دۇنيادا ئىز قالدۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرى - 25

115603
دۇنيادا ئىز قالدۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرى - 25

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: شۇنداق ئۇلۇغ كىشىلەر باركى، شۆھرىتى ھەر تەرەپكە تارقالغان ۋە نامىنى نۇرغۇنلىغان كىشى بىلىدىغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە تەتقىقات تېمىسى بولۇش سۈپىتىدە ئالىملارنىڭ دىققەت نەزىرىدە تۇرىدۇ. بۇ ئۇلۇغ كىشىلەردىن بىرى ھەممىمىز ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان، ئەمما ياخشى تونۇمايدىغان مەۋلانە جالالىدىن مۇھەممەد رۇمىدۇر. مەۋلانە ھەزرەتلىرى، چوڭقۇر پەلسەپەۋى پىكىرلىرى، ئىنسانىيەتكە بولغان كەڭ قورساقلىقى ۋە يول كۆرسىتىدىغان سۆزلىرى بىلەن مەشھۇر. ئۇ ھەممىدىن ئاۋال بىر شائىردۇر. ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى شېئىر تىلى بىلەن ئوقۇرمەنلىرىگە يەتكۈزگەن. پۈتۈن ئۆمرىنى بىلىم ئېلىشقا ۋە تەسەۋۋۇپقا ئاتىغان مەۋلانە ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئاشىق ئىدى. چۈنكى ئاشىق ۋە سۆيگۈ، ئۇ دېمەكچى بولغان ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىنى تەشكىل قىلاتتى. مەۋلانىنىڭ پىكرى بويىچە بولغاندا، ئاللاھنىڭ ۋېسالىغا يېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئەڭ مۇھىم نەرسە – ئاشىقلىق ئىدى. مەۋلانە دۇنياۋى سۆيگۈگە ئىشىنەتتى. ئۇنىڭ پەلسەپەسىدە ئىنساننىڭ رەڭگى، دىنى ۋە تىلىغا قاراپ ئايرىش يوق ئىدى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئەسلى مەسىلە ئىنساننىڭ ئۆزى بولۇپ، دىنلار، پەلسەپەلەر ۋە ئەخلاق سىستېمىلىرى ئادەمنى تېخىمۇ خۇشال ۋە تېخىمۇ قىممەتلىك قىلىش يولىدىكى ۋاستىلەر ئىدى. بارلىق ئىنسانلار بولسا، ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى تەجەللىسى ئىدى.
پىكىرلىرى ئۆزى ياشىغان دەۋردىن ھالقىپ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ۋە دۇنياغا تونۇلغان مۇتەسەۋۋۇپلاردىن بىرى بولغان مەۋلانە جالالىدىن رۇمى، 1207 – يىلى تۈركىستاندا، يەنى بۈگۈنكى ئافغانىستان چېگرالىرى ئىچىگە جايلاشقان بەلخ شەھىرىدە تۇغۇلغان. دادىسى بەلخ شەھىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى كىشىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھايات ۋاقتىدا «ئالىملارنىڭ سۇلتانى» دېگەن ئۇنۋاننى ئالغان ھۈسەيىن خاتىب ئوغلى باھائەددىن ۋەلەد ئىدى. ئانىسى بولسا، بەلخ ئەمىرى رۈكنەددىن قىزى مۈمىنە خاتۇن ئىدى. مەۋلانىنىڭ دادىسى ئەينى دەۋردىكى قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن 1212 – يىلى بەلختىن ئايرىلىپ، ئائىلىسى بىلەن خۇراساننىڭ نىشابۇر شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان ۋە دەۋرىدىكى تونۇلغان شائىر، مۇتەسەۋۋۇپ ئاتتار نىشابۇرى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ كۆرۈشۈش يېشى كىچىك بولغان مەۋلانە جالالىدىن رۇمى ئۈچۈن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. چۈنكى ئاتتار قىسقىغىنە داۋاملاشقان كۆرۈشۈشتە ئۇنى ماختىغان ئىدى.
مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ دادىسى كېيىنچە نىشابۇردىن باغدادقا، ئارقىدىن كەئىبىگە قاراپ سەپەر قىلىپ، ھەج پەرزىنى ئادا قىلغان. ھەجدىن قايتقاندا دەمەشىق يولى بىلەن ھازىرقى تۈركىيەنىڭ مالاتيا، ئەرزىنجان، سىۋاس، قەيسەرى ۋە نىغدە ئارقىلىق كارامانغا كەلگەن. كاراماندا ئەمىر مۇسا سالدۇرغان مەدرىسەگە ئورۇنلاشقان. مەۋلانە جالالىدىن رۇمى 1225 – يىلى شەرەفەددىن لالانىڭ قىزى گۆھەر خاتۇن بىلەن ئۆيلەنگەن. سۇلتان ۋەلەد بىلەن ئالاھىددىن چەلەبى بۇ ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىدى. مەۋلانە جالالىدىن رۇمى بىرىنچى ئايالى گۆھەر خاتۇن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بىر پەرزەنتلىك تۇل ئايال كەررا خاتۇن بىلەن ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولغان. بۇ ئايالىدىن مۇزەپپەرەددىن، ئەمىر ئالىم چەلەبى ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل پەرزەنت ۋە مەلىكە خاتۇن ئىسىملىك بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان.
مەۋلانە جالالىدىن رۇمى ياشىغان يىللار، سەلجۇقىيلار دۆلىتى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان مەزگىل ئىدى. ئۇ يىللاردا كونيا سەلجۇقىيلارنىڭ پايتەختى بولۇپ، مۇھىم ئىلىم – پەن ۋە سەنئەت مەركىزىي ئىدى. سەلجۇقىيلارنىڭ سۇلتانلىرى شۇ دەۋردىكى ئۇلۇغ ئالىم ۋە سەنئەتچىلەرنى كونياغا توپلاپ دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن سەلجۇقىيلار ھۆكۈمدارى ئالاھىددىن كەيكۇباد مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ دادىسى باھائەددىن ۋەلەدنى كونياغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشقا تەكلىپ قىلغان. 1228 – يىلى ئائىلىسى بىلەن كونيادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان باھائەددىن ۋەلەد ئەسلىدە بۇ شەھەرنىڭ ئوغلى مەۋلانە جالالىددىن رۇمىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. دېمىسىمۇ ئىشلار شۇنداق بولدى.
مەۋلانە جالالىدىن رۇمى پۈتۈن ئۆمرى بويىچە خەلققە خىزمەت قىلىش، ئىنسانلارنى مېھنەتسىز سۆيۈشنى ئۆگىتىش بىلەن ئۆتكۈزدى. ئەمما، ئۇنىڭ ھاياتىدا بۇرۇلۇش نۇقتىسى دېيىشكە بولىدىغان ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. بۇلاردىن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئېھتىمال، مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ شەمسى تەبرىزى بىلەن تونۇشۇشى بولسا كېرەك. بۇ تونۇشۇش، شەمسى تەبرىزىنىڭ بىر سوئالى بىلەن باشلىنىپ، چوڭقۇر دوستلۇققا ئۆزگەرگەن. شەمسى تەبرىزى مەۋلانە جالالىدىن رۇمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەۋلانە بولسا پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمما، ناھايىتى ئەپسۇسكى، ئەتراپتىكى ھەسەتخورلار شەمسى تەبرىزىنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەمسى تەبرىزى كونيادىن يىراقلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. جالالىدىن رۇمى شەمسى تەبرىزىنى كۆپ ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قىلىش بىلەن كۆڭۈللەرنى ئىزىدىغان ۋە يۈرەكنى ئىچىشتۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى يازىدۇ. ئۇنى تېپىش ئۈچۈن ئىككى قېتىم دەمەشىققە بارىدۇ. بىراق تاپالمايدۇ. مەۋلانە جالالىدىن رۇمى شەمسى تەبرىزىنى ماددىي جەھەتتىن تاپالمىغان بولسىمۇ، روھى جەھەتتىن ئۇنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە كۆرىدۇ. جالالىدىن رۇمى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ماددىي جەھەتتىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم، ئەمما ۋۇجۇتسىز ۋە جانسىز ئىككىمىز بىر نۇرمىز. ئەي، ئىزدىگەن كىشى! خالىساڭ ئۇنى كۆر، خالىساڭ مېنى. مەن ئۇدۇرمەن، ئۇمۇ مەندۇرمەن.»
ئۆمرىنى «ياپتىم، پىشتىم، كۆيدۈم» دېگەن سۆزلىرى بىلەن خۇلاسىلىگەن مەۋلانە جالالىدىن رۇمى 1273 – يىلى 17 – دېكابىر ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
بۈگۈنكى كۈنىمىزدە مەۋلانە جالالىدىن رۇمى يېنىمىزدا بولمىسىمۇ، روھى يېنىمىزدىدۇر. ئۇ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مەنىۋى مىراس، دۇنياۋى قىممەتلەرگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قالدۇرۇلغان ھايات دەرسى ھېسابلىنىدۇ. بەلكىم، مەۋلانە جالالىدىن رۇمى بىزگە ئۆگەتمەكچى بولغان كەڭ قورساقلىق، ئاشىقلىق ۋە مېھنەتسىز سۆيگۈ، ئۇرۇش ئوتى ۋە يامانلىقلار بىلەن بوغۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيانىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بىردىنبىر چارە بولسا كېرەك.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر