بىيونتېك ۋاكسىناسىنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتىغا قارشى ئۈنۈمى تۆۋەنلىگەن

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە قىلىنغان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى، ئىككى شىشە فايزېر-بىيونتېك ۋاكسىناسىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئومىكرون ۋارىيانتىغا قارشى ئۈنۈمىنىڭ %33 ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1747522
بىيونتېك ۋاكسىناسىنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتىغا قارشى ئۈنۈمى تۆۋەنلىگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتى تۇنجى بولۇپ بايقالغان ۋە ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئەڭ خەتەرلىك ۋارىيانت بولۇۋاتقان جەنۇبىي ئافرىقادىكى دىسكاۋېرى ئىستراخۇانىيە شىركىتىنىڭ، 2021-يىلى 15-نويابىردىن 7-دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا 78 مىڭ ئومىكرون ۋەقەسى ئۈستىدە قىلغان تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

نەتىجىگە ئاساسلانغاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ دېلتا ۋارىيانتىغا قارشى ئۈنۈمى %80 بولغان ئىككى شىشە فايزېر-بىيونتېك ۋاكسىناسىنىڭ، ئومىكرون ۋارىيانتىغا قارشى ئۈنۈمى %33 كە تۆۋەنلىگەن. دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا قارشى ئۈنۈمى بولسا، %70 كە تۆۋەنلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر