ياۋرو – ئاسىياغا نەزەر – 25

114112
ياۋرو – ئاسىياغا نەزەر – 25

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا. ئارىدىن بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، 25 – مايدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى دۆلەتكە مۇقىملىق ئېلىپ كېلەلمىدى. خەلقئارادىكى ئاكتىيورلار مۆتىدىل سىگنال تارقاتتى، ئەمما ئۇكرائىنا ئىچكى ئۇرۇشنىڭ خەتىرىدىن قۇتۇلالمىدى. «ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۇكرائىنادا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرىمەن» دېگەن يېڭى پىرېزىدېنت پېتىر پوروشېنكونىڭ ھازىرچە بۇ مەسىلىدە غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېيتىش قىيىن. ئۇنداق بولسا، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن بۇيان ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەرگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى:
«شاكىلات پادىشاھى» دەپ تونۇلغان ۋە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان سىياسەتكە ئارىلىشىپ كەلگەن پېتىر پوروشېنكو 25 – مايدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا %54.7 ئاۋازغا ئېرىشىپ پىرېزىدېنت بولدى. پوروشېنكو ئۇكرائىنا تارىخىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا بىرىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا غەلىبە قىلغان پىرېزىدېنت بولۇپ قالدى. پوروشېنكو 7 – ئىيۇن قەسەم بېرىپ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا 56 دۆلەتتىن كەلگەن ھەيئەت قاتناشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى بان كىمۇن ئۇكرائىنادا خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن سايلانغان پىرېزىدېنت پوروشېنكونى مەسىلىلەرنى تىنچلىق ئۇسۇلىدا ھەل قىلىشنى ۋە رۇسىيە بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.
5 – ئىيۇن بىريۇسسېلدا توپلانغان G7 دۆلەت رەھبەرلىرى، رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالمىدى. ئەلبەتتە، بۇ قارارنىڭ قىسقا مۇددەتتە كۈچكە ئىگە قارار ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىز كېرەك.
10 – ئىيۇن رۇسىيە، گېرمانىيە ۋە پولشانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى پېتېرسبۇرگدا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، كىيېۋ ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي رايونلاردىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىشنى ۋە رايوندا بىۋاستە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى چاقىرىق قىلىپ، ئۇنداق بولمىغاندا كىرىزىسنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇزۇن يىللارغىچە داۋام قىلىش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىكورىسكى باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) غا ئەزا بولۇش مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپتە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پوروشېنكو 13 – ئىيۇن «رۇسىيە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن پۇتىننى تەبرىكلىدى. تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردە، سۆھبەتتە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورى تەسىس قىلىش، توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، قورال تاشلاش، دۆلەت مىقياسىدا كەچۈرۈم ئېلان قىلىش ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
14 – ئىيۇن «76 - ئىليۇشىن » تىپلىق ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانى شەرقتىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى لۇگانسىك شەھىرىنىڭ ئايرودۇرۇمىغا قونۇش ئەسناسىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن چۈشۈرۈۋېتىلدى. ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋلادىسلاۋ ئايروپىلاندىكى 40 ئەسكەر ۋە توققۇز ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇكرائىنادا 15 – ئىيۇن ماتەم كۈنى قىلىپ ئېلان قىلىندى. ئۇكرائىنا سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ھازىرغىچە 320 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
14 – ئىيۇن رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۆز ئارا بىر – بىرىنىڭ چېگراسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. موسكۋا، ئۇكرائىنانىڭ ئىككى دانە ھەربىي ئاپتوموبىلىنىڭ رۇسىيە چېگراسىدىن بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ، كىيېۋغا نوتا تاپشۇردى. ئامېرىكا بولسا، رۇسىيە تانكىلىرىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇ كۈنى رۇسىيەنىڭ كىيېۋدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلانغان نامايىشچىلار، رۇسىيە بايرىقىنى چۈشۈرۈپ، ئورنىغا ئۇكرائىنا بايرىقىنى ئاستى. ياۋروپا ئىتتىپاقى نامايىشنى ئەيىبلىدى. رۇسىيە پوروشېنكودىن نامايىشچىلارنى قوللىغان ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندى دېشىتسىيانى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇكرائىنا خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ۋالېتىن نالىۋايچېنكو، ئۇكرائىنا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قىلمىشلىرى ھەققىدە ماتېرىيال توپلاپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. نالىۋايچېنكو ئۇكرائىنا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارقىتىۋېتىلىشىنى ۋە جاۋابكارلارنىڭ جازاغا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا تەبىئىي گاز توغرىسىدا تېخى كېلىشىم ئىمزالانمىدى. بۇ مەسىلە كېيىنكى ۋاقىتلاردا رۇسىيە – ئۇكرائىنا مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى رايوننىڭ كېلەچىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىغاندەك تۇرىدۇ.
بۇرۇنقى پىروگراممىلىرىمىزدا، ئۇكرائىنا سىياسىتىدە ئولخارگلارنىڭ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدۇق. بۇ قېتىمقى سايلامدىمۇ دۆلەتنىڭ بايلىرى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىنى كۆرسەتتى. ئەمما، بۇ ئەھۋال ئۇكرائىنانىڭ مۇقىملىققا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ۋە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.
پوروشېنكو پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان غەربنى ياقىلايدىغان سۆزلىرى، دۆلەتنىڭ شەرقىدە ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى ئوڭشاش تىرىشچانلىقلىرى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلەيدىغاندەك ئەمەس. ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا يۈزلىنىشىنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان رۇسىيە، بۇ كۈنلەردە «يول قويۇش» پوزىتسىيەسىدە بولماقتا. غەربمۇ بۇ ئەسنادا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغاندەك ئەمەس. ئەمما، ئۇكرائىنادا نامەلۇم گۇرۇپپا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بايراق چۈشۈرۈش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر