تۈركىيە سىياسىتىدە يېڭى دەۋر باشلاندىمۇ؟

ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ يېڭى مىنىستىرلار كابېنتىنى ئېلان قىلىپ، ۋەزىپىسنى رەسمىي باشلىدى. بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغۇچى دەپ قارالماقتا.

117401
تۈركىيە سىياسىتىدە يېڭى دەۋر باشلاندىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 28 - ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەىپىسىنى 11- نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلدىن رەسمىي تاپشۇرۇپ ئالدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئارقىدىنلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنى باش مىنىستىرلىككە تەيىنلىدى. ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئەتىسى يېڭى مىنىستىرلار كابېنتىنى ئېلان قىلىپ، ۋەزىپىسنى باشلىدى. بۇ يېڭى ئەھۋاللارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغۇچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئومۇمەن دېگۈدەك "بۇ ئۆزگىرىشلەر يېڭى تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچى بولدى" دەپ قارالماقتا. بۇ قاراشنى تېرمېنولوگىيەلىك ۋە سىياسىي مەنىلىرىدىنمۇ بەكرەك ئىدارىي ۋەزىپىلەر نۇقتىسىدىن توغرا دېيىشكە بولىدۇ. دېمىسىمۇ ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىس بولۇشى ۋە ئۆز ئورنىغا ھەمدە پارتىيەسىنىڭ باش رەئىسلىكىگە ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنى ئېلىپ كېلىشى ھەقىقەتەن يېڭى ئەھۋال. بىراق جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ۋە باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپە تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىملىرىدا يېڭى دەۋرگە ئالاقىدار بىرەر سېگنال بېرىلدىمۇ - قانداق؟
تېخىمۇ مۇھىمى بۇ يېڭى ئەھۋال تۈركىيەنىڭ ئىچكى - تاشقى، ئىقتىسادىي ۋە باشقا سىياسەتلىرىدە بىرەر ئۆزگىرىشكە يول ئاچامدۇ - يوقمۇ؟ ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ باش مىنىستىرلىكىدىكى 62 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قانداق غايە ۋە خىزمەت نىشانىغا ئىگە بولماقچى؟
يېڭى ۋەزىيەتنىڭ زادى قانداق يېڭىلىقلارنى قوينىغا ئالغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن قولىمىزدا ئىككىلا مەلۇمات بار. بىرىنچىسى، يېڭى مىنىستىرلار كابېنتىنىڭ رەت - تەرتىپى. ئىككىنچىسى، بۇ مەزگىلدە ئەردوغان، ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ۋە باشقا مەسئۇللارنىڭ ئېلان قىلغان باياناتلىرى.
ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش كېرەككى، يېڭى كايبېنتىنىڭ رەت - تەرتىپى ئالدىنقى ھۆكۈمەتتىن ئانچە پەرقلىق ئەمەس. 1 باش مىنىستىر ۋە 25 مىنىستىردىن تەشكىل تاپقان ئالدىنقى ھۆكۈمەتتىن پەقەتلا 3 كىشى ئايرىلغان، ئورنىغا 3 كىشى مىنىستىر بولغان، يەنە بىر مىنىستىر مىنىستىرلىكىنى ئۆزگەرتكەن بولدى. ئىلگىرىكى ۋە يېڭى مىنىستىرلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىغا قارايدىغان بولساق، 62 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىش سىزىقىدا بىرەر چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ۋە مۇقىملىقنىڭ داۋاملىىشدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىقتىساد ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بولۇپ، بۇ ئىككى ساھەدىمۇ مۇقىملىقنىڭ داۋاملىىشدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. دېمەك ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ ئىلگىرىكى ئاكتىيورلىرى ئۆز ئورنىنى شۇ پېتى ساقلاپ قالدى دېيىشكە بولىدۇ. 62 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى 12 يىل ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا يەنە ئەلى باباجاننىڭ باشچىلىقىدا داۋام قىلىدۇ. تۈركىيە ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن ماسلىشىشنى، ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇقلارنى ساقلاشنى ۋە ئىشەنچلىك بولۇش ئامىلىنى تېخىمۇ كۈچەشتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئەڭ كۆپ دىققەتنى تارتىۋاتقان يەنە بىر ساھە تاشقى سىياسەت بولۇپ، بۇ جەھەتتە 2 يېڭى ئۆزگىرىش بولدى. ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ئورنىغا ياۋروپا ئىشلىرى مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ كەلدى. مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئورنىغا سابىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى باش كاتىپى ۋە كەسپىي دىپلومات بولغان ۋولقان بوزقىر تەيىنلەندى. بۇ ئىككى مىنىستىرنىڭ تەيىنلىنىشى تاشقى سىياسەتتە ھەم ئۆزگىرىش، ھەم ئىزچىللىق بولىدىغانلىقىدىن تەڭلا سېگنال بەردى.
ئالدى بىلەن ئۆزگىرىش تەرىپىگە قارايدىغان بولساق، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق باسقۇچىدا جانلىنىش بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇنىڭ دەسلەپكى سېگنالى ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش جەريانىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى قاتتىق تەكىتلىگەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىستېراتېگىيەلىك نىشانىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى جېكىلىدى. بۇ تەكىتلەشنىڭ تۈنجى قەدىمى سۈپىتىدە ۋولقان بوزقىرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىنىشى بولدى. چۈنكى ۋولقان بوزقىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى ھەم كەسپىي جەھەتتىن، ھەم پىكرىي جەھەتتىن تەڭلا ئۆزلەشتۈرگەن دىپلوماتتۇر. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسىلىسىدە كۈچلۈك تەجرىبىگە، بىلىم ئاساسىغا ۋە ئەمەلىي پائالىيەتچانلىققا ئىگە. ۋولقان بوزقىرنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەت ماسلىشىپ بەرگەن تەقدىردە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئالاھىدە زور جاسارەتلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق. ئەگەر بۇ تىرىشچانلىق ئىجابىي نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرسە، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە تۈركىيە تاشقى سىياسىتىدە يېڭى بىر روھنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەڭ يۇقىرى ئېھتىماللىققا ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەردوغاننىڭ بۇ جەھەتتىىكى قاتتىق تەكىتلەشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىدىغان بولساق، بۇ روھنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئېھتىمالىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
بىراق يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە سۈرىيە سىياسىتىدە بىرەر ئۆزگىرىشنىڭ بولمايدىغانلىقىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەردوغان بىلەن ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ باياناتلىرىدا تۈركىيەنىڭ خۇسۇسەن سۈرىيەگە، ئومۇمەن ئەرەب باھارىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ھەم ۋىجدانىي، ھەم ئىنسانپەرۋەر سىياسەت ئىكەنلىكى داۋاملىق ھالدا ئىلگىرى سۈرۈلدى. شۇڭلاشقا تۈركىيەنىڭ ئەسەدكە ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇشنى، ئەسەدكە قارشى قوزغىلاڭچىلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشنى، سىسىگە نىسبەتەن مۇساپىلىك مۇئامىلە قىلىشنى، ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلىپ، ھاماسنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشنى، ئىراقنىڭ سىياسىي ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاشنى، كۈرت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاتشۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەشكە بولىدۇ.
بۇلاردىن چىقىدىغان خۇلاسە تۆۋەندىكىچە:
ئەگەر تۈركىيە بۇ سىياسەتلىرىنى داۋملاشتۇرىدىغان بولسا، بۇ سىياسەتلەرنىڭ باش مىمارى بولغان ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ھۆكۈمىتى داۋاملىشىدۇ. ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ھەم باش مىنىستىر بولۇپ، ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن قويۇق ماسلىشىش ئىچىدە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنى باشقۇرۇشنى ۋە يۆنىلىشلىرىنى بەلىگلەشنى داۋملاشتۇرىدۇ. مانا بۇ نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە بىرەر ئۆزگىرىشنىڭ بولۇشىنى كۈتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
بۇ يېڭى مەزگىلدە ئۆزگەرمەيدىغان يەنە باشقا سىياسەتلەر بولسا، رەت بويىچە، كۈرت مەسىلىسنى ھەل قىلىش باسقۇچى، "پاراللېل دۆلەت" دەپ ئاتالغان قانۇنسىز تەشكىلاتقا قارشى كۈرەش ۋە يېڭى ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ چىقىش تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىبارەتتۇر.
كۈرت مەسىلىسنى ھەل قىلىش باسقۇچى دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋتۇئوغلۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بولىدۇ، ئەمما مۇئاۋىن باش مىنىستىر بۈلەنت ئارىنچنىڭ رەھبەرلىكىدە داۋاملىشدىغانلىقى ئېلان قىلىندى ھەمدە باشقا مۇئاۋىن باش مىنىستىرلارنىڭمۇ بۇ ھەل قىلىش باسقۇچىدا زۆرۈر تېپىلغان ئەھۋالدا دەرھال رول ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇنىڭ سىرتىدىكى باشقا مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىزچىللىق ساقلاپ قىلىنىدۇ. دېموكراتىيەلىشىش، كىشىلىك ھوقۇق، مائارىپ، سەھىيە ۋە باشقا بارلىق ساھەلەردە 12 يىللىق ئەنئەنىلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ.
نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئەھمەت داۋتئوغلۇ باشچىلىقىدىكى 62 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىمىزدىكى 9 ئايلىق مەزگىلىدە ئىنتايىن رادىكال ۋە ئوخشاش بولمىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشىنى مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. 62 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت 2015 - يىلى 7 - ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئومۇمىي سايلامغا قەدەر مۇقىملىقنى ساقلاشقا ۋە يېڭى تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
شۇنىسى ئېنىقكى، پۈتۈن سىياسەتنىڭ تۈپ ئاساسى دېموكراتىك دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزۈپ چىقىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. تۈركىيەنىڭ يېڭى دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىدىغان ياكى چىقمايدىغانلىقى بولسا، 2015 - يىللىق سايلامنىڭ نەتىجىسىگە باغلىق. بەلكى شۇنىڭدىن كېيىنلا "يېڭى تۈركىيە" تېخىمۇ كونكېرىت ھالغا كېلىشى مۇمكىن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر