«ئودېسسىيس» ئالەم ئاپپاراتى ئايغا قوندى

ئامېرىكانىڭ «ئودېسسىيس» (Odysseus) ئاپپاراتى ئايغا قوندى. بۇ 1972-يىلدىن بۇيانقى ئامېرىكانىڭ تۇنجى قېتىم ئالەم ئاپپاراتىنىڭ ئايغا قونۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

2106651
«ئودېسسىيس» ئالەم ئاپپاراتى ئايغا قوندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA)، «Intuitive Machines» شىركىتىنىڭ « IM-1»ۋەزىپىسى دائىرىسىدە «SpaceX» ياسىغان «Falcon 9» راكېتاسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتىلگەن «ئودېسسىيس» ئالەم ئاپپاراتىنىڭ، ئاينىڭ جەنۇبىي قۇتۇبىدىكى رايونغا ئۈرۈمچى ۋاقتى 05.23 دە قونغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ناسانىڭ باشقۇرغۇچىسى بىل نېلسون (Bill Nelson) نەق مەيدان تارقىتىشتا: «ئامېرىكا بۈگۈن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئايغا قايتتى. بۈگۈن ناسانىڭ سودا شېرىكلىرى كۈچىنى ۋە ۋەدىسىنى نامايان قىلغان بىر كۈن» دېدى.

ئايغا قونۇپ 15 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئاجىز بولسىمۇ سىگنال ئەۋەتىشكە باشلىغان «ئودېسسىيس»، ئارىدىن 50 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندە، ئاينىڭ يەر يۈزىگە قونغان تۇنجى خۇسۇسىي شىركەت ياسىغان ئالەم ئاپپاراتى بولۇپ قالدى. «ئودېسسىيس» «17-ئاپوللو» دىن كېيىن، ئايغا يەڭگىل قونغان ئامېرىكانىڭ بىر خۇسۇسىي شىركىتىنىڭ ئالەم ئاپپاراتى بولۇشى سۈپىتىدە تارىخقا يېزىلدى.

«ئودېسسىيس» 15-فېۋرال «SpaceX» ياسىغان «Falcon 9» راكېتاسى بىلەن فلورىدانىڭ كېننېدىي ئالەم مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

ناسا بىر قانچە يىل ئىچىدە ئايغا ئادەم ئەۋەتىش پىلانى رامكىسىدا، «Intuitive Machines» شىركىتىگە «ئودېسسىيس» نى ياسىشى ئۈچۈن 118 مىليون دوللار تۆلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر