تۈركىيە ۋېنگىرىيەدىن يۈزلەرچە تارىخىي ئاسارە - ئەتىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدى

تۈركىيە بۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرى ۋېنگىرىيە تاموژنىسىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن 412 پارچە تارىخىي يادىكارلىقنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

1590670
تۈركىيە ۋېنگىرىيەدىن يۈزلەرچە تارىخىي ئاسارە - ئەتىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋېنگىرىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە مەنسەپدىشى پېتېر سىججارتو بىلەن كۆرۈشتى.

ئىككى مىنىستىرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ۋېنگىرىيەدە قولغا چۈشۈرۈلگەن تارىخىي ئاسارە - ئەتىقىلەرنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

چاۋۇشوغلۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ: «2015 - يىلى ۋېنگىرىيەدە قولغا چۈشۈرۈلگەن ئانادولۇغا ئائىت تارىخىي ئاسارە - ئەتىقىلەرنى خەلقىمىزگە ۋاكالىتەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرىمىز مەھمەت نۇرى ئەرسويغا يەتكۈزۇپ بېرىش مەقسىتىدە تاپشۇرۇپ ئالدۇق. دوست ۋىنگىرىيەگە بۇ جەرياندىكى ياردەملىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز» دېدى.

ۋېنگرىيە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى تەخمىنەن ئالتە يىل ئىلگىرى تاموژنىدا بىر ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈپ، رىم دەۋرىدىكى مەرمەر ھەيكەل بېشى، مەرمەر ھەيكەل، مېتال، ياغاچ ۋە تاش بىلەن تەڭگىلەردىن تەركىب تاپقان 412 تارىخىي ئاسارە – ئەتىقىنى قولغا چۈشۈرگەنىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، تارىخىي ئاسارە – ئەتىقىلەرنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش مۇساپىسىنى باشلىغانىدى.

تاپشۇرۇپ ئېلىنغان مەزكۇر تارىخىي ئاسارە - ئەتىقىلەر پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئانادولۇ مەدەنىيەت مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر