شاھىن بىلەن تۆرەجىگە بېلگىيەدە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى

گېرمانىيە بىيوتېخنىكا شىركىتى (BioNTech) نىڭ قۇرغۇچىلىرى پىروفېسسور دوكتور ئوغۇر شاھىن بىلەن پىروفېسسور دوكتور ئۆزلەم تۈرەجىگە بېلگىيە ئانۋېرس ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن  پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.

1805361
شاھىن بىلەن تۆرەجىگە بېلگىيەدە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە بىيوتېخنىكا شىركىتى (BioNTech) نىڭ قۇرغۇچىلىرى، تۈرك ئالىملار پىروفېسسور دوكتور ئوغۇر شاھىن بىلەن پىروفېسسور دوكتور ئۆزلەم تۈرەجى،  «كوۋىد – 19» ۋاكسىناسى تېخنولوگىيەسىدە باشلامچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بېلگىيە ئانۋېرس ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن  پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

ئانۋېرس ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا ۋە ساغلاملىق پەنلىرى فاكۇلتېتى، mRNA تېخنىكىسى ۋە بۇ دائىرىدە، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قوغدايدىغان ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش خىزمىتىگە باشلامچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن،  پىروفېسسور دوكتور ئوغۇر شاھىن بىلەن پىروفېسسور دوكتور ئۆزلەم تۈرەجىگە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى.

 

ئانۋېرس ئۇنىۋېرسىتېتىدا كونفېرانس بىلەن بىرلىكتە  ئۆتكۈزۈلگەن پىروفېسسور دوكتور ئوغۇر شاھىن بىلەن پىروفېسسور دوكتور ئۆزلەم تۈرەجىگە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمىغا،  تۈركىيەنىڭ بىريۇسسېل باش ئەلچىسى دوكتور ھەسەن ئۇلۇسويمۇ قاتناشتى ھەم ئالىملارنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر