تۈركسات ئامېرىكا سپيىس ئېكس توختام تۈزدى

ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سىناق باسقۇچىنى 2022-يىلىدا ئاخىرلاشتۇرۇش پىلان قىلىنغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى مىللىي خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى «6A –تۈركسات» نى قويۇپ بېرىش توختامى، تۈركسات شىركىتى بىلەن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى شىركىتى سپيىس ئېكس (Space X) بىلەن تۈزۈلدى.

1707322
تۈركسات ئامېرىكا سپيىس ئېكس توختام تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتناش مىنىستىرى ئادىل كارائىسمائىلئوغلۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «6A –تۈركسات» مىللىي خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھ لايىھەسى توختامى ۋە قوشۇمچە كېلىشىمنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا، قاتناش مىنىستىرلىقى، تۈركىيە تەبىئىي پەن ۋە تېخنولوگىيە تەتقىقات ئىدارىسى-تۈبىتاك، تۈركسات شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىپ رەسمىي باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ دۇنيادا خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى ياسىيالايدىغان 10 دۆلەتنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سۈنئىي ھەمراھنى ياساش ۋە سىناق قىلىش باسقۇچى 2022-يىىنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدۇ ۋە 2023-يىلىنىڭ تۇنجى چارىكىدە قويۇپ بېرىش پىلان قىلىندى» دېدى.

ئۇ سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ تۈركسات شىركىىتنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «تەتقىقات ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرى لايىھەنى باشقۇرىدىغان تۈبىتاك ئىدارىسى ۋە باشقا ئورتاق شىركەتلەر بىلەن كوردىناتسىيە ھالىدا بولىدۇ. قويۇپ بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن شىركەتلەردىن تەكلىپلەر ئېلىندى. باھالاش ۋە مۇزاكىرەلەر نەتىجىسىدە، تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ مۇۋاپىق تەكلىپ سۇنغان سپيىس ئېكس شىركىىتنىڭ <9-فالكون> راكېتاسى تاللاندى. بۇ رامكىدا، تۈركسات شىركىتى سپيىس ئېكس شىركىتى بىلەن توختام تۈزۈپ ئىمزالىدى. بۇ تۈركسات شىركىتىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش شىركىتى بىلەن بىۋاستە ئىمزالىغان تۇنجى توختامى بولۇپ قالدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر