«قىزىقىش» ناملىق چارلاش ماشىنىسى مارستا كاربون ئىزىنى بايقىدى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) «قىزىقىش» (Curiosity) توپلىغان چۆكمە ئەۋرىشكىلىرىدە قىزىل پىلانېتادا كاربوننىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1765071
«قىزىقىش» ناملىق چارلاش ماشىنىسى مارستا كاربون ئىزىنى بايقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) «قىزىقىش» (Curiosity) توپلىغان چۆكمە ئەۋرىشكىلىرىدە قىزىل پىلانېتادا كاربوننىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مارستا كاربون ئىزىنىڭ بايقىلىشى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ پىلانېتادا مەۋجۇت بولغان ھاياتلىق ئېھتىمالىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

كاربوننىڭ يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى مەلۇم، كاربون دەۋرىيلىكى كاربون ئاتوملىرىنى يىغىۋېلىشنىڭ تەبىئىي جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.

يەرشارىدا كاربون ئاتوملىرى ئاتموسفېرادىن تۇپراققا، تۇپراقتىن ئاتموسفېراغا قايتقاندا بىر دەۋرىيلىكنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئوكيان ۋە ئاتموسفېرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ (NOAA) دوكلاتىغا قارىغاندا، كاربوننىڭ كۆپىنچىسى تاش ۋە چۆكمىلەردە ئىكەن. قالغانلىرى دېڭىز-ئوكيان، ئاتموسفېرا ۋە جانلىقلاردا ئۇچرايدۇ.

يەر شارىدىكى كاربون ئاتوملىرىنىڭ يىغىۋېلىش دەۋرىيلىكى بىلەن بىئولوگىيەلىك ھاياتنى كۆرسىتىشى، تەتقىقاتچىلارنىڭ مارستا ھاياتلىق بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.

ناسانىڭ چارلاش ماشىنىسى «قىزىقىش» 2012-يىلى 8-ئايدا قىزىل پلانېتادىكى گالې كرېيتېر (Gale Krateri) غا قونغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر