ناسا مارستا يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) مارستا ھازىرغىچە خاتىرىلەنگەن ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەشنىڭ 5 بال ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1824804
ناسا مارستا يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسا 4-ماي (2022) مارستا يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، مارستىكى يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىدىغان InSight ئەسۋابى 4-ماي مارستا 5 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى بايقىغان. بۇ باشقا پىلانېتادا بايقالغان ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش بولۇپ، ئالىملار يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىنى ۋە مەنبەسىنى بېكىتىش ئۈچۈن تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

ئالىملار بۇ خىل تەبىئەت ۋەقەلىرىنى تەتقىق قىلىپ، مارس ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلماقتا.

InSight ئەسۋابى 2018-يىلى نويابىردا مارسقا يېتىپ بارغاندىن بۇيان 1 مىڭ 313 قېتىمدىن كۆپ يەر تەۋرەشنى بايقىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر