رەجەپ چاۋدار ھىندىستان كىنو فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

كىنو ئارتىسى رەجەپ چاۋدار ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 11-نۆۋەتلىك دادا ساھېب فالكې فىلىم فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى ياردەمچى ئەر ئارتىس» مۇكااپاتىغا ئېرىشتى.

1632768
رەجەپ چاۋدار ھىندىستان كىنو فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ چاۋدار ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 11-نۆۋەتلىك دادا ساھېب فالكې فىلىم فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى ياردەمچى ئەر ئارتىس» مۇكااپاتىغا ئېرىشتى. مەزكۇر مۇكاپات رەجەپ چاۋدارنىڭ «بىر چۈش كۆردۈم» ناملىق فىلىمدە ئالغان رولى ئۈچۈن بېرىلدى.

مۇرات چەرى رېژىسسورلۇق قىلغان «بىر چۈش كۆردۈم» ناملىق فىلىم، ھىندىستاندىكى 11-نۆۋەتلىك دادا ساھېب فالكې فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلدى.

بىر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن خاتىرىسىنى يوقاتقان كىچىك تارىكنىڭ خىيال ۋە چۈشلىرىنى مەزمۇن قىلغان فىلىمدە، «ئەقىللىق زەكى» نىڭ رولىنى ئالغان رەجەپ چاۋدار «ئەڭ ياخشى ياردەمچى ئەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

رەجەپ چاۋدار مەزكۇر مۇكاپات بىلەن، نىجات ئىشلەرنىڭ «داككا فىلىم فېستىۋالى» دا «ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ يىل (2021) خەلقئارالىق فېستىۋاللاردا مۇكاپات ئالغان ئىككىنچى ئەر ئارتىس بوۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر