بىرمادا ئارمىيە تەرەپ Facebook نى تاقاشنى قارارلاشتۇردى
بىرمادا 2020-يىلى 8 – نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا ئالدامچىلىق قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئارمىيە Facebook نى ۋاقتىنچە تاقاشنى قارار قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما خەۋەرلىشىش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى تېلېگراف شىركىتى MPT ۋە بۇ دۆلەتتىكى شەخسىي ئىنتېرنېت مۇلازىمېتىرلىرىغا، 7-فېۋرالغىچە Facebook قا كىرىشىنى چەكلەش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، بۇ قارارنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «نۆۋەتتە بىر قىسىم كىشىلەر Facebook نى ئىشلىتىپ، يالغان خەۋەر - ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق خەلقنىڭ نەزىرىدە ئۇقۇشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.»
ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقىدىن كېيىن، 23 مىليون ئابونتقا ئىگە MPT ، Facebook ، Instagram ۋە WhatsApp يۇمتاللىرىغىمۇ چەكلىمە قويدى، باشقا تېلېگراف شىركەتلىرى بولسا پەقەت Facebook نىلا چەكلىدى.
Facebook باياناتچىسى ئاندىرى ستونېمۇ، بىرمادا Facebook قا كىرگىلى بولمايۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.