گۆبەكلىتەپەدىكى خاتىرە مۇنارى ب د ت مەركىزىدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

شانلىئۇرفا گۆبەكلىتەپەدىكى خاتىرە مۇنارىنىڭ بىر نۇسخىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەركىزىدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

1639824
گۆبەكلىتەپەدىكى خاتىرە مۇنارى ب د ت مەركىزىدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى گۆبەكلىتەپەنىڭ د نۇسخىسى» دەپ ئاتالغان بۆلۈمىدىكى « P18» نومۇرلۇق خاتىرە مۇنارىنىڭ بىر نۇسخسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي سەنئەت ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەركىزىدە ئۇزاق مەزگىللىك كۆرگەزمە قىلىنىدىغان يادىكارلىق، گۆبەكلىتەپەنىڭ ئالەمشۇمۇل بىر مەدەنىيەت مىراسى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم بىر تونۇشتۇرۇش پۇرسىتى سۇنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر