇن ئەسەرلەر قەلەمگە ئېلىنغان. ئىسلام ئالىملىرى ھەدىسلەرنىڭ جەملىنىشى، رەتلىنىشى ۋە تۈرلەرگە ئايلاندۇرۇلۇشىغا ناھايىتى ئىلگىرىكى چاغلاردىن باشلاپلا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ئۆگىنىش تىرىشچانلىقى ۋە ئۇنىڭ يولباشچىلىق رولىنى سۈيىئىستېمال قىلغۇچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر ناھايىتى كەسكىن بولغان. يەر شارىدا ھېچقانداق ئىنساننىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭكىدەك كۈچ سەرپ قىلىنمىغان.
بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىلشىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەدىس كىتاپلىرىنى يەرلىك تىللارغا تەرجىمە قىلىش پائالىيەتلىرى تېز قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. پەقەت ھەدىسلەرنى تەرجىمە قىلىپ خەلق ئاممىسىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغۇچىلار ئىبارىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا ياكى شەرھىلىگەندە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. بۇ يەردە تەرجىمىنىڭ بىر خىل مەنا رىۋايىتى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. ئەرەب تىلىنى بىلمەيدىغان، دىنىي مەسىلىلەردە چوڭقۇر مەلۇماتى بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈن بىر پەشنىڭمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەھۋال.
تارىختىن بېرى ئالىملار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىختىلاپلارنىڭ زور كۆپچىلىكى دىنىي ماتېرىياللارنى ئىزاھلاش مەسىلىسىدە مەيدانغا كەلگەن. بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان ئېتىقادىي، فىقھى ۋە سىياسىي مەزھەپ شەكىللەنگەن. بۇ جەرياندا ھەدىسلەرنى چۈشىنىش ۋە شەرھىلەش مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلانغان. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايان قىلماقچى بولغان نەرسىلەر ۋە يەتكۈزمەكچى بولغان ھۆكۈملەرنىڭ ھەدىسلەر ئارقىلىق توغرا چۈشىنىلىشى، ئىسلام دىنىنى توغرا چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بىر ھەدسىتىن توغرا مەنا ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلىشتىن باشقا مەزكۇر ھەدىسنىڭ ئىلگىرىكى ئالىملار تەرىپىدىن قانداق ئىزاھلانغانلىقىغا قاراپ چىقىش پايدىلىق. تەتقىق قىلىپ كۆرۈدىغان بولساق، بۇ ئىشنىڭ تاكى ساھابە دەۋرىگىچە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ باسقۇچتا ھەدىسلەرنى ھەر دائىم قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. چۈنكى قۇرئان بىلەن سۈننەت بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ كېتەلمەيدىغان ۋە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە پارچىلار ھېسابلىنىدۇ. سۈننەت قۇرئاننى ئىزاھلايدىغان ۋە ئۇنىڭ تەتبىق قىلىنىشىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بىر خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇنداقلا قۇرئاننىڭ ئەڭ ياخشى تەپسىرىنى سۈننەتتىن تاپىمىز. لېكىن ھەر ۋاقىت ھەدىسلەر قۇرئانغا بويسۇنۇشى كېرەك.
ھەدىسنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك پائالىيەتلەردىن بىرى بولسا، ئوخشاش تېمىدىكى ھەدىسلەرنىڭ بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە تەھىلىل قىلىنىشىدا ياتىدۇ. ئەگەر ئوخشاش ھەدىسنىڭ بىردىن كۆپ ۋارىيانتى بار بولسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەكلىك ئىچىدە تەھلىل قىلىنمىغاندا خاتا نەتىجىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى بىر ھەدىسنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋارىيانتلىرى سېلىشتۇرۇلمىغان ئەھۋالدا باشتا كۆرگەن ھەدىسنى باشقىلىرىغا زىت ھالەتتە چۈشىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. دەرۋەقە بەزى ھەدىسلەرنىڭ يەنە باشقا ھەدىسلەرنىڭ مەنىسىنى تولۇقلايدىغانلىقىنى ياكى تېخىمۇ ئېنىق ئىزاھلاپ بېرىدىغانلىقىنى، بەزى ھەدىسلەرنىڭ باشقا ھەدىسلەرنىڭ مەنىسىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇدىغانلىقىنى ياكى ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. ھەدىسلەردىن توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.
ئۆزىنى ھەدىس شەرھىلىگۈچى دەپ قارايدىغان بىر كىشى ھەدىسنىڭ سۆزلىنىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىنى تەھلىل قىلغاندا قولىمىزدىكى ھەر بىر ھەدىس تېكىستىنىڭ تارىخىي شارائىتى، جۈملىنىڭ ئالدى - كەينى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، زامان - ماكان جەھەتتىكى مەنا مۇھىتى، يەرلىك ياكى ئۇنىۋېرساللىق ئالاھىدىلىكى ۋە خۇسۇسىي ئەھۋال ھەققىدىمۇ ياكى ئومۇمىيلىققا ئىگىمۇ دېگەندەك تەرەپلەرنىڭ بىلىنىشى زۆرۈر. شۇنداقلا ھەدىستىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەقسىتى بىلەن تەبلىغچىنىڭ مەقسىتى ئوتتۇرىسدا ماسلىق بولۇشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ھەدىسنىڭ تىشىڭىغۇچىغا مەسئۇلىيەت يۈكلەپ - يۈكلىمەيدىغانلىقىنى بېكىتىپ چىقىش مۇھىم.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر