ئەردوغان ۋە رەپىقىسى ئەمىنە خانىم ئايبۈكە فىلىمىنى بىرلىكتە كۆردى

ئەردوغان ۋە ئەمىنە ئەردوغان باتماننىڭ كوزلۇق ناھىيەسىدە 2017-يىلى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىدە شېھىت بولغان 22ياشلىق ئوقۇتقۇچى شەناي ئايبۈكەنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتى مەزمۇن قىلىنغان«ئايبۈكە؛ مەن ئوقۇتقۇچى بولدۇم!»فىلىمىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

2068405
ئەردوغان ۋە رەپىقىسى ئەمىنە خانىم ئايبۈكە فىلىمىنى بىرلىكتە كۆردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت بىلەن بىرلىكتە ئىشلەنگەن ۋە 24-نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناۋىتى بىلەن ھەر قايسى كىنوخانىلاردا قويۇلىدىغان فىلىمنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى، پايتەخت ئەنقەرەدىكى بەشتەپە خەلق كونگرە ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  فىلىمنى رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، شېھىت ئوقۇتقۇچى ئايبۈكە يالچىننىڭ ئانىسى زەھرا، دادىسى سادىق، ئىنىسى ئايبارس يالچىن ۋە فىلمدە رول ئالغان ئارتىسلار بىرلىكتە كۆردى.

فىلىم ئاخىرلاشقاندا، شېھىت ئوقۇتقۇچىنىڭ ئائىلىسى سەھنىدە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئەمىنە ئەردوغانغا  ئايبۈكە يالچىننىڭ «باغلىما» چالغۇسىنى ھەدىيە قىلدى.

ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجىمۇ ئەمىنە ئەردوغانغا شېھىت ئايبۈكە يالچىننىڭ سىمۋوللۇق فوتوگرافىدا قوللىنىلغان قىزىل يېزىقنى ۋە باغلىمانىڭ مىنياتۇرىنى تەقدىم قىلدى.

مەزكۇر فىلىمنىڭ سېنارىيەسىنى ئۇغۇر قىلىچ بودۇر يازغان بولۇپ، مۇرات ئونبۇل رېژىسسورلۇق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر