1-پارلامېنت بىناسىدا ئىستىقلال مارشى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ: «مەھمەت ئاكىف ئەرسوي شىېئىرنىڭ ئاڭلىق روھتىن تۇغۇلۇشنى كۆرسىتىپ، ئۆزى ياشىغان زامان ۋە ماكاننى ئىدراك قىلىپ، بىۋاستە خەلقىمىزنىڭ ئاسارەتكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ داستانىنى يازدى» دېدى.

1600181
1-پارلامېنت بىناسىدا ئىستىقلال مارشى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئىستىقلال مارشى قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 100-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدىكى 1- پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشتى.

ئۇ سۆزىدە، خەلقنىڭ بىر مەدەنىيەت توپلۇقى بولۇش سۈپىتىدە، فىزىكىلىق مەۋجۇتلۇق بولۇشتىن سىرت، روھى مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ دۆلەتنىڭ بۇ غايە ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقان ئادەملەر توپلۇقىنىڭ روھىدىن تۇغۇلغان ئەڭ چوڭ خەلق ئورگىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مىللەت بولۇش روھىدىن تۇغۇلغان ۋە يېقىندا 100 ياشقا كىرگەنلىكى تەبرىكلىنىدىغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئۆزىمۇ خەلقنىڭ ھۆررىيىتى ۋە ئادالەت ئۈچۈن تەشكىللەنگەن ھالى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رەھبەرلەر ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ بۇ تەشكىللىنىشنىڭ چوڭ مېمارلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مىللىي روھنى بىنا قىلغانلارنىڭ، جەمئىيەتتە يېتىشكەن ئۇلۇغ شائىرلار، ئالىملار ۋە سەنئەتچىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەھمەت ئاكىف ئەرسوي خەلقىمىزنىڭ ئاسارەتكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ داستانىنى يازدى. مىللىي كۈرەشتىكى ئۇلۇغ ۋە پەقەت مۇجاھىتلار غىلا يارىشىدىغان غەيرەتلىرىنى ئارىدىن 100 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مىننەت بىلەن ئەسلىگىنىمىزگە ئوخشاش، كەلگۈسىدىكى ئەسىرلەردىمۇ ئەۋلادلىرىمىز ئاكىفنى ۋە ئاكىفلارنى ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلەيدۇ.»

ئۇ سۆزىدىن كېيىن ئىستىقلال مارشى قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 100-يىللىقىغا ئاتالغان «ئىستىقلال كۆرگەزمىسى» نى ئاچتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر