كاپادوكيانى ئىيۇن ئېيىدا 382 مىڭ ساياھەتچى زىيارەت قىلدى
تۈركىيەنىڭ مۇھىم ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان كاپادوكيا 6-ئايدا 381 مىڭ 761 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.
1852771
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەۋشەھىر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەرىباجالىرى، ئىسسىق ھاۋا شارلىرى، يەر ئاستى شەھەرلىرى، تاشتىن ئويۇلغان مېھمانخانىلىرى ۋە چېركاۋلىرى بىلەن ئالدىنقى پىلانغا چىققان كاپادوكيا رايونىنى ئىيۇن ئېيىدا 381 مىڭ 761 ساياھەتچى زىيارەت قىلغان.
مۇزېيلار ئارىسىدا زەلۋە خارابىلىكلىرىنى 102 مىڭ 258 ساياھەتچى زىيارەت قىلغان.
گۆرەمە ئوچۇق ھاۋا مۇزېيىنى 99 مىڭ 737 ساياھەتچى، قايماقلى يەر ئاستى شەھىرىنى 54 مىڭ 247 ساياھەتچى زىيارەت قىلغان.