ي ت ب تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى قوللاش پىروگراممىسى ئېلان قىلدى

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى-ي ت ب (YTB) تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرگە قارىتىلغان خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1560029
ي ت ب تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى قوللاش پىروگراممىسى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرستېتلاردا تولۇق كۇرس، ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتقان مىڭلارچە خەلقئارالىق ئوقۇغۇچى، تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئائىلىسىگە ئاكادېمىك، سىياسەتچى، سودا-سانائەتچى، ئىقتىسادشۇناس، تەنتەربىيەچى ۋە سەنئەتچى بولۇپ قېتىلدى.

ي ت ب تۈركىيەدىن قايتقاندىن كېيىن ئۆز دۆلەتلىرىدە ۋە خەلقئارالىق سەھنىلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم روللارنى ئۈستىگە ئالغان تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى قوللاش ئۈچۈن ئىككى پىروگرامما ئېلان قىلدى.

ي ت ب «تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئاكادېمىك جەھەتتىن قوللاش پىروگراممىسى» ۋە «تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر تەنتەربىيە خىزمەتلىرى مۇكاپاتى ۋە قوللاش پىروگراممىسى» بىلەن، تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ماددىي جەھەتتىن قوللايدۇ.

تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئاكادېمىك جەھەتتىن قوللاش پىروگراممىسى رامكىسىدا، تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلارنىڭ، تۈرك مەدەنىيىتى، تىلى ۋە تارىخى ھەققىدە قىلغان تەتقىقاتلىرى ياردەمگە ئېرىشىدۇ.

تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر تەنتەربىيە خىزمەتلىرى مۇكاپاتى ۋە قوللاش پىروگراممىسى رامكىسىدا، تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن تەنتەربىيەچىلەرنىڭ كېلەچەكتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوللاش مەقسىتىدە، مۇكاپات بېرىلىدۇ. پىروگرامما رامكىسىدا، خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مۇسابىقىلەردە، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر قوللاشقا ئېرىشىدۇ.

پىروگراممىلارغا 2021-يىلىدىن باشلاپ يىل ئاخىرىغىچە «basvuru.ytb.gov.tr» ئادرېسىدىن ئىلتىماس قىلىغىلى بولىدۇ. پىروگراممىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى «www.turkiyemezunlari.gov.tr» كۆرگىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر