ئىككىنچى رامسېسنىڭ چىرايى رەقەملىك مۇھىتتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

قەدىمكى مىسىرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك فىرئەۋنى ئىككىنچى رامسېسنىڭ چىرايى ئارىدىن 3200 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۆرۈلدى.

1924252
ئىككىنچى رامسېسنىڭ چىرايى رەقەملىك مۇھىتتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
firavun ıı ramses.jpg
firavun 2. ramses.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ۋە مىسىر ئالىملىرى، رامسېسنىڭ مومياسىنى توموگرافىك ئۈسكۈنىسى بىلەن سىكانىرلىغاندىن كېيىن، قېرىش مۇساپىسىنى كەينىگە قايتۇرۇش ئارقىلىق ئىككىنچى رامسېسنىڭ كۈچىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىكى چىرايىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

بۇ، ھەقىقىي باش سۆڭىكى ئېلېكترون توموگرافىسى ئارقىلىق سىكانىرلانغان فىرئەۋننىڭ تۇنجى «ئىلمىي يۈزنى قايتا قۇرۇش» خىزمىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ تۈرگە يېتەكچىلىك قىلغان قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى ساھار سالىم: «ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن چىراي ئىككىنچى رامسېسنىڭ قاڭشارلىق، ئېڭىكى كۈچلۈك ناھايىتى كېلىشكەن بىر مىسىرلىق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر