سالامەتلىك، ساياھەت ۋە تۈركىيە - 24

100901
سالامەتلىك، ساياھەت ۋە تۈركىيە - 24

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يەرنىڭ تېگىدىن چىقىدىغان تېرمال سۇلار تارىختىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپلىگەن مەدەنىيەتلەر ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ساغلاملىق مەنبەلىرى بو كەلگەن. قەدىمدىن تارتىپ ئىنسانلارنى جەلىپ قىلىپ كېلىۋاتقان تەبىئىي ئىسسىق سۇ مەنبەلىرى، قەدىمكى دەۋىرلەردە تازىلىق، روھىي جەھەتتىن ئارام ئېلىش بولۇپمۇ داۋالىنىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلگەن. بۇ مەنبەلەر، بىر تەرەپتىن جاپا - مۇشەققەتسىزلا تازىلىق پۇرسىتى يارىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ھېرىپ - چارچاپ كەتكەنلەر ۋە يارىلانغانلارنى داۋالايدىغان شىپا مەركەزلىرى سۈپىتىدە خىزمەت ئىشلىگەن. مۇھىم گېئوتېرمال ئۆتۈش ئېغىزىغا جايلاشقان تۈركىيەدە 1500 دىن ئارتۇق تېرمال سۇ مەنبەلىرى بار. بۇ بايلىقلار، قەدىمدىن تارتىپلا ئانادولۇدا ياشاپ ئۆتكەن ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ھەر بىر دەۋىردە ئىسسىق سۇ مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىلغان. قەدىمكى زامانلاردا ناھايىتى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدىغان بۇ ئارىشاڭلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قالدۇقلىرى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان. بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن ئارىشاڭلاردىن بەزىلىرى بولسا ئوخشىمىغان دەۋىدلەردە رېمۇنت قىلدۇرۇلۇش ئارقىلىق ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ھازىرمۇ داۋاملىق ئىشلىتىلمەكتە.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئانادولۇنىڭ شىپالىق سۇلىرى بىلەن داڭلىق شەھەرلەردىن بىرى ئەنقەرەدە. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەنىڭنىڭ ناھىيەلىرىدە ناھايىتى كۆپ تېرمال مەنبەلەر باردۇر. ئەنقەرەنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان قىزىلجاھامماممۇ بۇ ناھىيەلەردىن بىرى. ناھىيەنىڭ مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان تېرمال مەنبەلىرى شۇنچىلىك داڭلىقكى، قىزىلجاھاممام دېيىلگەن ھامان بىرىنچى بولۇپ ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدىغىنى ئارىشاڭلىرىدۇر. قىزىلجاھاممامنىڭ ئارىشاڭلىرىنىڭ تارىخىي رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىگىچە سوزۇلىدۇ.
كۆركەم قارىغايزارلىقلىرى، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلىرى بىلەنمۇ بىلىنىدىغان قىزىلجاھاممام، ساياھەت جەھەتتىن ئەنقەرەنىڭ ئەڭ ئاۋات ناھىيەلىرىدىن بىرىدۇر. ھەر يىلى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىن مىڭلارچە زىيارەتچى تېرمال سۇلاردىن ۋە تەبىئەت تەنتەربىيەسىدىن بەھرىمەن بولۇش ياكى دەم ئېلىش ئۈچۈن بۇ گۈزەل ناھىيەنى زىيارەت قىلىدۇ.
قىزىلجاھاممامنىڭ بىكاربوناتلىق، مونوخلورلۇق، ناترىيلىق ۋە سۇلفئارسېنىدلىق بىرىكمىگە ئىگە بولغان تېرمال سۇلىرىنىڭ ئىسسىقلىق دەرىجىسى 44 - 86 گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. ناھىيە ئارىشاڭلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن بىر كۈنلۈك كېلىدىغانلارغىمۇ، بىرقانچە كۈن تۇرۇشنى خالايدىغانلارغىمۇ تولۇق شارائىت يارىتىپ بېرىلىدۇ.
قىزىلجاھاممامنىڭ شىپالىق سۇلىرىغا كەلسەك، بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا، قىزىلجاھاممام ئارىشاڭلىرىنىڭ رېماتىزم، يۈرەك، قان ئايلىنىش، مۇسكۇل چارچاش، جىگەر ۋە ئۆت خالتىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە تولۇقلاش خاراكتېرلىك شىپا بولىدىغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان. مۇتەخەسسىسلەرگە كۆرە، بوغۇم، قېتىپ قېلىش، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، ئاشقازان ۋە نېرۋا كېسەللىكلىرىمۇ قىزىلجاھاممام ئارىشاڭلىرىدا شىپالىق تاپالايدىكەن.
قىزىلجاھاممام تۈركىيەدە پەقەت تېرمال سۇلىرى بىلەنلا ئەمەس، مىنېرال ۋە بۇلاق سۇلىرى بىلەنمۇ دۇنياغا داڭلىق. قىزىلجاھاممامدىن چىقىدىغان مول مېنېرال سۇلار شېشىلەرگە قاچىلىنىپ، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ باشقا رايونلىرىدا ياشاۋاتقانلارمۇ بۇ شىپالىق سۇلاردىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
تېرمال سۇلار، مېنېرال سۇلار ۋە بۇلاق سۇلىرى جەھەتتىن ناھايىتى مول مەنبەلەرگە ئىگە بولغان قىزىلجاھاممام يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «سۇ فېستىۋالى» غا ساھىبخانىلىق قىلماقتا. ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان فېستىۋال ئارقىلىق ناھىيەنىڭ تەبىئىي مەنبەلىرىنى مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا تونۇشتۇرۇش نىشان قىلىنماقتا.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئارىشاڭلىرى بىلەن كەم دېگەندە قىزىلجاھاممامچىلىك داڭ چىقارغان ئەنقەرەنىڭ يەنە بىر ناھىيەسى بولسا ھايمانادۇر. ئەنقەرەدىن 73 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ھايمانا ئارىشاڭلىرى ئىنسانلار تەرىپىدىن ناھايىتى يىراق قەدىمكى دەۋىردىن تارتىپلا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، تارىخىي پادىشاھ يولى ئېغىزىغا جايلاشقان ھايمانانىڭ تېرمال سۇلىرىنى تۇنجى قېتىم ھىتىتلەر ئىشلەتكەن. ھىتىتلەرنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000 - يىللاردا ئانادولۇدا ياشاپ ئۆتكەن بىر قەۋىم ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، بۇ ئارىشاڭنىڭ 4 مىڭ يىلدىن ئارتۇقراق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە كۆرە، كېلتلەرنىڭ ئەڭ شەرقتىكى قەبىلىسى ھېسابلىنىدىغان ۋە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردە ئانادولۇدا ياشاپ ئۆتكەن گالاتلارمۇ ھايمانا ئارىشاڭلىرىنى ئىشلەتكەن. گالاتلار بۇ يەرگە «شىپالىق گالاتيا» دەپ نام بەرگەن. ئانادولۇدا ھىتىتلەر بىلەن گالاتلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان يادىكارلىقلارنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن رىملىقلارمۇ ھايمانا ئارىشاڭلىرىنى ئىشلەتكەن، رايونغا يېڭى مۇئەسسەسەلەرنى بەرپا قىلدۇرغان.
ھايمانا ئارىشاڭلىرىنىڭ تەخمىنەن 44 - 45 گىرادۇس ئەتراپىدا چىقىدىغان سۇلىرى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆپلىگەن كېسەللىكلەرگە شىپا بولماقتا. بىكاربونات، كالسىيۇم، سوديۇم، ماگنېزيۇم ۋە كاربون تۆت ئوكسىد بىرىكمىلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئارىشاڭ سۈيى، مۇنچا ۋە ئىچىملىك سۇغا ئېھتىياجى بارلارغا شىپا تارقاتماقتا. مۇتەخەسسىسلەرگە كۆرە، ھايمانا ئارىشاڭلىرىدا يۇيۇنۇپ بېرىش ئارقىلىق رېماتىزم، يۈرەك، قان ئايلىنىش، نېرۋا ئاغرىش، نەپەس يوللىرى ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ساقايتقىلى بولىدىكەن. ئارىشاڭ سۇلىرىنى ئىچىپ بەرگەندە، ئاشقازان، جىگەر، ئۆت خالتىسى ۋە ئۇيقۇلۇق بېزىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدىكەن.
ئەنقەرەگە يېقىن بولۇشى تۈپەيلى قاتنىشى ناھايىتى قولاي بولغان ھامانا ئارىشاڭلىرىدىن بىر كۈنلۈك ۋەياكى ناھىيەدە بىر مەزگىل تۇرۇش ئارقىلىق بەھرىمەن بولۇش مۇمكىن. ناھىيەدە كۈندىلىك ئىشلىتىلىدىغان ئارىشاڭلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان تېرمال مېھمانسارايلار ۋە ساغلاملىق مەركەزلىرىمۇ بار.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر