ئالەم بوشلۇقىدا سۈرەتكە ئېلىنىدىغان تۇنجى فىلىمنىڭ ئارتىس ۋە رېژىسسورى ئالەم بوشلۇقىغا يوللاندى

رۇسىيە دۇنيادىكى تۇنجى ئالەم بوشلۇقىدا سۈرەتكە ئېلىنىدىغان فىلىم ئۈچۈن بىر ئارتىس بىلەن بىر رېژېسسورنى سويۇز-م.س-19 ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا قويۇپ بەردى.

1714966
ئالەم بوشلۇقىدا سۈرەتكە ئېلىنىدىغان تۇنجى فىلىمنىڭ ئارتىس ۋە رېژىسسورى ئالەم بوشلۇقىغا يوللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 37 ياشلىق ئارتىس يۇلىيا پېرېسىلد بىلەن 38 ياشلىق كىنو رېژىسسورى كىلىم شىپېنكو قازاقىستاننىڭ بايقونۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا قويۇپ بېرىلدى.

ۋىزوۋ (سىناق) ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئالىدىغان ئەترەت ئالەم بوشلۇقىدا 12 كۈن تۇرىدۇ.

فىلىمنىڭ بىر ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئەۋەتىلگەن بىر ئايال تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ ھېكايىسىنى تېما قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر