1400يىللىق ئېستېتىكا تەجرىبىلىرىنىڭ نامايەندىسى قوليازما قۇرئان كەرىم تونۇشتۇرۇلىدۇ

ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئېستېتىكا تەجرىبىلىرىنى يالغۇز بىر ئەسەردە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىستانبۇل مۇسھافى (قوليازما قۇرئان كەرىم) ئەتە (27-ئاپرېل) تونۇشتۇرۇلىدۇ.

1818481
1400يىللىق ئېستېتىكا تەجرىبىلىرىنىڭ نامايەندىسى قوليازما قۇرئان كەرىم تونۇشتۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل چاملىجا جامەسىدە، تۈركىيەدە تەييارلانغان ۋە 1400 يىللىق «مۇسھاف» ئەنئەنىسىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن قوليازما قۇرئان كەرىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا يەتتە يىلدا تاماملانغان قوليازما قۇرئان كەرىمنى تونۇشتۇرۇش، قەدىر كېچىسى تەبرىكلىنىدىغان 27-ئاپرېلدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان 66 كىشىلىك گۇرۇپپىنىڭ بىر قانچە يىلغا سوزۇلغان تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە تەييارلانغان ئەسەر، 10 جىلدتىن تەركىپ تاپىدۇ.

ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەدىم قىلىنغاندىن كېيىن، ئالاھىدە مېتود ۋە تېخنىكىلار بىلەن بېسىلغان 1000 يۈرۈش نۇسخا، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىغا، دىن ئادەملىرىگە، بەزى كۇتۇپخانىلارغا ۋە داڭلىق جامەلەرگە سوۋغا قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر