دۇنيا مېتېرولوگىيە تەشكىلاتى «2021-يىللىق دۇنيا كىلىمات ئەھۋالى» دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

يېقىنقى يەتتە يىلنىڭ «خاتىرىلەردىكى ئەڭ ئىسسىق يەتتە يىل» بولۇش يولىدا ئىگىرىلەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1727553
دۇنيا مېتېرولوگىيە تەشكىلاتى «2021-يىللىق دۇنيا كىلىمات ئەھۋالى» دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مېتېرولوگىيە تەشكىلاتى (WMO) ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ رامكا كېلىشىمى 26-قېتىملىق تەرەپلەر كونفېرانسى (COP26) بىرىنچى كۈنىدە، يانۋاردىن سېنتەبىرگىچە بولغان مەزگىلدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ تەييارلىغان «2021-يىللىق دۇنيا كىلىمات ئەھۋالى» دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

ب د ت ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىپ تەييارلانغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى 2015-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئەڭ ئىسسىق يىل ئىكەن. ئۆتكەن يىلى (2020) ئاتموسفېرادىكى سەرا گازىنىڭ زىچلىقى يېڭى پەللىگە يەتكەن.

سەرا گازىنىڭ زىچلىقى يەر شارى تېمپېراتۇراسىغا تەسىر كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن، يەر شارى تېمپېراتۇراسى بۇ يىل (2021) يانۋاردىن سېنتەبىرگىچە بولغان مەزگىلدە، 1850-يىللاردىن 1900-يىللارغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇراغا سېلىشتۇرغاندا 1.09 گىرادۇس يۇقىرى بولغان.

كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن يەر شارىنىڭ دېڭىز سەۋىيەسى 1993-يىلدىن 2002-يىلغىچە بولغان مەزگىلدىكى 2.1 مىللىمېتىرلىق ئۆرلەشتىن، 2013-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان مەزگىلدىكى 4.4 مىللىمېتىرلىق ئۆرلەشكە يەتكەن. دېڭىز سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشى مۇز قاتلىمىدىكى تېز ئېرىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس دوكلات ئۈستىدە توختىلىپ، دېڭىز-ئوكيان سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشىدىن ئېرىۋاتقان مۇز قاتلاملىرىغىچە بولغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېكولوگىيەلىك سىستېما ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ خاراب بولۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «26-قېتىملىق تەرەپلەر كونفېرانسى ئىنسانىيەت ۋە پىلانېتامىز ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشى، رەھبەرلەر ھەرىكىتىدە ئېنىق بولۇشى كېرەك. ھەل قىلىش چارىلىرى ئوتتۇرىدا تۇرۇپتۇ. ئەمدى قەتئىيلىك ۋە باراۋەرلىكنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، كېلەچەكىمىز ۋە ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇشىمىز كېرەك» دېدى.

 دۇنيا مېتېرولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پېتتېرى تائالاس (Petteri Taalas) كۆپ يۈز بېرىۋاتقان ھاۋا رايى ۋەقەلىرىنىڭ يېڭى نورمال ھادىسىلەر ھالىغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىر قىسمىغا ئىنسانلار سەۋەب بولغان كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئىزلىرى بارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ئىسپاتلار بار. سەرا گازى قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ ئېشىش تېزلىكى، پارىژ كىلىمات كېلىشىمى رامكىسىدا دۇنيا تېمپېراتۇراسىنىڭ ئۆرلىشىنى سانائەتتىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە سېلىشتۇرغاندا 1.5 گىرادۇس بىلەن چەكلەش نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا 26-قېتىملىق تەرەپلەر كونفېرانسى ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن بۇرۇلۇش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر