گېرمانىيەدىكى تۈركلەر موھتاجلارغا ياردەم قىلدى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ئۆيى يوقلار ۋە ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا يېمەكلىك ياردەم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تارىختىكى كۆلىن چوڭ چېركاۋىنىڭ ئەتراپى، مەركىزىي پويىز ئىستانسىسى ۋە برېسلاۋېر مەيدانى ئەتراپىدا «ئۆيسىزلەر كۈنى» دائىرىسىدە تارقىتىلغان دۆنەر كاۋىپى، ئايران ۋە تاتلىق – تۇرۇملاردىن تەشكىل تاپقان يېمەك - ئىچمەك ئورالمىسىنى سېتىۋالماقچى بولغان موھتاج كىشىلەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆچىرەت شەكىللەندۈردى.
«مەرھابا&ماھلزېيت» ياردەم جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تولگا ئۆزگۈل بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ياردەم ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغۇنلار ئىچىدە تەسىرلىنىپ يىغلىغانلار بولدى. بىر موھتاج كىشى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 6 ئاي ئىلگىرى دۆنەر كاۋىپى يېگەنلىكىنى ۋە بۇ تاماقنى بەك ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز بۇ ياردەم پائالىيىتىنى ساخاۋەتچىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»
ياردەمدىن تەخمىنەن 200 دەك ئېھتىياجلىق كىشى بەھرىمەن بولدى.