دۇئا ۋە تۆۋبىلەر قوبۇل قىلىنىدىغان قەدىر كېچىسى ئەتە ئىدراك قىلىنىدۇ

ئىسلام دىنىدا رامىزاننىڭ 27-كېچىسىگە توغرا كېلىدىغان، قۇرئان كەرىمدە «مىڭ ئايدىن خەيرىلىك» ئىكەنلىكى زىكىر قىلىنىدىغان قەدىر كېچىسى، ئەتە (2021-يىلى 8-ماي) ئىدراك قىلىنىدۇ.

1636110
دۇئا ۋە تۆۋبىلەر قوبۇل قىلىنىدىغان قەدىر كېچىسى ئەتە ئىدراك قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنىشقا باشلانغان قەدىر كېچىسى «ئاسمانلارنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدىغان، دۇئا ۋە تۆۋبىلەر قوبۇل قىلىنىدىغان قۇتلۇق كېچە» دەپ قارىلىدۇ.

تۈركىيەدە بۇ رامىزاندا يولغا قويۇلغان ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  تەدبىرلىرى رامكىسىدا جامەلەردىكى ئىبادەت پائالىيەتلىرىگە چەكلىمىلەر قويۇلغانلىقى سەۋەبىدىن، قەدىر كېچىسى ئۆيلەردە ئىبادەت ۋە دۇئا قىلىش بىلەن ئىدراك قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر