فرىگ ۋادىسىدا ئىسسىق ھاۋا شارى ساياھەتچىلىكى باشلاندى
ئافيونقاراھىسارنىڭ ئىھسانىيە ناھىيەسى فرىگ ۋادىسىدا ئىسسىق ھاۋا شارى ساياھىتى باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافيونقاراھىسار ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى ئىدارىسى دېرىكتورى مەھمەت تانىر، ئافيونقاراھىسارنىڭ ساياھەت جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ، ئافيونقاراھىسارنىڭ ئىھسانىيە ناھىيەسى فرىگ رايونىنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈمىدى، بارغان يەرلىرىدە ئۇلار قاتنىشىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ بولۇشىدۇر. ئىسسىق ھاۋا شارى پائالىيىتى ھەم ساياھەتكە رەڭ بېغىشلايدۇ، ھەمدە ساياھەتچىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايدۇ. ئىسسىق ھاۋا شاراى ساياھەتچىلىكى رايونغا كېلىدىغان ساياھەتچى سانىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ساياھەتچىلەر رايوندىكى رەڭدار مەنزىرىلەرنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تۇنجى ئوپېرا ئوينالدى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۇنجى چوڭ ئوپېرا پايتەخت رىيادتا تۇنجى قېتىم ئوينالدى.