بىر كۈن 24 سائەتمۇ؟

يەر شارى يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان ئۆز ئوقىدا تېز ئايلانغانلىقى ئۈچۈن كۈنلەرنىڭ قىسقا بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1558344
بىر كۈن 24 سائەتمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتىسى گېزىتى (Daily Mail) كۈنلەرنىڭ قىسقارغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، رەسمىي مەلۇماتلار يېقىنقى 50 يىلدا يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ ئەھۋال بىر كۈننىڭ 24 سائەتتىن قىسقا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نەتىجىدە، مۇتەخەسسىسلەر بۇ پەرقنى تۈگىتىش ۋە زاماننى قايتىدىن يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدىكى ئايلىنىشى بىلەن پاراللېل قىلىش ئۈچۈن، سېكۇنتنى ئۆچۈرۈش ياكى ئۆچۈرمەسلىك ئۈستىدە تالاش- تارتىش قىلغان.

1960-يىللاردىن تارتىپ خاتىرىلەنگەن ئىنچىكە دوكلاتلاردا، يەر شارىنىڭ يېقىنقى 50 يىلدا ئۆز ئوقىدىكى بىر قېتىملىق ئايلىنىشنى 24 سائەتتىن ئاز ۋاقىتتا تاماملاۋاتقانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

2020-يىلى 19-ئىيۇل كۈن 24 سائەتتىن 1.4602 مىلىسېكۇنت قىسقا بولغان بولۇپ، 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قىسقا كۈن بولۇپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر