ئوسمان سىناۋنىڭ قىسقىچە ھاياتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى! ياخشىمۇ سىلەر؟ ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنلىرى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدىغان ‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، تۈركىيەلىك داڭلىق كىنو – فىلىم رىژېسسورى ئوسمان سىناۋ بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

97159
ئوسمان سىناۋنىڭ قىسقىچە ھاياتى

پىشقان فىلىم ئىشلىگۈچى، داڭلىق رىژېسسور، ھېرىسمەن سېنارىست ئوسمان سىناۋ 1956- يىلى تۈركىيەنىڭ بۇردۇر شەھىرىدە ئۆرپ – ئادەت قارىشى كۈچلۈك بىر دىندار ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئائىلىسىنىڭ بىناكار بولۇپ يېتىشتۇرۇش ئىستىكىگە بويسۇنمىغان ئوسمان سىناۋ، 1975- يىلى ئىستانبۇل دۆلەتلىك گۈزەل – سەنئەتلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەسىم بۆلۈمىنى پۈتتۈرۈپ، كىيىم لايىھەلەش بىلەن شۇغۇللاندى. 1977- يىلى ئىستانبۇل دۆلەتلىك گۈزەل – سەنئەتلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەم توقۇمۇچىلىق لايىھەلەش كەسپى ھەم كىنو – تېلېۋىزىيە ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1979- يىلى ئوقۇشىنى پۈتتۈردى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېلان يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندى. 1984- يىلى «سىنەگراف» ناملىق فىلىم شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى. 1984- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 500 دىن ئارتۇق ئېلان فىلىمىنىڭ ئىشلىنىشىدە رول ئوينىدى. ئەنە شۇ يىللاردىن تارتىپلا قەدەم باسقان كىنو – فىلىم، كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، دراما ئىشلەش ۋە ئۇلارغا رىژېسسورلۇق قىلىشنى تا بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
1987- يىلى «بىر مۇھەررىرنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق تۇنجى فىلىمىنى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن ئوسمان سىناۋ، «يالغان شەپەق»، «ئاتلىق چۆمۈلە»، «ھۇنكارنىڭ بىر كۈنى»، «كىچىك دۇنيا»، «سۆيگۈدەك بىرى يوق»، «ئىشىكلەرنى ئېچىش»، «ئۇزۇن ھېكايە»، «ھۈنكار ۋە چۈش»، «يالغانچى»، «مۇھەببەت قىزىل»، «بىگۇناھلار»، «پارتىزان»، «ئوت يۈرەك» ۋە «پارىژ: گىلاس ھەرىكىتى» قاتارلىق فىلىملىرى بىلەن تۈركىيە كىنوچىلىقىغا كۆرىنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى.
1990- يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ كۈچىنى ھەرقايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئۈچۈن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلەشكە مەركەزلەشتۈردى. فىلىم ئىشلەش، رىژېسسورلۇق قىلىش ساھەلىرىدە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان ئوسمان سىناۋ، 1991- يىلى «ئەتىگە كۈلۈمسىرەپ بېقىش» (12 بۆلۈم)، 1994- يىلى «پەۋقۇلئاددە ئاتا»، 1996، 1997- يىللىرى «پادىشاھنىڭ ھاياتى (6 قىسىم)، 1997، 1998- يىللىرى «جىددىي پەيتلەر (23 قىسىم)، يەنە شۇ يىلى «پەرىشتە قوروسى» (13 قىسىم)، 1998- يىلى «يېشىل چۈشلەر» (13 قىسىم)، 1998- يىلى «ئوت يۈرەك»، 1999- يىلى «ھايات رىشتىلىرى»، 2002 بىلەن 2004- يىللىرى ئارىسىدا «تىرىكچىلىك» (71 قىسىم)، 2000- يىلى «مەلەك خانىم»، 2002- يىلى «بۆرىلەر ۋادىسى»، 2005- يىلى «ئىشىكلەرنى ئېچىش»، 2005- 2006- يىللىرى «ئاچچىق ھايات» (59 قىسىم)، 2006- يىلى «پۇسات» (13 قىسىم)، 2007- يىلى «پارىژ: زەھەرلىك چېكىملىك تېررورى»، 2008- يىلى «ئالدىراش ئۆتكەن يىللار»، 2009- يىلى «پولكقا قارشى ئىسيان»، 2009- يىلى تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيەسى ئۈچۈن ئىشلىگەن «ساكاريا فىرات»، 2010- يىلى «قىلىچ كۈنى»، 2011- يىلى «ئارىمىزدىكى تام» شۇنداقلا نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان (2014- يىل) «قىزىل ئالما» ۋە «خاتاسىز ئىنسان بولمايدۇ» قاتارلىق تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن كۆپلىگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى يا ئۆزى ئىشلىدى ياكى ئۇلارغا رىژېسسورلۇق قىلدى. ئۇ ئىشلىگەن بىر قىسىم كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيە چېگرالىرىدىن ھالقىپ دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا قويۇلدى، كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىندى.
ئوسمان سىناۋ 2002- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئالاھىدە قىزىقىش ئىچىدە كۆرۈلگەن، تۈرك كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيەچىلىكى نۇقتىسىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن «بۆرىلەر ۋادىسى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ دەسلەپكى 55 بۆلۈمىگە رىژېسسورلۇق قىلغان بولۇپ، «بۆرىلەرنىڭ ۋادىسى» نىڭ كېيىنكى قىسىملىرى ئۇ سىزىپ بەرگەن لىنىيەنى بويلاپ باشقا بىر كىنو – فىلىم شىركىتى تەرىپىدىن تا بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇلۇپ كەلمەكتە. ئۇ «بۆرىلەر ۋادىسى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارقىلىق قارا گوروھ، يەر ئاستى تەشكىلات دېگەنلەرنىڭ خەلقنىڭ تونۇشىدىكى قارا كىيىم كىيىپ، قارا كۆز ئەينەك تاقاپ يۈرىدىغان، قوراللىق ئون – ئونبەش ئادەم بىلەن كېلىپ بىرلىرىنى ئۇرۇپ، بىرلىرىنى مەسئۇلىيەتسىزلەرچە ئۆلتۈرىدىغان چوماقچىلار ئەمەس، ئەكسىچە نۆۋىتى كەلگەندە قانۇن چىقىرىدىغان، چىقارغۇزالايدىغان، قانۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلەيدىغان، مىنىستىرلارنى ئالماشتۇرالايدىغان، كۈنتەرتىپنى بەلگىلىيەلەيدىغان، دۆلەتنىڭ غەيرى رەسمىي ئىقتىسادىنى كونترول قىلالايدىغان بىر كۈچ ئىكەنلىكىنى روشەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.
ئوخشاشلا «ئوت يۈرەك» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ 1998 ۋە 2002- يىللىرى ئارىسىدا تۈرك تاماشىبىنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن 113 قىسمىغا رىژېسسورلۇق قىلىپ ئالاھىدە يۇقىرى ئۈنۈم ياراتتى. ئوسمان سىناۋنىڭ خۇسۇسەن بۇ ئىككى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بۇنچىۋالا كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىشىدا باشقا بىر قاتار ئامىللار بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ قارا گوروھ، يەر ئاستى تەشكىلات ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى چىنلىق ئاساسىدا يۇرۇتۇپ بېرىشكە تىرىشىشى، ھەق – ناھەق ئارىسىدىكى كۈرەشنىڭ رەھىمسىز ۋە كەسكىنلىكىنىڭ روشەن ئەكس ئېتىشى قاتارلىقلار مۇھىم رول ئوينىغان بولسا كېرەك. ئوسمان سىناۋ بىر گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئوت يۈرەك» يۈزدە يۈز مېنىڭ قاراشلىرىمىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دېگەنىدى. بۇلاردىن باشقا ئوسمان سىناۋ رىژېسسورلۇق قىلغان «پەۋقۇلئاددە ئاتا» ۋە «تىرىكچىلىك (ئەكمەك تەكنەسى)» دېگەندەك كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكى يۇمۇرىستىك تىل ۋە سەھنىلەرمۇ تۈرك تاماشىبىنلىرىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلدى.
ئوسمان سىناۋ بىلەن سۇلايمان چوبانئوغلۇ بىرلىكتە ئىشلىگەن «قىزىل ئالما» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى 2014- يىلى 15- يانۋاردا TRT-1 قانىلىدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن تارتىپلا ئالاھىدە كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىدى. تۈركىيە تېلېۋىزىيەچىلىكى ئۈچۈن يېپيېڭى بىر تېما بولۇپ ھېسابلىنىدىغان «قىزىل ئالما» تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ياكى تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (م ئ ت) نىڭ ئىستىخبارات ئۇرۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، بىر مەنىدە تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى روھىنى، تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم تەھدىتلەرنى يىراقتىن بولسىمۇ ئايدىڭلىتىپ بەرمەكتە.
چارەك ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقتىنى تۈركىيە كىنو – فىلىم، كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە دراممىلارغا ئاجراتقان ئوسمان سىناۋ ئەينى ۋاقىتتا رىژېسسورلار جەمئىيىتى بىلەن كىنو ئەسىرى كەسىپ ئەھلىلىرى بىرلىكىنىڭ ئەزاسى، كىنو فىلىملىرى جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسىدۇر. رىژېسسور ئوسمان سىناۋ «مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئۆلچىمىم خەلققە يېتىشتۇر» ئىشلىگەن ياكى رىژېسسورلۇق قىلغان فىلىم ياكى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىم خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەي تۇرۇپ ئالغان مۇكاپاتلار «مېنى ھاياجانلاندۇرالمايدۇ» دېگەن بولسىمۇ، 1994- يىلىدىن بويان ئونلارچە قېتىم «ئەڭ ياخشى رىژېسسور»، «ئەڭ ياخشى فىلىم ئىشلىگۈچى» مۇكاپاتلىرىغا، يەنە «ئالتۇن كېپىنەك»، «ئالتۇن كوزا» ۋە «ئالتۇن ئاپلىسىن» مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى.
ئوسمان سىناۋنىڭ كەسپكە بولغان تونۇشى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇ ھەقتە «مەن سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىمەن. سەنئەت ھەر قانداق ئىدىئولوگىيەدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.» دەيدۇ.
1985- يىلى تانگۈل ئۆزبەل بىلەن ئۆيلەنگەن ئوسمان سىناۋنىڭ تۆت ئوغۇل پەرزەنتى بار.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا ‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم شەخسلەر تونۇشتۇرۇلىدىغان مەزكۇر سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، تۈركىيەلىك داڭلىق كىنو – فىلىم رىژېسسورى ئوسمان سىناۋ بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق. ئالدىمىزدىكى ھەپتە يەنە بىر داڭلىق كىنو – فىلىم رىژېسسورى نۇرى بىلگە جەيلان بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەھمەت!
پايدىلانغان مەنبە: ئوسمان سىناۋ ئىنفو ۋە ئاگېنتلىقلار


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر