دۇنيادا ئىز قالدۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرى - 15

92733
دۇنيادا ئىز قالدۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرى - 15

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك – ئىسلام تەسەۋۋۇپ ئىلمىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئەھمەت يەسەۋى ئېنىق بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1093 – يىلى غەربىي تۈركىستانغا جايلاشقان، بۈگۈنكى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى سايرام يېزىسىدا تۇغۇلغان. دادىسى شەيخ ئىبراھىم ئەينى دەۋردىكى داڭلىق كىشىلەردىن بىرى بولۇپ، ئانىسى بولسا، بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ «كاراساچ خاتۇن» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئايشە خاتۇن ئىدى.

ئەھمەت يەسەۋى ئائىلىنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتى بولۇپ، ئۇنىڭ گۆھەر ئىسىملىك ئاچىسى بار ئىدى. ناھايىتى كىچىك يېشىدىلا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەھمەت يەسەۋى، يەتتە ياشقا كىرگەندە دادىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن، ئاچىسى بىلەن بىرلىكتە بۈگۈنكى قازاقىستاندىكى تۈركىستان شەھىرىنىڭ چېگراسى ئىچىگە جايلاشقان يەسى شەھىرىگە كېتىدۇ. ئۇ ئۆمۈرىنى شۇ شەھەردە ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن كېيىنچە «يەسەۋى» دەپ تونۇلىدۇ.

يەسى شەھىرىدە ئوقۇشنى باشلىغان ئەھمەت يەسەۋى، كىچىك يېشىدىن تارتىپلا ئالاھىدە ئەقلىي ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئارسلان بابانىڭ يېنىدا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئارسلان بابا ئەھمەت يەسەۋىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە مەسئۇل بولۇشتىن باشقا، ئۇنىڭ مەنىۋى ئاتىسى بولغان ئىدى.

ئەھمەت يەسەۋى مەنىۋى ئاتىسى ۋە مائارىپچى ئارسلان بابانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئوقۇشىنى داۋام قىلىدۇ. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن زامانىدىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولغان بۇخارا ۋە سەمەرقەنتكە بارىدۇ. 27 يېشىدا ئۇلۇغ مۇتەسەۋۋۇپ ئالىم شەيخ يۇسۇف ھامەدانىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن تەسەۋۋۇپ ئىلمىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇلۇغ ئالىملاردىن دەرس ئېلىپ ۋە ئۆزىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە يېتىشتۈرۈپ، يەسى شەھىرىگە قايتىپ كەلگەن ئەھمەت يەسەۋى، «يەسەۋىييە ئوچىقى» نى قۇرۇپ، ئابدۇلخالىق گۈجدۈۋانى ۋە مۇھەممەد باھائۈددىن نەقىشبەندى قاتارلىق ئۇلۇغ مۇتەسەۋۋۇپ ئالىملارنى يېتىشتۈرىدۇ. يەسەۋى مەكتىپىدە تەربىيەلەنگەن مىڭلارچە ئوقۇغۇچىدىن بەزىلىرى يەسەۋىيچىلىك ئىدىيەلىرىنى ھىندىستان، ئىران، ئافغانىستان ۋە بولۇپمۇ ئانادولۇغا تارقىتىشقا باشلايدۇ. ئانادولۇدىكى يەسەۋى ئەگەشكۈچىلىرى بەزىدە ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ «ئالپەرەن»، بەزىدە قېرىنداشلىق ۋە ئەخلاق جەڭچىلىرى بولۇپ، «ئاھى» نامىنى ئالىدۇ.

ئەھمەت يەسەۋى تەسەۋۋۇپ ۋە ھېكمەت ساھەسىدىكى بىلىملىرىنى پەقەت دەرس قىلىپ ئۆتۈش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدۇ. ئۇ چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى شېئىرغا ئايلاندۇرۇپ، خەلققە ۋە ئۆزىنىڭ مۇرىتلىرىغا ئۆگىتىدۇ. بىلىم ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە پارسچە ۋە ئەرەبچە كۆپ قوللىنىلىدىغان بىر دەۋردە، شېئىرلىرىنى تۈركچە يازغان ئەھمەت يەسەۋىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن رەتلىنىپ توپلىنىدۇ. «دىۋانى ھېكمەت» نامىدا كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بۇ قىممەتلىك ئەسەر، خاقانىيە تۈركچىسى بىلەن يېزىلغان ئىدى. ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلار ئۆتكەندىن كېيىن رەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، دىۋاندا ئوخشىمىغان تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئەھمەت يەسەۋىنىڭ ھېكمەتلىرىدە ئەكس ئەتكەن تېمىلار پۈتۈنلەي دېگۈدەك دىنىي ۋە تەسەۋۋۇپ تېمىلىرى بولۇپ، ئىسلامىيەتنىڭ ئاساسلىرى، شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە تەسەۋۋۇپ ئەدەپ – ئەخلاقى، شېئىرلىرىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. قىيامەت ئەھۋالى، جەننەت ۋە جەھەننەم تەسۋىرلىرى، دۇنيا ئەھۋالىدىن شىكايەت، پەيغەمبەر سۆيگۈسى، دەرۋىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر ۋە ئەھمەت يەسەۋىنىڭ ئۆز ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك پارچىلار ئىنتايىن ئاددىي تىل بىلەن بايان قىلىنىدۇ.

تۈركىي خەلقلەر ئەدەبياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر ئەسەر، ئەھمەت يەسەۋى تەرىپىدىن 1166 – يىلى يېزىلىدۇ. تۈرك تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنىڭ ھەممە بىلىدىغان ئەڭ قەدىمكى ئۆرنەكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «دىۋانى ھېكمەت» نىڭ تېمىلىرى ئاساسەن دىنىي تېمىلاردۇر. بۇ ئەسەر مەشھۇر مۇتەپەككۇرلاردىن يۇنۇس ئەمرەنىڭ، ھاجى بەكتاش ۋەلىنىڭ ۋە ھاجى بايرام ۋەلىنىڭ چۈشەنچىلىرىگە ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ.

ئەسەردە ئاساسلىقى يەسەۋىيلىك تەرىقىتى، دەرۋىشلەرگە مەدھىيەلەر، جەننەت ۋە جەھەننەم ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى بايان قىلىنىدۇ.

«دىۋانى ھېكمەت» تۈرك دۇنياسىدا كۆپ ئوقۇلغان داڭلىق ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پىرى تۈركىستان خوجا ئەھمەت يەسەۋى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان بۇ كاتتا ئەسەرنىڭ ھەر خىل قوليازما نۇسخىلىرىنى دۇنيا كۇتۇپخانىلىرىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئەھمەت يەسەۋى 1166– يىلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسى ئۇ ۋاپات بولۇپ تەخمىنەن ئىككى ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، ئەمىر تېمۇر تەرىپىدىن قاتۇرۇلىدۇ. رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ كارامەتلىرى داۋام قىلغان بولۇپ، ئۆزىدىن ئىككى ئەسىر كېيىن ياشىغان تۈرك خاقانى ئەمىر تېمۇرنىڭ چۈشىگە كىرىپ، بۇخارانىڭ پەتھى قىلىنىشىدىن خۇش خەۋەر بەرگەن. بۇ بېشارەتتىن كېيىن، بۇخاراغا قاراپ يۈرۈش قىلغان ئەمىر تېمۇر غەلىبىسىدىن كېيىن، مەنىۋى جەھەتتىن رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن يەسى شەھىرىگە كېلىپ ئەھمەت يەسەۋىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان ۋە ھەشەمەتلىك بىر قەبرىنىڭ ياسىلىشىنى ئەمىر قىلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر