ياۋرو – ئاسىياغا نەزەر – 26

125327
ياۋرو – ئاسىياغا نەزەر – 26

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى مەجلىسىنىڭ 5 – قېتىملىق يىغىنى 12 – 13 – ئىيۇن كۈنلىرى ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلدى. ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئوكتاي ئاسادوۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئېچىلغان يىغىنغا، قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى كابىدۇللاھ جاكۇپوۋ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى جوگوركۇ كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئاسىلبېك جېئېنبېكوۋ ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى جەمىل چېچەك قاتناشتى. يىغىنغا يەنە، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئورتاق خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتى (تۈركسوي)، تۈرك كېڭىشى، تۈرك ئاكادېمىيەسى ۋە قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى پارلامېنتلار مەجلىسى قاتارلىق كۆزەتكۈچى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. بۇلاردىن باشقا، ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساندور لېزساك ئەپەندى مېھمان سۈپىتىدە قاتناشتى.
يىغىندا ئاساسلىق قىلىپ تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. مەجلىس كېڭىشىدە تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى مەجلىسىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى بولغان ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە قانۇن ئىشلىرى كومىتېتى ھەمدە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى تەستىقلاندى. بۇلارغا قوشۇمچە، مۇھىت ۋە تەبىئىي بايلىقلار كومىېتتى قۇرۇلدى. ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنى كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ دوكلاتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى ۋە تەشكىلاتنىڭ 2015 – يىلىدىكى خامچوتى مۇزاكىرە قىلىندى.
مەجلىس كېڭىشىنىڭ قارارى بىلەن، ۋېنگىرىيە پارلامېنتىغا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بېرىلدى. يىغىن ئاخىرىدا، باكۇ خىتابنامىسى قوبۇل قىلىندى. ئىمزالانغان باكۇ خىتابنامىسىدە، مۇسۇلدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ۋە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى. خىتابنامىدە يەنە، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا تېررورلۇق ۋە ھەر خىل جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئارىسىدىكى تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈلكى دائىرىسىدە ھەل قىلىنىشى قاتارلىق ئورتاق مەنپەئەتلەر تەكىتلەندى.
ھەممىمىزگە ئايان بولغاندەك، تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى مەجلىسى 2008 – يىلى 21 – نويابىر «دولماباغچا سارىيى» دا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ باشچىلىقىدا، ئەزەبەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى ئىمزالىغان كېلىشىم بىلەن قۇرۇلغان ئىدى. تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى مەجلىسىنىڭ 1 – قېتىملىق ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى 2009 – يىلى 29 – سېنتەبىر ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا، تەشكىلاتنىڭ ئىچكى نىزامنامىسى، كاتىباتلىق ۋە باكۇ خىتابنامىسى، كاتىباتلىق ئىشخانىسىنىڭ باكۇدا بولۇشى قاتارلىقلار قارار قىلىنغان ئىدى.
تەشكىلاتنىڭ تۇنجى باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى تۆت يىل بويىچە رامىل ھاسانوۋ ئۈستىگە ئالدى. 2013 – يىلى 11 – ئىيۇن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 4 – قېتىملىق يىغىندا جاندوس ئاسانوۋ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە قويۇلدى.
تۇنجى بولۇپ قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى مەجلىسى، خەلقئارا سەھنىلەردە ئانچە تەسىرى كۈچلۈك كۆرۈنمىسىمۇ، ياۋرو – ئاسىيا تېررىتورىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىشى مەسىلىسىدە ۋەزىپىسى ئېغىر تەشكىلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنى ئاساسى، تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى مەجلىسىگە ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت تەجرىبىسى نەتىجىسىدە تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، تۈركمەنىستان بىلەن ئۆزبېكىستان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ كىرىشى لازىم. بۇنداق بولغاندا، تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامنېتلىرى مەجلىسى، تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتىغا ئايلىنالىشى مۇمكىن.
مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر دىققىتىنى ئالدى بىلەن، ئەدلىيە، قانۇن ۋە تاموژنا ساھەلىرىدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرەلىشى مۇمكىن. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىلىرىدىن بىرى بولغان ئورتاق تاشقى سىياسەت بەلگىلەشنىڭ ئاساسىنى تەشكىلاتتىن باشلاشقا بولىدۇ. تەشكىلاتنىڭ نىشانلىرىدىن بىرى بولغان ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلىسى، كېيىنكى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپ كۈنتەرتىپكە قويۇلۇشى لازىم.
تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى مەجلىسىنىڭ كومىتېتلىرىدا «تۈرك تىللىرى كۈنى» نى ئۆتكۈزۈش تالاش – تارتىش قىلىنماقتا. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىمكى، تەشكىلات ئەڭ مۇھىمى رەسمىي تور بېتىنى باشقىلارغا ئۆرنەك بولالىغۇدەك دەرىجىدە تولدۇرۇشى لازىم. ئىسمى «تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر» دېيىلسىمۇ، تەشكىلات ماتېرىياللىرىنىڭ تور بەتتە تۈركىي تىللىرىدىن كۆپىرەك ئىنگلىزچە بولۇشى، كىشىنى تەشكىلاتنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا ئويغا سالماي قويمايدۇ.
تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى مەجلىسى خىزمەتلىرىدە ھەر قايسى كومىتېتلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ھەر خىل شەكىلدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئورنىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشى كېرەك.
تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكلىرىدىن بىرى بولغان دېموكراتىيە، كۆپ سانلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىككە ئىگە بولىدۇ. تەشكىلات بۇ مەنىدە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى مۇمكىن.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پارلامېنتلار مەجلىسى 2014 – يىلى 8 – ئاپرېل قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى جوگوركۇ كېڭىشىگە قارىتا «دېموكراتىيە ئۈچۈن ھەمكارلىق» قارارى ئالدى. خەلقئارا سەھنىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان بۇ خىلدىكى ئۆزگىرىشلەر تەشۋىق قىلىنىشى لازىم.
خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ تەقدىرى، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە پائالىيەتچان بولۇشىغا باغلىقتۇر. كۈنىمىزدە دۇنيادىكى شەرت – شارائىتلار نۇقتىسىدىن، بەش يىلنى تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى مەجلىسى ئۈچۈن ھەم قىسقا، ھەم ئۇزۇن ۋاقىت دېيىشكە بولىدۇ. تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى مەجلىسىنىڭ ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، تەشكىلاتنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر