قەدىر كېچىسى ناماز ۋە دۇئالار بىلەن ئىدراك قىلىندى
تۈركىيەدە قەدىر كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن جامەلەرگە سەل بولۇپ ئاققان كىشىلەر، مىڭ ئايدىن خاسىيەتلىك دەپ قارىلىدىغان قەدىر كېچىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن جامەلەردە سەپكە تىزىلدى.
1819667
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىشىلەر مىڭ ئايدىن خاسىيەتلىك دەپ قارىلىدىغان قەدىر كېچىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن جامەلەردە سەپكە تىزىلدى.
ئىستانبۇل ئاياسوفيائى كەبىر جامەسىدىمۇ قەدىر كېچىسى پىروگراممىسى ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى ئاياسوفيادا تاتلىق تۈرۈم، گۈل سۈيى ۋە كىچىك بالىلارغا شاكىلات تارقاتتى.
ئاياسوفيادا قەدىر كېچىسى پىروگراممىسى بۈگۈن ئەتىگەن (28-ئاپرېل) سەھەرگىچە داۋاملاشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تۇنجى ئوپېرا ئوينالدى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۇنجى چوڭ ئوپېرا پايتەخت رىيادتا تۇنجى قېتىم ئوينالدى.