جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رەغائىب قاندىلىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەغائىب قاندىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.
1938489
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاياسوفيائى كەبىر جامەئى شەرىفنىڭ فوتو – سۈرىتىگە ئورۇن بەرگەن ئۇچۇرىدا: «رامىزانغا يېقىنلاشقانلىقىمىزنىڭ خۇش بېشارەتچىسى بولغان ئۈچ ئايلار ئارقىلىق بۇ (تۈنۈگۈن) كېچە كېلىدىغان رەغائىبنىڭ خەلقىمىز ۋە پۈتكۈل ئىسلام ئالەمىگە خەيرلىكلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى تىلەيمەن. (رەغائىب) كېچىمىز مۇبارەك بولسۇن!»