41 نەۋرىسى بار دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئەر

ۋېنېزۇئېلالىق خۇەن ۋېنۋېنتى مورا (Juan Vincente Mora) 113 ياشقا كىرگەن بولۇپ، «دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئەر» ئۇنۋانىغا ئېرىشتى ۋە جىننېس دۇنيا رېكورتى قامۇسىغا كىردى.

1829472
41 نەۋرىسى بار دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇەن ۋېنۋېنتى مورا 1909-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋېنېزۇئېلادا تۇغۇلغان، ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ 10 پەرزەنتىنىڭ توققۇزىنچىسى. ئۇنىڭ 11 پەرزەنتى، 41 نەۋرىسى، 18 چەۋرىسى ۋە 12 ئەۋرىسى (نەۋرىسىنىڭ نەۋرىلىرى) بار. ئايالى 60 يىل بىللە ياشاپ، 1997-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.


خەتكۈچ: #قامۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر