خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار فىرانسىيە ئۈستىدىن ب د ت غا ئەرز سۇندى

خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە مۇسۇلمانلارغا ئايرىمچىلىق قىلمىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى.

1568842
خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار فىرانسىيە ئۈستىدىن ب د ت غا ئەرز سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 13 دۆلەتتىن 36 دىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلات، فىرانسىيەنىڭ ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى قوللىغانلىقى ۋە تالاش – تارتىشلىق «بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش» قانۇن لايىھەسى تۈزگەنلىكى سەۋەبلىك فىرانسىيە ئۈستىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىغا ئەرز سۇندى.

ئەرز سۇنغان تەشكىلاتلاردىن CAGE تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، فىرانسىيەنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئايرىمچىلىق قىلمىشلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەنلىكى، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ، ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەجۋىي رەسىملەرنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا قوللىغانلىقى بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، فىرانسىيە دۆلىتىنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىگە ئاساسلىنىدىغان سىياسەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى بارغانسېرى كېڭەيتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىپ، بۇ سىياسەتلەرگە خاتىمە بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى.

ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان شەخسلەرنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن ئەرزنامىدە، بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ شان – شەرىپى ھەم ھەق - ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ئاممىۋى تەشكىلاتلار، فىرانسىيەدىن  «بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش» قانۇن لايىھەسى دەپ بىلىنىدىغان لايىھەنى بىكار قىلىشىنى، ئايرىمچىلىقنى مەنئىي قىلىدىغان قانۇنلارنى چىقىرىشى ھەم دۆلەتتە دىنغا ئاساسلىنىدىغان خۇش پېئىلسىزلىققا قارشى كۈرەش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر