ياۋرو – ئاسىياغا نەزەر – 29

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتى ۋە تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى

102141
ياۋرو – ئاسىياغا نەزەر – 29

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ 10 – ئىيۇلدىن 12 – ئىيۇلغىچە ئۆزبېكىستاندا رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىشى، بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزئارا يۇقىرى سەۋىيەلىك زىيارەتلەرگە ۋەسىلە بولسا، تۈركىيە – ئۆزبېكىستان ھەمكارلىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى، رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردىكى ئېتىبارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تېمىلارغا پايدىلىق بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئالدى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى:
تۈركىيە 1991 – يىلى 16 – دېكابىر ئۆز بېكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى بىرىنچى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەت. دەسلەپتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى ياخشى ئىلگىرىلىگەن ئىدى. ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموۋ ھەر خىل ۋەسىلىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە تۈركىيەنى 10 قېتىم زىيارەت قىلغان. بۇنىڭغا جاۋابەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىرىدىن تۇرگۇت ئۆزال، سۇلايمان دەمىرەل ۋە ئەھمەت نەجدەت سەزەر ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغان. بۇ جەرياندا باش مىنىستىر سەۋىيەسىدە ئالتە قېتىملىق ئۇچرىشىش ئەمەلگە ئاشقان.
لېكىن، ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ تۈركىيەدە پاناھلىنىشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە قىيىنچىلىققا تولغان دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۆزبېكىستاندىن تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن مىڭلارچە ئوقۇغۇچى قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. تۈركىيەنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى مەكتەپلىرىمۇ تاقىۋېتىلدى. ئەندىجان ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندە تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئۆزبېكىستاننى ئەيىبلىدى. بۇ ئەھۋال، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يىرىكلىشىشىگە سەۋەب بولدى. كىچىك بالىلارنىڭ ئىشقا سېلىنىشىنى ئەيىبلەش، ئۆزبېكىستاننىڭ سەۋر قاچىسىنى تاشقۇزۇۋەتتى. بۇنىڭ تەسىرىدە ئۆزبېكىستاندىكى تۈركىيەلىك كارخانىچىلار زور كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردى. 2012 – يىلى 22 – فېۋرال ئۆزبېكىستاندا تۈركىيە چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى چەكلەندى. ئەلبەتتە، ئۆزبېكىستان تۈركىيەدە ئىشلەنگەن چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى چەكلىگەن يالغۇز بىرلا دۆلەت ئەمەس.
تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى يىرىكچىلىك، ئەڭ كۆپ «تۈرك كېڭىشى» ۋە « تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى» (تۈركپا) قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا زىيان بەردى. ئەگەر ئۆزبېكىستان يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەشكىلاتلارنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ياكى پەقەت بولمىدى دېگەندە ئەزاسى بولغان بولسا ئىدى، بۇ تەشكىلاتلار ھازىر ئوخشىمىغان سەۋىيەگە كەلگەن بولاتتى.
ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلەردە پەقەت بۇ تەشكىلاتلار بىلەنلا بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاپ قالماستىن، رۇسىيەنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىمۇ ئارىلىق ساقلاپ كەلدى. رۇسىيەنىڭ رايوندىكى باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشى ۋە بىشكەكتىكى گانسى ھەربىي بازىسىنى بوشاتماقچى بولۇشى، ئۆزبېكىستاننىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا سەۋەب بولدى. غەرب ئىنتايىن قاتتىق ئەيىبلىگەن «ئەندىجان ۋەقەسى» ئۇنتۇلدى. بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىمۇ ياخشىلىنىشقا باشلىدى.
2012 – يىلى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ بىلەن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە كۆرۈشتى. ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىش مەسىلىسى، شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا نويابىر ئېيىدا تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلدى. 2014 – يىلى رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى كەرىموۋ بىلەن كۆرۈشتى. تۈركىيە – ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئاخىرقى قېتىم 2014 – يىلى ماي ئېيىدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچنى ئاشۇرۇش يىغىنىدا كۆرۈشتى.
ھازىرغىچە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 90 دىن ئارتۇق ھەر خىل كېلىشىملەر ئىمزالاندى. تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىكىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2013 – يىلى تۈركىيەنىڭ ئۆزبېكىستانغا قىلغان ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 563 مىليون دوللار بولغان. ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى بولسا، 815 مىليون دوللار بولغان. تەرەپلەر 1 مىليارد 379 مىليون دوللارلىق سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 3 مىليارد دوللارغا چىقىرىشنى نىشان قىلماقتا. ئەلبەتتە، بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىگە چىقىرىلىشى لازىم.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتى، تۈركىيەنىڭ رايوندا كەم قالغان ھالقىسىنى تولۇقلىغان بولدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىي قىلغان تەقدىردە ياۋرو – ئاسىيانىڭ ئىككى كۈچلۈك دۆلىتى بەزى خەلقئارالىق مەسىلىلەردە بىر – بىرىنى تولۇقلىيالىشى مۇمكىن. تۈركىيەنىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نامىق گۈنەرئەرپۇل، ئۆزبېكىستاننىڭ 2015 – يىلنىڭ بېشىدا تۈركىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ۋاقىتلىق ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيەنىڭ بىر گەۋدىلىشىش تىرىشچانلىقلىرىغا قارشى چىققان ئۆزبېكىستاننىڭ بارغانسېرى غەربكە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە «ئەندىجان ۋەقەسى» نى ئايرىم تۇتۇپ، ياخشى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ناتونىڭ رايوندىكى بىردىنبىر ۋاكالەتخانىسى يېقىندا تاشكەنتتە ئېچىلدى. بۇ يەردە ئافغانىستان ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم. ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتىنىڭ تېگىدە، ناتو مەسىلىلىرى بار، دەپ تەھلىل قىلغانلارمۇ بار بولدى. ئەسلىدە بۇ ناھايىتى ئاددىي قاراشتىن ئىبارەت. چۈنكى تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان، مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ناتو بولمىسىمۇ بىر – بىرىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ زىيارەتلىرىگە قارىغان ۋاقتىمىزدا، زىيارەتلەرنىڭ تۈركىيەدىن ئۆزبېكىستانغا قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەمدى بۇ زىيارەتلەرگە جاۋاب بېرىش نۆۋىتى ئۆزبېكىستانغا كەلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر