ئۇپۇق سىزىقى - 26

گۈزەل ۋە قەدىمىي شەھەرۋان ۋە بۇ شەھەردىكى يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتى توغرىسىدا

108364
ئۇپۇق سىزىقى - 26

ت ر ت تۈركىيەنىڭ ئاۋازى رادىيوسىدا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئاڭلىتىلىدىغان ئۇپۇق سىزىقى پىروگراممىمىزغا خوش كەلدىڭلار. بۈگۈن سىگناللىرىمىزدىن كېيىنلا سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقان سۆزلەر مارتىن لۇتېر كىڭغا تەۋە. بىز 21-ئەسىردە ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ئەڭ توغرا ۋە مۇۋاپىق يولنىڭ مائارىپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتۇق. ئالىي مەكتەپ تەربىيەنى ئېلىش ئۈچۈن دۆلەت ئارىسىدىكى پاسىللارنىڭ توسالغۇ بولۇشتىن چىققانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. دەل بۇ سەۋەبتىن تۈركىيەدىكى ئالىي مائارىپ ئىمكانىيەتلىرىنى سىلەر بىلەن تەپسىلىي ئورتاقلىشىشىنى داۋاملاشتۇرىمىز.
بۈگۈنكى سەپىرىمىز تارىخىي مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7000-يىللارغىچە سوزۇلغان بىر شەھەرگە بولىدۇ.
بۈگۈن سىلەرنىڭ ھۇزرۇڭلارغا تۈركىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان كەڭ كەتكەن ۋە ھەيۋەتلىك شەھەر ۋاننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ۋان نۇرغۇن مەدەنىيەتكە ساھىبخانىلىق قىلغان شەھەردۇر. ئۇرارتۇلارغا پايتەخت بولۇپ خىزمەت قىلغاندا بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ نامى تۇشپا ئىكەن. ۋاندا مىڭلارچە يىل ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىزلىرىنى ھېلىھەم كۆرۈش مۇمكىن. بىراق بۇ تارىخىي ئىزلار ئارىسىدا بەلكى ئەڭ كۆركەملىك بولغىنى 3000 يىل قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋان قەلئەسىدۇر.
ۋاننىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق سۆزلەرنى تېپىشتا قىينالدۇق ۋە بۇ جاينىڭ ئاھالىلىرىدىن نېمە ئۈچۈن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بۇ شەھەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشى كېرەكلىكىنى سورىدۇق. قېنى نەزىرىڭلار ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابىدا بولسۇن.
ۋاننىڭ خەلقئارا چېگرالارغا ئىگە جۇغراپىيىگە بەرپا قىلىنىشى ۋە ۋان كۆلى ھاۋزىسىنىڭ ھاۋاسىنىڭ ھەر پەسلى ئوچۇق ۋە ئىللىق بولۇشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر ئىللىق كىلىماتنى ياقتۇرىدىغان ياشلارغا خويمۇ ماس كېلىدۇ.
مىسلىسىز كۆركەملىكى ۋە ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان تارىخىي ئەسەرلىرى، بىر كۈندە ئوخشىمىغان يەتتە رەڭگە كىرىدىغان ۋان كۆلىنىڭ جەلپ قىلارلىق ۋە تەڭداشسىز كۈن پېتىشى قاتارلىقلار ئۇنتۇلماس ئىزلار قالدۇرغان ۋان رايونىدا ئالىي مەكتەپ تەربىيەنى ئېلىش پۇرسىتى بىلەن ھەم يەرلىك ھەمدە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغايدۇ.
يەرلىك تۈرلەردىن بولغان ئىنىچكە كورېگون بېلىقى ۋە ئاپئاق تۈكلىرى بىلەن ئوخشىمىغان ئىككى رەڭلىك كۆزى بولغان ۋان مۈشۈكىنى كۆرۈش پۇرسىتى بىلەن بىرگە، قىزىل لەيلەك ۋە سۇلۇق يەرلەدە كۆزگە چېلىقىدىغان باشقا قۇش تۈرلىرى ۋە يەرلىك ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرى بىلەن بۇ گۈزەل ماكان ساھايەتلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ۋان دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولسىمۇ، دېڭىزغا ئوخشاش چوڭ كۆلى بار، كۈلتۈر ۋە ئېكولوگىيىلىك ساياھەتچىلىكى نۇقتىسىدىن ئېگىزلىككە جايلاشقان ۋان شەھرىنىڭ قوينىدا ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان نۇرغۇن كۈلتۈر ئەسەرلىرى مەۋجۇت.
ئەمدى بۇ گۈزەل شەھەردىكى بىردىنبىر ئالىي مەكتەپ بولغان ۋان ئۇنىۋېرسىتېتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ۋان يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتىغا مۇستافا كامال ئاتا تۈركنىڭ مەۋلۇتىنىڭ 100-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتى نامى بېرىلگەن. ئۇنىۋېرسىتېت 1981-يىلى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئوقۇش ھاياتىنى 1982-يىلى باشلىغان. ھازىر ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە 24.000غا يېقىن ئوقۇغۇچىغا ساھىبخانىلىق قىلماقتا. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يارىتىپ بېرىلگەن قونالغۇ شارائىتلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مىكروفونىمىزنى مەزكۇر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا تەڭلىدۇق. ئۇلار بىز بىلەن مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى:
«شەھەر مەركىزىدىكى خۇسۇسىي ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىنالىرىدىن باشقا، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى قونالغۇ ئېھتىياجىنى دۆلەتكە قاراشلىق ئالىي مائارىپ كىرىدېت ۋە ئوقۇغۇچىلار قونالغۇسى ئورگىنى قامدايدۇ. بۇ ئورگاننىڭ يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ قورۇسى ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدا جەمئىي 8000 ئوقۇغۇچى قالالايدۇ. ئالىي مەكتىپىمىزگە قاراشلىق شەھەر سىرتىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىنالىرى ۋە ئالىي مەكتىپىمىزگە قاراشلىق ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىنالىرىدا جەمئىي 5000 ئوقۇغۇچى بىمالال تۇرالايدۇ. تۈركىيەدە مەكتەپ قورۇسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدا قېلىشنى تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 90%نىڭ قونالغۇ ئېھتىياجىنى ھەل قىلالايدىغان بىردىنبىر ئالىي مەكتەپتۇر.»
بىز يەنە ئوقۇش پۇلى ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدىمۇ سورىدۇق، ئۇلارنىڭ جاۋابى مۇنداق بولدى: «ئالىي مەكتپىىمىزدە تەشكلىي ھەيئەت قارارى بىلەن نەتىجىسى ئەلا بولغان بىراق ئائىلە ئىقتىسادى تۆۋەن بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش جەريانىدا بەدەلسىز ئوقۇش پۇلى بېرىلىدۇ. ئالىي مەكتىپىمىزدە 1200 ئوقۇغۇچىغا تاماق پۇلى بېرىلىدۇ. شۇنداقلا بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بەزى شىركەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەر دائىرىسىدە پات-پات كىيىم-كىچەك ئىئانە قىلىنىدۇ. مەكتىپىمىزدە تەخمىنەن 115 ئوقۇغۇچىمىزغا قىسمى سالاھىيەتتە ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلدى.»
ۋاندىكى يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلارنى يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكەن شارائىتلاردىن باشقا يەنە قانداق شارائىتلارنىڭ بارلىقىغا قىزىققان بولسىڭىز كېرەك. ئۇنداقتا مەزكۇر ئالىي مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە نەزەر سالايلى. يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېپىق تەنتەربىيە زالى، مەشىق مەيدانى، گىمناستىكا مەيدانى، تەنتەربىيە زالى، پەي توپ مەيدانى، پۇتبول مەيدانى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قاتارلىقلار بولۇپ، ھەر تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قىزىقىدىغانلارغا تولۇق شارائىت يارىتىپ بېرىلگەن، ئالىي مەكتىپىمىز تەنتەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
مەدەنىيەت-سەنئەت مەركەزلىرى، لېكسىيە زاللىرى، تىياتىر ۋە كونسېرت زاللىرى، ئىجتىمائىي پائالىيەت مەركەزلىرى، ئاشخانىلار، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى، قەھۋاخانىلار، رېستورانلار قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى تېخىمۇ مول قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىلەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى تېخىمۇ رەڭدار قىلغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر، كونسېرتلار، لېكسىيەگە ئوخشاش نۇرغۇن پائالىيەتلەر بىلەن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.
ئون بەش يىلدا تەخمىنەن 3600 ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەر ئوقۇ-ئوقۇتۇش يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا، ئىجتىمائىي، ئاكادېمىك ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى جەھەتتىن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدۇ.
ئەلۋەتتە، ۋان ۋە يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتى ھەققىدە دېيىلىدىغان نۇرغۇن گەپلەر بار. بىراق ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پىروگراممىمىزنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ قالدۇق. مەزكۇر ئالىي مەكتەپنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قانداق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كېلەر ھەپتىكى بۆلۈمىمىزدە مەزكۇر ئالىي مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىمىزنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.
بىز بىلەن قايتا كۆرۈشۈش ئۈچۈن بىر ھەپتە ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق. Facebook’تىكى TRT Horizon سەھىپىسىنى زىيارەت قىلىپ، ۋىدىئولىرىمىزنى، سۆھبەت خاتىرىلىمىزنى ۋە پىروگراممىلىرىمىزنى زىيارەت قىلساڭلار بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر