تۈرك ئۆرپ - ئادەتلىرى - 29

رامىزان ئېيىدىكى ئۆرپ - ئادەتلەر

170839
تۈرك ئۆرپ - ئادەتلىرى - 29


رامىزان ئېيىدىكى ئۆرپ - ئادەتلەر
رامىزان ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر ئاي بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پىروگراممىمىزدا ئېيتقىنىمىزغا ئوخشاش روزا تۇتۇش، ئىپتار قىلىش، زولۇق يېيىش، چىش ئۇپراش ھەققى، زاكات ۋە سەدىقە بېرىشكە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان گۈزەل پائالىيەتلەر تەڭلا ئۆتكۈزلىدىغان بىر ئاي بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇ يەنە ئىنسانلارنىڭ بىرلىك ئېڭى ئۆسىدىغان، ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ۋە ياردەملىشىش يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان بىر مەزگىل بولۇپ، رامىزان ئېيىدىكى ئۆرپ - ئادەتلەر ئۆز نۇۋىتىدە يەنە، تۈرك مىللىنىڭ ھاياتقا بولغان تۇنۇشىنى، پەلسەپىسىنى ۋە ئومۇمىي قىممەت قاراشلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ نامايان قىلىپ بېرىدىغان ئاي بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.
** *** ***** ** ** *** ** **** *
بۇ ئايدا رامىزانغىلا خاس مەشغۇلاتلار بار بولۇپ، مەسىلەن، سەدىقە، ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بەدەلسىز بېرىلىدىغان ياردەمدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ "مەخپىي سادىقە ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ياندۈرىدۇ" دېگەن سۆزى، ئىنسانلارنى ياردەمنى مەخپىي قىلىشقا تەرغىپ قىلغان. شۇڭا ئوسمانلى خەلىپىلىكى دەۋرىدە باي كىىشلەر رامىزان ئېيى باشلىنىش بىلەن تەڭلا ئۆزىنى تونىمايدىغان مەھەللىلەرگە بېرىپ، دوككاندارلار ۋە باققاللارنىڭ قەرز ھېساپ دەپتەرلىرىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلاتتى. بۇ دەپتەرلەرگە پۇلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قەرزگە يازدۇرۇپ بىر نەرسە ئالىدىغان ۋە كېيىن پۇل تاپقاندا قايتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھېساۋاتلىرى يېزىلاتتى. بايلار ئۇلارنىڭ قەرزلىرىنى تولىۋېتىپ، ھېساپلىرىنى ئۆچۈرگۈزىۋېتەتتى. دەپتەرنى ئالدىن تەرەپتىن ياكى ئوتتۇرىدىن ۋە ياكى ئارقا تەرەپتىن ئاچقۇزۇپ ئالدىغا كىمنىڭ قەرز ھىساۋى چىقسا شۇنى تۆلەيتتى. بەزىدە بىرلا باي كىشى بىر پۈتۈن دەپتەردىكى قەرزلەرنىڭ ھەممىنى تۆلىۋېتىپ كەمبىغەللەرنى قەرزلىرىدىن قۇتقۇرۇپ قوياتتى. قەرزى تۆلەنگەن كىشى قەرزنىڭ كىم تەرىپىدىن تۆلەنگەنلىكىنى، قەرزنى تۆلىگۈچىمۇ كىمنىڭ قەرزىنى تۆلەپ قويىۋاتقانلىقنى بىلمەي قالاتتى.
بۇنداق مەخپىي ياردەمنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك جايلىرىدىن بىرسى "سەدىقە تاشلىرى" بولۇپ، بۇ "سەدىقە تاشلىرى" ئىجتىمائىي ياردەملىشىشنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۈلگىلىرىدىن بىرىسى شۇنداقلا ئېسىللىكنىڭ ۋە كۆيۈمچانلىقنىڭ سېمۋولى بولۇپمۇ ھېسابلىناتتى. سادىقە تاشلىرى ئاساسەن دېگۈدەك جامى، مەقبىرە ۋە كۈتۈپخانە ئالدىغا، ياكى چوڭ مەيدان ۋە شەھەر مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان، ئوتتۇرىسى ئۆرەك ئېگىزلىكى بىر يېرىم ياكى ئىككى مېتىر كېلىدىغان تاشلار بولۇپ، تاشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆرەكنىڭ ئىچىگە پۇل تاشلاش ئۈچۈن ئىككى پايە بىلەن يۇقىرىغا چىقىشقا توغرا كېلەتتى. شۇڭا تاشنىڭ ئالدىغا مەخسۇس پايە ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى. سەدىقە بېرىشنى خالايدىغان ياكى كەمبىغەلەرگە ياردەم بەرەمەكچى بولغان كىشىلەر تاش بار جايغا كېچىسى قاراڭغۇدا كېلىپ، ئاتىغان پۇللىرىنى تاشنىڭ ئاتتۇرىسىدىكى ئۆرەككە تاشلايتتى. ئاندىن ئېھتىياجلىق كىشىلەرمۇ سادىقە تىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆرەكتىن ئېھتىياجىغا لايىق پۇلنى ئالاتتى. قالغان قىسمىنى ئۆزىگە ئوخشاش باشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قالدۇرۇپ قوياتتى. بۇ تاشلار ئوسمانلى خەلىپلىكى دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ياردەملىشىشنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە كەمبىغەللەرنىڭ ئۈمىت ئىشىكى ئىدى. بۇ تاشلارنىڭ سايىسىدا كەمبىغەللەر تىلەمچىلىك قىلمايتتى. بايلارمۇ ياردەم قىلغان كىشىنى كۆرمەيتتى. ياخشىلىق قىلغان چاغدا قارشى تەرەپتىكى كىشىنى رەنجىتىپ سالماسلىققا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بۇ ئەنئەنە، مەدەنىيەتنىڭ نامايەندىسى ھېساپلىناتتى. بۇ خىل قائىدىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئورتاق نۇقتىسى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، باي بىلەن كەمبەغەل ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ "ئەڭ پەزىلەتلىك سادىقە بىر ئاچنى تويغۇزۇشتۇر" دېگەن ھەدىسىمۇ كىشىلەرنى كەمبغەللەرنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ قويۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى. شۇڭا بۇ بىر ئاي ئىچىدە كەمبىغەل كىشىلەر بايلارنىڭ كاتتا ساراي، داسقانلىرىدا تاماق يېيىش پۇرسىتىگە ئىگە بولاتتى. خالىغان كىشى خالىغان ۋاقىتتا باغاق كېلىشىگىمۇ قاراپ ئولتۇرماستىن قايسى ساراينى خالىسا، شۇ ساراينىڭ ئىشىكىنى قېقىپ، «ئىپتار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مېھمىنى بولۇپ كەلدىم» دېيەلەيتتى ھەم بۇ ئىش ھەرگىزمۇ غەلىتە تۇيۇلمايتتى. ئوينىڭ خوجايىنى كەلگەن مېھماننى ئىنتايىن سەمىمىلىك بىلەن ئىپتار داسقىنىغا دەۋەت قىلاتتى. سارايلاردا بۇ خىل چاقىرىلمىغان مېھمانلار ئۈچۈن مەخسۇس داسقانلار سېلىنىپ تەييار تۇراتتى. سېلىنغان داسقانلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش يېمەك – ئىچمەك بىلەن لىق تولغان بولاتتى.
رامىزاندىكى يەنە بىر ئادەت، ئاز تاماق يېيىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش خاراكتىرىگە ئىگە. ئىنسانلار «ئاز يېگەن مەلەك (پەرىشتە) بولىدۇ، كۆپ يىگەن ھالاك بولىدۇ»، «ئاز يېگەن ھەر كۈنى يەيدۇ» دېگەنگە ئوخشاش ئەقىل ئۈنچىلىرىنى خۇشخەت ئۇستىلىرىغا ئالاھىدە يازغۇزۇپ ئۆيلىرىگە ئاساتتى. بۇ خەتنى كۆرگەن كىشىلەر ئىپتار داسقانلىرىدا تاماقنى ئاز يەيتتى. شۇنداق قىلىپ تاماقنى ئاز يېيىش ھەققىدە پەيغەمبەر ئەليھىسسالامنىڭ قىلغان تەۋسىيەلىرىنى ئورۇندىغان بولاتتى. پۈتۈن كۈن ئاچ يۈرگەن بىر ئىنساننىڭ ياغلىق، تۈزلۈق، شىكەرلىك ۋە ئۇن تاماقىلىرىنى يېيىىشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلىلىرى ۋە زىيانلىرىنى ئويلايدىغان بولساق، بۇ نەسىھەتنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشۈنۈپ يېتەلەيمىز.
ساراي قائىدىلىرنىڭ يەنە بىرسى ساراي ئاشپىزىنىڭ تاللىنىشى ئىدى. سارايدىكى خانىشلارغا ئاشپەزلەر تەييارلىغان پىيازلىق تۇخۇم سۇنۇلاتتى، ھەر بىر پىيازلىق تۇخۇمنىڭ تەمىنى بىر بىرلەپ تېتىپ چىققان خانىشلار ئەڭ ياخشى پۇشۇرۇلغان پىيازلىق تۇخۇمنى تاللايتتى. ئەڭ ياخشى كۆرۈلگەن پىيازلىق تۇخومنى پىشۇرغۇچى ئۇستا رامىزان ئېيى بويىچە خانىشلارغا تاماق ئېتىش ھەقۇقىغا ئېرىشىپ مۇكاپاتلىناتتى.
رامىزاندىكى ئادەتلەردىن يەنە بىرى، ھەر بىر مەھەللىگە تەيىنلەنگەن خادىملارنىڭ مۇزدەك مىۋە سۇيى، لىمۇن شەربىتى، دوغ ۋە ھىندى خورمىسى شەربىتى تارقىتىشى ئىدى. ئوسمانلى خەلىپىكى دەۋرىدە پۈتۈن رامىزان ئېيى بويىچە سۇلتان ئەھمەت مەيدانىدىكى گېرمان چەشمىسىنىڭ تۇرۇببىلىرىدىن شەربەت ئاقاتتى. ھەتتا رامىزان ئېيى بويىچە شام نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن جامىگە كەلگەن جامتائەتكە شەربەت تارقىتىش ئۈچۈن مەخسۇس فوندى جەمئىيەتلەر قۇرۇلغان ئىدى. مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دىنىي كۈنلەردە گېرمان چەشمىسىنىڭ تۇرۇببىسىدىن شەربەت ئاقىدىغان ئەنئىنى ئۆز پىتى داۋملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
بۇلاردىن باشقا يەنە ئالدىنقى پىروگراممىمىزدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن «چىش ئۇپراش ھەققى»مۇ ئوسمانلى خەلىپىلىكىدىن قالغان ئىنتايىن گۈزەل ئادەت بولۇپ، بۇ ئادەتكە بىنائەن ئۆيگە كەلگەن مېھمانلارغا ئۆي ئىگىسى تەرىپىدىن پۇل ياكى باشقا كېچىك ھەدىيەلەر بېرىلىدىن بولدى. بۇ ئادەت بايلارنىڭ سارايلىرىدىن خەلقنىڭ نۇرغۇنلىغان تەبىقىلىرىگىچە كېڭەيگەن ئىدى. ھەممەيلەن كۈچىنىڭ يېتىشىچە مېھمانلىرىغا كېچىك بىر تەشەككۈر ھەدىىيەسى بېرىدىغان بولدى. ئەڭ دەسلەپكى «چىش ئۇپراش ھەققى» فاتىھ سۇلتان مەھمەت خاننىڭ باش ۋەزىرى مەھمۇت پاشا تەرىپىدىن بېرىلگەن بولۇپ، تارىخىي مەنبەلەردە باش ۋەزىر مەھمۇت پاشانىڭ داسقانغا قويۇلغان پولوغا نۇقۇت قويۇش بىلەن بىرىلكتە نۇقۇت چوڭلۇقىدىكى ئالتۇن كۇمىلاچلارنىمۇ قويغانلىقى خاتىرلەنگەن.
دەرۋەقە رامىزان ئېيى راستىنلا ئۆزئارا كۆيۈنۈش، سۆيگۈ ۋە ئەخلاق – پەزىلەت ئېيىدۇر. بۈگۈن ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردىن تارتىپ ئانادولۇنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە قول ئىلكىدە بار باي كىشىلەر شەھەر مەيدانلىرىدا ياكى ئىپتار چېدىرلىرىدا خەلققە ئىپتار بېرىدۇ. چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈركلەرمۇ بىر يەرگە جەم بولۇش ۋە بىرلىكتە ئىپتار قىلىش ئۈچۈن ئىپتار چېدىرى ئەنئەنىسىنى داۋالاشتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە تۈركلەر تەرىپىدىن چەت ئەللەردە قۇرۇلىدىغان ئىپتار چېدىرلىرىدا ھەر قايسى دىن، ھەر قايسى كۈلتۈر ۋە ئوخشاش رولمىىغان مىللەتلەرگە مەنسۇپ ئىنسانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇڭا رامىزان ئۆزئارا ئورتاقلىشىشتىن باشقا يەنە ئۆزئارا دوستلۇقنىڭمۇ ياڭراق سادىسى بولماقتا.
يۇقىرىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلىمى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور فاتىمە ئەھسەن تۇران تەرىپدىن تەييارلانغان پىروگراممىمىزنى دىققتىڭلارغا سۇندۇق.!

 

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر