«پەيغەمبەر مەسجىدى» دە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشقا بولىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى رامىزان ئېيىدا (12-ئاپرېلدىن 12-مايغىچە) تەراۋىھ نامىزىنىڭ مەدىنەدىكى «پەيغەمبەر مەسجىدى» دە ئوقۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1604261
«پەيغەمبەر مەسجىدى» دە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشقا بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «مەسجىدى ھەرام» ۋە «پەيغەمبەر مەسجىدى» ئىشلىرى مەسئۇلى ۋە كەبە ئىمامى شەيخ ئابدۇرراھمان ئەسسۇدەيس، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن رامىزان ئېيىدا ئىجرا قىلىنىدىغان بەلگىلىمە ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  بۇ دائىرىدە، «پەيغەمبەر مەسجىدى» نىڭ تەراۋەھ نامىزىدىن يېرىم سائەت كېيىن تاقىلىدىغانلىقى، بامدات نامىزىدىن 2 سائەت بۇرۇن ئېچىلىدىغانلىقى، رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنى بولسا مەسجىدنىڭ 24 سائەت ئوچۇق بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رامىزان ئېيىدا 45 مىڭى «پەيغەمبەر مەسجىدى» نىڭ ئىچىدە، 15 مىڭى غەرب تەرەپتە يېڭى بەرپا قىلىنغان ھويلىلاردا بولۇپ، جەمئىي 60 مىڭ كىشىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ناماز قىلالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئالدىنقى يىلى رامىزان ئېيىدا، مەككەدىكى «مەسجىدى ھەرەم» بىلەن مەدىنەدىكى «پەيغەمبەر مەسجىدى» دە تەراۋىھ نامىزىنىڭ جامائەتسىز ئوقۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر