2020 – يىلى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولدى

2020 – يىلى ئەڭ ئىسسىق ئۈچ يىلدىن بىرى بولدى.

1564108
2020 – يىلى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى (WMO) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 2020 – يىلىنىڭ 2016 – ۋە 2019 – يىلدىن كېيىنكى ئەڭ ئىسسىق ئۈچىنچى يىل بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2020-يىلى يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى سانائەت دەۋرىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلدىن 1.2 گىرادۇس يۇقىرى بولغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش، دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: « دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ 2020 – يىلىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشى، يەر شارىمىزدىكى ھاياتلىق ۋە تۇرمۇش مەنبەلىرىنى يوق قىلىۋاتقان  كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ رەھىمسىزلەرچە سۈرئىتىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر