ئەردوغان ئەلەۋىيلەرنىڭ مۇھەررەم ئىپتارىغا قاتناشتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ پەندىك رايونىدىكى ئەلى بابا جەمئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھەررەم ئىپتارىغا قاتنىشىپ، ئىشتىراكچىلارغا ئىتتىپاقلىقنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

2017536
ئەردوغان ئەلەۋىيلەرنىڭ مۇھەررەم ئىپتارىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئەھلى بەيت (مۇھەممەد ئەلەيھسىسالامنىڭ قىزى، كۈيئوغلى ۋە نەۋرىلىرىدىن تەركىب تاپقان ئائىلىسى)نى سۆيۈش ئادالەت ۋە ھەققانىيەت، ھەق ۋە ھەقىقەت مەسىلىسىدە تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. بىز بۇ ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن ئۆتكەن يىلى جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم قەدەمنى بېسىپ، ئەلەۋى بەكتاشى مەدەنىيەت ۋە جەمئۆيى باشقارمىسىنى تەسىس قىلدۇق» دېدى.

ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم قەدەمنى بېسىپ، ئەلەۋى بەكتاشى مەدەنىيەت ۋە جەمئۆيى باشقارمىسىنى تەسىس قىلغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «بىز دۆلىتىمىزنىڭ ھالقىلىق ئۇل تېشى دەپ قارايدىغان ئەلەۋى بەكتاشى قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇلار ئىنتىرازلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ھوقۇقلىرىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تاشلىغان قەدەملىرىمىزنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن» دېدى.

ئەردوغان بىر مىللەت بولۇش ئېڭىنىڭ كۈندىن- كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز سۈننىي، ئالەۋى، تۈرك ۋە كورد... ھەممە بىرلىكتە قېرىنداش ۋە بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى جاكارلىغان بۇ ئورگاننى كېچىكىپ كەتكەن بىر ھەقنىڭ تاپشۇرۇلۇشى دەپ قوبۇل قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر