تۈركىيەنىڭ ئالەم قاتنىشى سەپىرى باشلىنىش ئالدىدا...

تۈركىيەنىڭ ئالەم قاتنىشى سەپىرى باشلىنىش ئالدىدا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى سىتۇديولىرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! ھەر پىروگراممىمىزدا تەكرارلاپ ئۆتۈۋاتقىنىمىزدەك، ھايات گۈزەل، يېڭى شەيئىلەردىن ۋاقىپ بولۇشمۇ شۇنداق... تۈركىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقى سەپىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى نامزاتلىرىنى تاللاش مۇساپىسى بىلەن بىرلىكتە يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئۇنداقتا ئالەم بوشلۇقىدا 10 كۈن تۇرۇپ قايتىدىغان ئالەم قاتنىشى ئۇچقۇچىسىنى نېمىلەر كۈتۈۋاتىدۇ؟ «گۈزەل يېڭىلىقلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، تۈركىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقى سەپىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز...